شىنجاڭلىق ئوغۇل بالا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا پۈتۈنلەي ئىنگلىزچە نۇتۇق سۆزلەپ يۇرتىنى تونۇشتۇردى

日期:2023年12月18日
来源:天山网
【字体:

«مېنىڭ يۇرتۇم شىنجاڭدا، تۇتاش كەتكەنقارلىق تاغلار، كەڭ كەتكەن يايلاقلاربار؛ بىپايان قۇملۇق، كۆز يەتكۈسىز چۆل-جەزىرىلەر بار. سەھەردە تۇمان، گۇگۇمدا كەچكى شەپەق كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ...»12-ئاينىڭ 11-كۈنى،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇبەي دۇنيا كۆرگەزمەشەھەرچىسىدىكى28-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى نەق مەيدانىدا، 17 ياشلىق ئۆسمۈر دىڭ جۈنرۇي راۋان ئىنگلىز تىلىدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سۆز قىلغان ۋەكىللىرىگە ئۆزىنىڭ گۈزەل يۇرتى جۇڭگو شىنجاڭنى تونۇشتۇردى.

12-ئاينىڭ 11-كۈنى، 28-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى نەق مەيدانىدا، دىڭ جۈنرۇي سۆز قىلماقتا.

سۈرەتنى دىڭ جيەنرېن تەمىنلىگەن

دىڭ جۈنرۇي شىنجاڭ ئۈرۈمچىنىڭ قىشلىق پار بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىرىشتىن، يۇرتىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، دۇنياغا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ «يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق» بولۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش ئىشلىرىغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلىدىغان تەبىئەت ھەۋەسكارلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تەشكىلاتى − خۇاڭيې شىنجاڭنى تونۇشتۇردى، ئۆزىنىڭ ئانا مەكتىپى شىنجاڭ ئۈرۈمچى 1-ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپىدە بىر توپ «يىلپىز ياشلار»نىڭ بارلىقى، ئۇلارنىڭياش ئوقۇغۇچىلارنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئېكولوگىيەنى قوغداش پائالىيىتىگە تەشكىللەش ۋە قاتنىشىشقا كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

دىڭ جۈنرۇي ئۈرۈمچى 1-ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپى خەلقئارا سىنىپىتولۇق 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارا سەھنىدە تۇرۇپ، ساۋاقداشلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مۇھىت قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى پەخىرلەنگەن ھالدا تونۇشتۇرۇشى: مەكتەپنىڭ «مېنىڭ كۆك ئاسمان خىتابنامەم» پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيە ئۆمىكى مۇھىت قوغداش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كۆرگەزمىسىدە پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيەسىنى ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئېلىپ كىردى؛ مەكتەپتە بىر قېتىملىق تاماق قاچىسى ۋە سۇلياۋ بۇيۇملارنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ دالىدا ئىلمىي تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلدى...

​ئۈرۈمچى 1-ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تەشكىلاتى «يىلپىز ياشلار»ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىشىپ مۇھىت قوغداش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرماقتا.

سۈرەتنى ئۈرۈمچى 1-ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپى تەمىنلىگەن

«جۇڭگودا قەدىمدە ‹مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرمۇبىرىنچى قەدەمدىن باشلىنىدۇ›دەيدىغان گەپ بار. ھەربىرىمىزنىڭ كىچىككىنە تىرىشچانلىقىنىڭ ھەممىسى ئىمكانىيەتلىك سىجىل كەلگۈسىنى بەرپا قىلىشنىڭ بىر قىسمى. بىز قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ پاكىز، ساغلام، گۈللەنگەن يەر شارى ئۈچۈن تىرىشايلى.» ئۈچ مىنۇتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا، دىڭ جۈنرۇينىڭ ئىنگلىزچە نۇتۇقى ئاخىرلىشىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى (United Nations Climate Change Conference) 1995-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىكەن. 28-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىيۈكسەك ئىرادە ئۇرغۇپ تۇرغان كىلىمات نىشانىنىئىشقا ئاشۇرۇپ، يەر شارى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىنى سانائەتلىشىشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەنىڭ 1.5 سېلسىيە گىرادۇس ئىچىدە كونترول قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى كۆپەيتىش ھەمدە كىلىماتقا ماس كېلىدىغان مەبلەغنى جىددىي كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان.

نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇخبىر دىڭ جۈنرۇي بىلەن لېنىيەنى ئۇلاپ كۆرۈشتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇئەللىمنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى بىلەن، مەن نۇتۇق سۆزلەشكە تولۇق تەييارلىق قىلدىم. مەن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۇنياغا گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىشنى ئويلىدىم». مەكتەپ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تەشكىلاتى «يىلپىز ياشلار»نىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ كۆپ قېتىم ساۋاقداشلىرى بىلەن ياشلار، ئۆسمۈرلەر توپى ئارىسىدا ئېكولوگىيە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يىلپىزقوغداش تۈرىنى داۋاملىق كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزدى.

«يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى دەل-دەرەخلەرنىڭ تارقىلىش سىزىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرىغا يۆتكىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يىلپىزنىڭ ياشاش بوشلۇقىنى تارايتىۋەتتى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز چوقۇم يەر شارى مۇھىتىنى قوغداش جەھەتتە نەتىجە يارىتىمىز»دېدى دىڭ جۈنرۇي.

«بالامنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە تۇرۇپ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا سۆز قىلالىغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن، 1-ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپالىق ئەجرىگە كۆپ رەھمەت». دىڭ جۈنرۇينىڭ دادىسى دىڭ جيەنرېن مۇنداق دېدى: «بالامنىڭ بۇ سەھنە ئارقىلىق، دۇنيادىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مۇھىت قوغداش ھەرىكىتىدىكى تۆھپىسى ۋە تىرىشچانلىقىنى كۆرۈپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەتراپىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى