دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ! شىنجاڭدىكى 22 ئورۇندىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونىغا مۇناسىۋەتلىك

日期:2023年12月18日
来源:天山网
【字体:

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، كېلەر يىلى شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىنجاڭ قاتناشمەبلەغ سېلىش گۇرۇھى» دېيىلىدۇ) ئۈچئون، قەشقەر قاتارلىق 22 ئورۇندىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت رايونىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن.

«بۇ يىل 17 مۇلازىمەت رايونىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى تاماملاندى، كېلەر يىلى يەنە 22 مۇلازىمەت رايونىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشپىلانلاندى»دېدى شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى تىجارەت باش نازارەتچىسى، تىجارەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گاۋ فاڭسۈي.

G7 لىنىيەسىدىكى بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ فۇكاڭ مۇلازىمەت رايونىدا، شوپۇرلار ۋە يولۇچىلار نەرسە-كېرەك تاللىماقتا. (سۈرەتنى شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى تەمىنلىگەن)

كېلەر يىلى، شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى ئۈچئون، مارالبېشى، يېڭىئۆستەڭ، يەكەن، تيېچاڭگۇ، قەشقەر قاتارلىق 22 مۇلازىمەت رايونىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنىداۋاملىق ئالغا سىلجىتىدۇ ھەم ئۇلۇغچات، 121-تۇەن، جۇجياجۇاڭدىنئىبارەت ئۈچ جايدا ئۆزگىچە باش تېمىلىق مۇلازىمەت رايونى بەرپا قىلىدۇ. «مۇلازىمەت رايونىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە شارائىتىغا ئاساسەن، مەدەنىيەت، ساياھەت، ئىستېمال ۋە يولۇچىلار تىرانسپورتى بويىچە ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىپتوشۇش، ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ»دېدى گاۋ فاڭسۈي.

مۇلازىمەت رايونلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مەزمۇنىغا قارىتا، شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى ھازىر بار بولغان مۇلازىمەت رايونلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ئاممىۋى تازىلىق ئۆيى، قولاي دۇكان، غىزالىنىش رايونى قاتارلىق مۇھىم سورۇنلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەت رايونلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنىڭ تاملىرى كونا بولۇش، فۇنكسىيەلىك رايونلارنىڭ سەپلىنىشى مۇۋاپىق بولماسلىق، بەلگە، بەلگە سىزىقى ئېنىق بولماسلىق، خەتەرلىك يۈك ئاپتوموبىللىرىنى مەخسۇس توختىدىغان رايون تەسىس قىلىنماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىدۇ، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ؛ مۇلازىمەت رايونى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ رەقەملىك تىپىنى ئۆزگەرتىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەت رايونىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈش سەۋىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېشىل ئېكولوگىيە مۇلازىمەت رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قاتناش مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولغان مۇلازىمەت رايونلىرىدا ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ يىغىۋېلىش قۇرۇلمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ سەپلەپ، مۇلازىمەت رايونىدىكى ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە توشۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.

«ئەڭ ئاخىرىدا مۇلازىمەت رايونىنىڭ مۇلازىمەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش، تېخنىكا تىرىكىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىش، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ» دېدى گاۋ فاڭسۈي.

ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەپەرگە چىقىدىغانلارنىڭ تەدرىجىي كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋى مۇلازىمەت رايونىنىڭ ئىقتىدارى ئاممىنىڭخاسسەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى بەزى جايلار مۇلازىمەت رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆزگەرتىپ، مۇلازىمەت رايونىنىڭ تىجارەت ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت رايونىنىڭ مۇلازىمەت ماركىسىنى ياراتتى. شىنجاڭمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەت رايونىدىكى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، «قاتناش + ساياھەت» قاتارلىقلارنى كېڭەيتىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى ھەم ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

كېلەر يىلى دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلىدىغان 22 مۇلازىمەت رايونى

S12 لىنىيەسى غۇلجا-دۆڭمازاريۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى: ئۈچئون

S13 لىنىيەسى سەنساكۇ-يەكەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى: مارالبېشى، يېڭىئۆستەڭ، يەكەن

G3015 لىنىيەسى كۈيتۈن-چۆچەك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى: تيېچاڭگۇ،دۆربىلجىن

G3014 لىنىيەسى كۈيتۈن-ئالتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى: ۋۇۋۇ يېڭى بازىرى، قاراماي شەرقى، بەيكوۋچۈەن، ئورقۇ، قوشتولغاي، ئۇتبۇلاق، بېيتۈن، بۇرۇلتوقاي بېلىقچىلىق مەيدانى

S16 لىنىيەسى مەكىت-قەشقەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى: قەشقەر، يوپۇغا

S11 لىنىيەسى بەش چوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول:ۋۇسەيۋەن

G3012 لىنىيەسى تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى: يېڭسار، توقسۇ، جام

G3003 لىنىيەسى ئۈرۈمچى شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (شەرقىي لىنىيە): يەنئەن يولى

G3013 لىنىيەسى تۇرپان-ئەركەشتام يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى: ئۇلۇغچات

ماقالە مەنبەسى: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ