«يولغا قويۇش لايىھەسى» بېسىپ تارقىتىلدى! شىنجاڭدىكى 10 تارماق بىرلىشىپ ئالغا سىلجىتىدۇ!

日期:2024年03月27日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى، مالىيە نازارىتى، داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى قاتارلىق ئون تارماق بىلەن بىرلىشىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنىتۈگىتىشھەرىكىتىنى تېزلىتىش پىلانى (2030-2024)نى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش لايىھەسى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2025-يىلىغا بارغاندا،ئاپتونوم رايون بويىچە يېشىغا يەتكەن ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش نىسبىتى%50كە، بالىياتقۇ بوينى راكى ۋە راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى داۋالاش نىسبىتى%90كە يەتكۈزۈلىدۇ، يېشىغا يەتكەن قىزلارغا HPV ۋاكسىنىسىئەملەش مۇلازىمىتى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ؛ 2030-يىلىغا بارغاندا،ئاپتونوم رايون بويىچە يېشىغا يەتكەن ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش نىسبىتى%70كە يەتكۈزۈلىدۇ؛ بالىياتقۇ بوينى راكى ۋە راكتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى داۋالاش نىسبىتى%90تىن ئاشۇرۇلىدۇ، يېشىغا يەتكەن قىزلارغا HPV ۋاكسىنىسى ئەملەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، كۆپ تارماق بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇلدى، بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئۈچ دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇلدى، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇلدى، ئادىل مەنپەئەتلىنىش، تەڭپۇڭلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلدى. شارائىتى يار بېرىدىغان رايونلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارئىئانە قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل يوللاردىن پايدىلىنىش ئۈستىدەئىزدىنىشىگە ئىلھام بېرىلىپ، يېشىغا يەتكەن قىزلارغا HPV ۋاكسىنىسى ئەملەش نىسبىتىپۇختا، تەرتىپلىك ئۆستۈرۈلدى.

«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بالىياتقۇ بوينى راكىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىكۈچەيتىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ زىچ تىپتىكى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، تەۋەلىك رايون ئىچىدە بالىياتقۇ بوينى راكىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، دىياگنوز قويۇش، داۋالاش، زىيارەت قىلىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئومۇمىي جەريانلىق باشقۇرۇش ئەندىزىسىئورنىتىپ، رايونلار ئارا، ئاپپاراتلار ئارا يۆتكەپ داۋالاش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

بالىياتقۇ بوينى راكىغا دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشقان بالىياتقۇ بوينى راكىغا دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش كۆرسەتمىسى كېڭەيتىلىپ، ئاغرىقنى باشقۇرۇش-پەرۋىش قىلىش ۋە ئوزۇقلۇق، پىسخىكىلىق قوللاش قاتارلىق يانداش تەدبىرلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ ياشاش نىسبىتى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىئۆستۈرۈلىدۇ. جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتىكى ئەۋزەللىكى ۋە رولىجارى قىلدۇرۇلۇپ، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ ئالدىنى ئېلىش ۋەداۋالاشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ.

بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش كەسپىي خادىملىرىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىكۈچەيتىلىدۇ. پەن قۇرۇلۇشى، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، شەھەر-يېزىلار نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ 3-دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش پۈتۈن جەريانلىق ئايرىم دېلو ئۇچۇرى چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرۇلۇشىئالغا سىلجىتىلىپ، ئاغرىقلارنى مەركەز قىلغان ئۇچۇر ۋە مۇلازىمەتنى يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇش تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

ماقالە مەنبەسى: ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى