شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنىڭ جاراڭلىق ساداسىنى جاسارەت بىلەن ياڭرىتىش

日期:2024年04月16日
来源:天山网
【字体:

​− ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنى توغرىسىدا خاتىرە

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

4 - ئايدا، ھەممە جاينى گۈل - گىياھلارنىڭ خۇش ھىدى قاپلاپ، بارلىق شەيئىلەر بەس - بەستە ئويغاندى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچ ۋە جۇشقۇنلۇق ئۇرغۇدى.

جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان بۇ باھاردا، بىر قېتىملىق كاتتا يىغىن كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى − 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنىڭ جاراڭلىق ساداسى جاسارەت بىلەن ياڭرىتىلدى.

دىققەت «ئاچقۇچلۇق تېما»غا مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئومۇمىي يىغىندا چوڭقۇر ۋە ئۇزاق ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىش مۇجەسسەملەندى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق خىزمەت بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ، ھەرقايسى ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى قايتا - قايتا مۇھاكىمە قىلىپ، مۇزاكىرە قىلىپ، پىكىر ئېلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدىغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش پىكرى» دېيىلدى)نى شەكىللەندۈردى.

شىنجاڭ خەلق سارىيىدا، پارتىيە گېربى ئېگىز ئېسىلغان بولۇپ، كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت، كۈچلۈك بۇرچ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يىغىنغا قاتناشتى.

كۆپچىلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئومۇمىي يىغىننىڭ ئالاقىدار قارارلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ۋە مۇزاكىرە قىلىپ، «يولغا قويۇش پىكرى»نى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، ئومۇمىي يىغىندا يېڭى مۇساپىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەشنىڭ سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىلدى، بۇ، مۇقەررەر ھالدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش مۇساپىسىدە قېنىق، رەڭدار سەھىپە قالدۇرىدۇ، دەپ قارىدى.

گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلغان مەزگىلدە، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر تەسىراتلىرىنى كەڭ - كۇشادە سۆزلەپ، كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشتى. يىغىن مەيدانىنىڭ ھەممە يېرىدە بىر مەقسەت، بىر يۆنىلىشتە بولۇپ، تەڭ كۈچ چىقىرىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قويۇق كەيپىيات ئۇرغۇپ تۇراتتى.

«ئومۇمىي يىغىندا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتى سىستېمىلىق پىلانلاندى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، باش تېمىسى ئىنتايىن روشەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۇ خۇاشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىندا شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئەھۋال كۆزىتىلىپ، ۋەزىيەت مۆلچەرلىنىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەر تۈزۈلدى، تەدبىرلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سالمىقى زور بولۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى.

«تولىمۇ ئىلھاملاندىم، چەكسىز روھلاندىم، ئىشەنچىم ھەسسىلەپ ئاشتى.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئادىل ئەلى چەكسىز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىن بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

ئىستراتېگىيە جەھەتتىن پىلانلىنىپ، ئاچقۇچلۇق جايلارغا كۈچ سەرپ قىلىندى.

خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ماددىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش؛ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش؛ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسىي بازىنى ئۈزلۈكسىز كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇش؛ ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش...

تۈرلۈك تەدبىرلەر راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلار كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى سۇ شياڭدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىرلىك سەپ تارماقلىرى ئومۇمىي يىغىن روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي لىنىيە ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەم - كوتسىز ھالدا ئومۇمىي يىغىندىكى تۈرلۈك ۋەزىپە، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەيدۇ.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى ئېرشات تۇرسۇنباي مۇنداق بىلدۈردى: ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بارلىق پايدىلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، بارلىق ئەۋزەل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈپ، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل قىلىمىز.

مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى، مىللەتلەر ئېجىل - ئىناقلىقىنىڭ جېنى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ نازىرى گۈلى ئابلىم مۇنداق بىلدۈردى: زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى زۇلھايات ئىسمايىل مۇنداق دېدى: بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «ۋەتەن مۇھەببىتى. جۇڭخۇا سەپىرى» شىنجاڭ ياش - ئۆسمۈرلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېكسكۇرسىيە - ئۆگىنىش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، بالىلارغا ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىمىز.

كۈچ ئىتتىپاقلىقتىن كېلىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش شانلىق نەتىجە يارىتىدۇ. كۆپچىلىك تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق بىلدۈردى: ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش غەيرىتى ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش جاسارىتى بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ زىچ ئۇيۇشۇپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز.