سوغۇق ھاۋا يەنە كېلىدۇ! شىنجاڭنىڭ بۇ جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ!

日期:2024年04月16日
来源:天山网
【字体:

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە

يەنە بىر قېتىملىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە

بۇ ھەپتە (4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە)

شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونى ۋە شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلاردا

ئوتتۇراھال كۈچلۈك ھۆل-يېغىنكۆرۈلىدىكەن

بولۇپمۇ ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى قىسمەن جايلارداقارا يامغۇرياغىدىكەن

تېمپېراتۇرا ئومۇمىي جەھەتتىن زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتمەيدىكەن


مەنبە: مەركىزىي ھاۋا رايى تورى

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە

نۆۋەتتە ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا دەل ئۆرۈك چېچىكى پەسلى بولۇپ

تاغقا كەلگەن ساياھەتچىلەر ھاۋا رايى ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ

سەپەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك ئىكەن


كۈنەس ناھىيەسى نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى مەنزىرە رايونىنىڭ مەنزىرىسى(ماتېرىيال سۈرەت ). ياڭ شياۋچيەن فوتوسى

4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە

شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا

ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن بىر قەدەر يۇقىرى ياكى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ

پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھۆل-يېغىن

ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن ئاز بولىدۇ ياكى ئالاھىدە ئاز بولىدۇ

شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ھۆل-يېغىن كۆپرەك بولىدۇ

ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۈگۈن كېچىدىن 4-ئاينىڭ 18-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى، تىيانشان تاغلىق رايونى ۋە شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ(ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ)، ئىلى دەرياسىۋادىسى، تىيانشان تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇردىن قاتتىق يامغۇرغا ئۆزگىرىدۇ ياكى قار ياغىدۇ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قېلىن قار ياغىدۇ. يۇقىرىقى قىسمەن رايونلار ۋە شەرقىي شىنجاڭدا 4 بالدىن 5 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزىدا شامال كۈچى 11-10 بالغىچە بولىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئويمانلىقنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدا 5-4 بالغىچە قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، ئۆتكۈنچى شامال 8 بال ئەتراپىدا بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى

بۇ قېتىمقىقار-يامغۇر، قۇم-بوران، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەشتىنئىبارەت ھاۋارايىنىڭ

ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا، ئورمان، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ چېچەكلىشى، چاڭلىشىشىغا

ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى

ھەر قايسى جايلارنىڭ پايدىسىز ھاۋارايى مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ

تېرىش سۈرئىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى


4-ئاينىڭ 11-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازىرى ليەنفېڭ كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە، بىر كېۋەز تېرىش ماشىنىسى بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ دەل جايىدا بېكىتىشى بىلەن پۈتۈن مۇساپىدە ماشىنىلاشتۇرۇپ مەشغۇلات قىلىندى. ئىختىيارىي مۇخبىرتاۋ ۋېيمىڭفوتوسى

ئۇنىڭدىن باشقا

يەنە ئىلى دەرياسى ۋادىسى ۋە تىيانشان تاغلىق رايونىدىكى

قىسمەن جايلارداكۈچلۈك قارشى ئېقىملىق ھاۋارايى

ۋە ئارىلاشما تىپلىق كەلكۈننىڭپايدىسىز تەسىرىدىن نۇقتىلىق ساقلىنىش كېرەك

تېخىمۇ كۆپ ھاۋارايىدىن مەلۇمات

بۈگۈن كۈندۈزدە، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، تىيانشان تاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ(ئېگىز تاغلىق رايوندا قار ياغىدۇ). پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە باشقا جايلاردا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ. بۈگۈن كېچىدىن 4-ئاينىڭ 16-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى ۋە تىيانشان تاغلىق رايونىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ(ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ)، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەرياسى ۋادىسى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ.

جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدا 5-4 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، قىسمەن رايونلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى كېچىدىن 4-ئاينىڭ 17-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى، تىيانشان تاغلىق رايونى ۋە شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ(ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ)، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، تىيانشان تاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇردىن قاتتىق يامغۇرغا ئۆزگىرىدۇ ياكى قار ياغىدۇ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ. يۇقىرىقى قىسمەن رايونلار ۋە تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىدە بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 11-10 بالغا يېتىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدا 5-4 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، ئۆتكۈنچى شامال سەككىز بال ئەتراپىدا بولىدۇ، قىسمەن رايونلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.

​ ھاۋانىڭ تۇتۇق، ئوچۇق بولۇشىغا جەزم قىلالمىغان ئەھۋالدا

سىرتقا چىققاندا ھاۋارايىغا دىققەت قىلىڭ

قېلىنراق كىينىڭ

زۇكام بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ

تىيانشان تورى خەۋىرى