يوللار داغدام، قاتناش قولايلىق

日期:2024年03月27日
来源:天山网
【字体:

− شىنجاڭنىڭ «ئون تور» قۇرۇلۇشى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر (2)

ئاپتوموبىللار G0711 لىنىيەسىنىڭ كورلا جەنۇبىي ئۆتۈشمە يولى ـ لوپنۇر بۆلىكىگىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرمەكتە (3 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). ئۈرۈمچى ـ لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ كورلا جەنۇبىي ئۆتۈشمە يولى ـ لوپنۇر بۆلىكىدە بۇلتۇر 9 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، جەمئىي 370 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل قاتنىدى. بۇ يول بۆلىكىدە قاتناش باشلىنىشى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول چوڭ ئايلانما لىنىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلەتتى.ۋاڭ جىپېڭفوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، G0711 لىنىيەسى ئۈرۈمچى ـ لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تىيانشان غالىبىيەت تونېلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى سول تەشمە ئىچىدە، قۇرۇلۇش خادىملىرى تاش تېشىش ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلىپ تاغ تاشلىرىنى پارچە ـ پارچە قىلىپ تېشىۋاتاتتى، توشۇش ئاپتوموبىللىرى داشقاللارنى توشۇپ ئېلىپ چىقىۋاتاتتى.

نۆۋەتتە تىيانشان غالىبىيەت تونېلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئوڭ، سول ئاساسىي تەشمىسى سەككىز كىلومېتىردىن ئارتۇق قېزىلىپ، پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇشقا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتى. «بىز ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تونېلنىڭ بۇ يىل ئىچىدە قەرەلىدە تۇتاشتۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئۈرۈمچى ـ لوپنۇر تاشيولى PPP ھۆددە تۈرىنىڭ ئۈرۈمچى ـ لوپنۇر توپا قۇرۇلۇشى 5 ـ بۆلەك تۈر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ خېچى.

قاتناش ـ تىرانسپورت خەلق ئىگىلىكىدىكى ئۇللۇق، باشلامچى خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك كەسىپ ۋە مۇھىم مۇلازىمەت خاراكتېرلىك كەسىپ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى قاتارلىق زور ئورۇنلاشتۇرمىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، «چوڭ تومۇر»نى تۇتاشتۇرۇپ، «مىكرو ئايلىنىش»نى راۋانلاشتۇردى، تاشيول تورى كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى، تېخنىكا دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، تور ئورۇنلاشتۇرمىسى تېخىمۇ ئەلالاشتى، قاتناش قولايلاشقان تاشيول تورى تېز شەكىللەندۈرۈلدى.

قاتناش قولاي بولغان تاشيول تورى بەرپا قىلىش

ئەتىيازنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرىدا، G30 ليەنيۈنگاڭ ـ قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىڭشىڭشيا ـ قومۇل بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، نەچچە ئون قېزىش ماشىنىسى ھازىرقى يول ئۇلى يېنىدىكى شېغىل يەرنى كولاۋاتاتتى، يول چىڭداش ماشىنىسى ئارقىدىنلا ئۇياق ـ بۇياققا مېڭىپ چىڭداۋاتاتتى، بۇنىڭ بىلەن بىر بۆلەك قۇرۇلۇش قولايلىق يولى شەكىللەندى.

شۇ كۈنى، G30 ليەنيۈنگاڭ ـ قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ قومۇل ـ تۇيۇق بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدىمۇ ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى، ماشىنىلار گۈرۈلدەۋاتاتتى، قۇرۇلۇش خادىملىرى تۈر سۈرئىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىۋاتاتتى.

3 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنىگىچە، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 530 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان G30 ليەنيۈنگاڭ ـ قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىڭشىڭشيا ـ قومۇل ـ تۇيۇق بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، قۇرۇلۇش قىلغۇچىلار تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ئۈنۈملۈك قۇرۇلۇش مۇددىتىنى چىڭ تۇتۇپ، زور كۈچ بىلەن قۇرۇلۇش قىلماقتا.

تاشيول تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش شىنجاڭنىڭ قاتناش قولاي بولغان تاشيول تورى بەرپا قىلىشىنىڭ رېئال كارتىنىسى.

شىنجاڭنىڭ يەر كۆلىمى دۆلىتىمىز يەر كۆلىمىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، مەيلى شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى بولسۇن، ياكى سىرت بىلەن قولاي ئالاقىلىشىش بولسۇن، ھەممىسى تاشيولدىن ئايرىلالمايدۇ، يولنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم جان تومۇرى دېيىشكە بولىدۇ؛

شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون، ئۇل ئەسلىھە يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدىكى «ئالدىن يۈرگۈچى»، يادرولۇق رايوندا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇكەممەل، قولاي بولغان تاشيول تورى ئاساس؛

شىنجاڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى دەل شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىدىغان، ئىستېرېئولۇق، تېز سۈرئەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاشيول تورىنى كۈچلۈك قىلىپ بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.

شىنجاڭ تارىخىي پۇرسەتنى تۇتۇپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا تېز تۈرتكە بولۇشنى كۆزلەپ، مەۋقەنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قاتناش تۈگۈنى مەركىزىگە قويۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مۇلازىمەت قىلىپ، قاتناش قولاي بولغان قاتناش تورىنى پائال بەرپا قىلماقتا.

ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتىدا «زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش» «<ئون تور>نى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى دەل قاتناش قولاي بولغان تاشيول تورى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.

«قاتناش قولاي بولغان تاشيول تورىنى تېز بەرپا قىلغاندا، سەپەرگە چىقىشنى قولايلاشتۇرغىلى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىغىلى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر سۈن جىن. قاتناش ـ تىرانسپورت تارماقلىرى بىر تۈركۈم دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەسى تۈرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا تاشيولى غول تورىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئاساس تورىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قاپلىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، قاتناش ـ تىرانسپورتتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ.

قاتناش قولاي بولغان تاشيول تورى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، بۇ يىل شىنجاڭ «قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى» قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، G3003 ئۈرۈمچى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (غەربىي لىنىيە)نى قۇرۇپ چىقىدۇ، G30 ليەنيۈنگاڭ ـ قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىڭشىڭشيا ـ قومۇل ـ تۇيۇق بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ ياساش قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىدۇ، بىر تۈركۈم دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەلىرىنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسايدۇ، 5500 كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسايدۇ.

ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، يول تورىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش

ئۈرۈمچىدىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ يولغا چىقىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئارقىلىق ئالتاي، غۇلجا، كورلا، خوتەنگە بارغىلى بولىدۇ...

ئۆيدىن چىقىپ، كەنتتىلا ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، يېزا ـ بازار، ناھىيە بازىرى ھەتتا ئۈرۈمچىگە بارغىلى بولىدۇ، جەنۇبىي ـ شىمالىي شىنجاڭدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

كۆپ يىل قۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تاشيول تورى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى ۋە ئەلالاشتۇرۇلدى، G3012 لىنىيەسىنىڭ قەشقەر ـ قاغىلىق ـ قاراقاش بۆلىكى، G7 بېيجىڭ ـ شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئاراتۆرۈك ـ باركۆل ـ مورى بۆلىكى قاتارلىق بىر تۈركۈم غول لىنىيە ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار ياسالدى، G7 بېيجىڭ ـ شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئۈرۈمچى ـ داخۇاڭشەن بۆلىكى، G30 ليەنيۈنگاڭ ـ قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ تۇرپان ـ ئۈرۈمچى ـ كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا «تۆت ماشىنا يولىنى سەككىز ماشىنا يولىغا ئۆزگەرتىش» قۇرۇلۇشى تاماملاندى، شىنجاڭ بويىچە بارلىق ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرگە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇتاشتۇرۇلدى.

2023 ـ يىلى، S519 لىنىيەسىنىڭ ۋۇتۇڭ داچۈەن ـ شاچۈەنزى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، G0711 لىنىيەسىنىڭ كورلا ـ لوپنۇر بۆلىكىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئومۇمىي مۇساپىسى 7700 كىلومېتىردىن ئاشتى، 108 ناھىيە، شەھەر ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 ـ دەرىجىلىك) يول تۇتاشتۇرۇلغان ناھىيە، شەھەر 98گە يەتتى، جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە تارىم ئويمانلىقى يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 ـ دەرىجىلىك) يول ئايلانما لىنىيەسى ئومۇميۈزلۈك پۈتتى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 228 مىڭ 700 كىلومېتىرغا يەتتى، شىنجاڭ ئىچىدىكى غول لىنىيە يول تورى قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، بارلىق شارائىتى ھازىرلانغان ئىشتاتلىق كەنتلەرگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلدى، يولۇچىلار ئاپتوبۇسى قاتنىدى، يول يۈرۈش تېخىمۇ قولايلاشتى، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى «سەپەرگە چىقالايدىغان بولۇش»تىن «ياخشى سەپەر قىلىش»قا ئۆزگەردى.

گەرچە شىنجاڭنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش نىشان تەلىپىگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا بەلگىلىك پەرق بار، كەمتۈكلۈكلەر ۋە ئاجىز تۈرلەر يەنىلا مەۋجۇت. يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 ـ دەرىجىلىك) يولنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشكە، يول تورىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ قاتناش ـ تىرانسپورت تەرەققىيات سەۋىيەسى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان؛ دۆلەت، ئۆلكە ئادەتتىكى غول لىنىيەلىرىنىڭ تېخنىكا دەرىجىسى بىرقەدەر تۆۋەن، ئاساسلىق تىرانسپورت يوللىرىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ جەنۇبىي ـ شىمالىي شىنجاڭدا يول ئاز ھەم دەرىجىسى تۆۋەن؛ شىنجاڭغا كىرىدىغان ـ چىقىدىغان چوڭ يوللارنى يەنىمۇ كۆپەيتىشكە توغرا كېلىدۇ؛ تىرانسپورت شەكلىدە ئەمەلىي شارائىتقا ئاساسەن يېڭىلىق يارىتىشقا، كۆپ خىل تىرانسپورت شەكلىنى جىپسىلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىشقا توغرا كېلىدۇ؛ قاتناش تۈگۈنىلىك فۇنكسىيەسىنى داۋاملىق كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ قاتارلىقلار.

شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ئىچكى ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولۇپ، كۆپ خىل پايدا تەدرىجىي قويۇپ بېرىلىۋاتىدۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ، جەنۇبىي ـ شىمالىي شىنجاڭ رايونى تېخىمۇ ماس تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ جەزمەن قاتناش جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، تېز سۈرئەتلىك قاتناش تورى، ئادەتتىكى غول لىنىيە تورىنىڭ تەرەپ ـ تەرەپكە تۇتىشىش چوڭقۇرلۇقى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، قاتناش سەۋىيەسىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

«كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى نىشانلاپ، قاتناش قۇرۇلۇشىغا يۇقىرى سەۋىيەدە تۈرتكە بولۇپ، قاتناشنىڭ تىرەكلىك ۋە يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندا، ئاندىن ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشقىلى بولىدۇ» دېدى سۈن جىن.

قۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتىش ئارقىلىق يول تورى كۆلىمىنى ئاشۇرۇش

ئىللىق باھار شامىلى چىقىۋاتاتتى، G218 لىنىيەسىدىكى يەنجى ـ باغراش تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرى نەق مەيدانىدا قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى ئۇياق ـ بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، قۇرۇلۇش خادىملىرىنىڭ بەزىلىرى پولات چىۋىق باغلاش بىلەن ئالدىراش بولسا، بەزىلىرى يول چىڭداش ماشىنىسىنى ھەيدەپ يول ئۇلىنى چىڭداۋاتاتتى، تۈرلۈك خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋاتاتتى.

يەنجى ـ باغراش تاشيولى تۈرى G218 لىنىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ تۈردە ئەسلىدىكى 2 ـ دەرىجىلىك تاشيولنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ 1 ـ دەرىجىلىك تاشيولغا ئۆزگەرتىلىدۇ، G218 خېجىڭ ـ يەنجى بۆلىكىدىكى 1 ـ دەرىجىلىك تاشيولغا ئۇلىنىپ، يەنجى، باغراش قاتارلىق جايلارنى تۇتاشتۇرىدىغان تېز سۈرئەتلىك يولغا ئايلىنىدۇ، تۈردە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن باغراش ناھىيەسىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 ـ دەرىجىلىك) يول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلىدۇ.

«ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيان، بىز خادىم ۋە ماشىنا ـ ئۈسكۈنىلەرنى كۆپەيتىپ، قۇرۇلۇشنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتۇق، تىرىشىپ 10 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قۇرۇلۇشنى تاماملاش ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى قولغا كەلتۈرىمىز» دېدى يەنجى ـ باغراش تاشيولى تۈر قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى جاڭ چاۋ.

بۇ يىل، شىنجاڭ قاتناش قولاي بولغان تاشيول تورى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، تۈر قۇرۇلۇشى سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، پۈتۈن يىلدا تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىدىن 63نى يولغا قويىدۇ.

3 ـ ئاي كىرگەندىن بۇيان، تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئامالسىز قالغان قىسمەن تۈرلەردىن باشقا، نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭدىكى داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىش ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، يىل ئىچىدە ئىش باشلانغان تۈرلەر تېز ئالغا سىلجىتىلدى، ئىدىقۇت ـ توقسۇن ـ بالغۇنتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، مايتاغ ـ كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولماقتا.

بۇنچە كۆپ قۇرۇلۇش تۈرىگە چېتىلىدىغان مەبلەغ سوممىسى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، مەلۇم بىر تەرەپكە تايىنىپلا تاماملاش تەس، بۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنى پائال جەلپ قىلىپ، كۆپ مەنبەلىك يېڭىچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە توغرا كېلىدۇ.

جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ شىنجاڭنىڭ تاشيول تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشى يېڭىلىق ئەمەس.

ئۈرۈمچى ـ لوپنۇر، لوپنۇر ـ 35 ـ تۇەن، 35 ـ تۇەن ـ چاقىلىق، يېتىمبۇلاق ـ چاقىلىق، لوپنۇر ـ چەرچەن لىنىيەسىدىن ئىبارەت بەش تۈر دەل جەمئىيەت كاپىتالى قاتنىشىپ قىلغان قۇرۇلۇشلارنىڭ تىپىك مىسالى.

نۆۋەتتە ياسىلىۋاتقان G3003 ئۈرۈمچى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (غەربىي لىنىيە)، G30 ليەنيۈنگاڭ ـ قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىڭشىڭشيا ـ قومۇل ـ تۇيۇق بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ھەمدە ياساش پىلانلانغان ئىدىقۇت ـ توقسۇن ـ بالغۇنتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، مايتاغ ـ كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسى ئۆرنەك قىلىنىپ، مەبلەغ بېسىمى يېنىكلىتىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇندى.

«پۈتكۈل جەمئىيەت شىنجاڭنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشىغا ئورتاق قاتناشقاندا، تېخىمۇ مۇكەممەل، قاتناش تېخىمۇ قولاي بولغان تاشيول تورىنى بالدۇرراق بەرپا قىلغىلى بولىدۇ» دېدى سۈن جىن.