​جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

日期:2024年04月16日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى​

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

​ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ما شىڭرۇي خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم سۆز قىلدى


4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلىدى ۋە تۈرتكە بولدى.

يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سۆز قىلدى.

يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىجادىي ھۆكۈمنى چىقاردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلدى، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بەردى، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشى توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى» دېگەن مۇھىم ھۆكۈمنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى» دېگەن ئومۇمىي تەلەپنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن نۇقتىلىق ئىگىلەشكە تېگىشلىك تۆت جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سىياسىي مەسىلە. سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە رېئال تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم پىرىنسىپنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، مىللەتلەر ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمەت ۋەزىيىتىنى يارىتىشتىكى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ئىلمىي ئۇسۇلنى ئىگىلەپ، سالماق - پۇختا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «كۈتۈپ تۇرماسلىق» بىلەن «ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق»، «باشقۇرۇش» بىلەن «تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش»، «شىنجاڭنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىش» بىلەن «شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇش»نىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئىقتىدار، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا «يولغا قويۇش پىكرى»دە بېكىتىلگەن ۋەزىپە - تەدبىرلەر چۆرىدىلىپ، دىققەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، بىر ئۇرۇقنى يۆتكەش ئارقىلىق پۈتۈن ۋەزىيەتنى جانلاندۇرىدىغان خىزمەتلەر نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى قانۇن بويىچە تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، زور خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەستە قولغا كەلگەن جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك.

خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ماددىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بولۇپمۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئورتاق يارىتىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تېخىمۇ پايدىلىق بولغان، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تېخىمۇ پايدىلىق بولغان نېگىزلىك ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، دىققەتنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، مەنىۋى جەھەتتىن بىر - بىرىگە تايىنىشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئۇنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش، جەمئىيەت ئالاقىسىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە جانلىق، ئەمەلىي سىڭىشىپ كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى زورايتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش كېرەك. دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپتىن باشلاپ تۇتۇش قىلىپ، بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسىي بازىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئاساس مائارىپ بويىچە ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىنى ئەلا سۈپەتلىك، ئومۇمىي مەنپەئەتدار تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، «ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش»تىن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشكە قاراپ كېڭەيتىش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى مائارىپ ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا جەلپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئوقۇتۇش قوشۇنىنى تولۇقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ جەمئىيەت ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايون، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىشىلەرنى توپلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، باراۋەر ئاممىۋى مۇلازىمەت ئارقىلىق كىشىلەرنى ئېلىپ قېلىپ، كۆپ مىللەتنىڭ زور دەرىجىدە يۇغۇرۇلۇپ ئولتۇراقلىشىشى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە ئارىلىشىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ساياھەتچىلىكنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ رايون ھالقىغان ئالماشتۇرۇشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مەدەنىيلىكنى ئورتاق بەرپا قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھېسسىياتنى كۈچەيتىش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى «بىرىنچى قول رەھبەر» قۇرۇلۇشى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە باشقۇرىدىغان، بىرلىك سەپ تارماقلىرى باشلامچىلىق بىلەن ماسلاشتۇرىدىغان، مىللەتلەر خىزمىتى تارماقلىرى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، ھەرقايسى تارماقلار بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىدىغان، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىدىغان يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە ھەرقايسى تەرەپلەر، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتى بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك. ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش توغرا يۆنىلىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىقتىدار ساپا قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرلىك سەپ، مىللەتلەر خىزمىتى كۈچىنى تولۇقلاپ، «باشقۇرۇشقا پېتىنالماسلىق، باشقۇرۇشنى خالىماسلىق، باشقۇرۇشنى بىلمەسلىك» مەسىلىسىنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى ئىگىلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، دىققەتنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە زىچ يېقىنلىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 1 - پەسىلدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادى پۇختا يۈرۈشۈپ، ئۈنۈمى ياخشى بولدى. پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، سىجىل تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىش كېرەك.

يىغىندا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن سورىغان ئىستېپاسى تەستىقلاندى، يولداش ئېزىز ئەلىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن سورىغان ئىستېپاسى تەستىقلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولمىغان، كاندىدات ئەزاسى بولمىغان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلار؛ ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن ئۆلكە دەرىجىلىك بىر قىسىم رەھبەرلەر ۋە پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان باش ئۆلكە دەرىجىلىك بىر قىسىم رەھبەرلەر؛ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋەكىللىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى؛ ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە مەركەز ئورۇنلىرى، كارخانىلىرى، بىڭتۇەن ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار؛ ئالاقىدار دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن - مەيدانلىرىغىچە ئېچىلدى.