تېمپېراتۇرا ئاخىرى ئۆرلىدى !!!

日期:2023年12月18日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا

شىنجاڭ بۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيانقى

ئەڭ كۈچلۈك جۇدۇنلۇق ھاۋارايىنى كۈتۈۋالدى

ھەر كۈندىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ ھەممىسىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى

12-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەردە، كورلا شەھىرىدە بۇ يىل قىش كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قار ياغدى.

چۆ . خۇرە فوتوسى

بۇ قېتىمقى كۈچلۈك تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش

ھەربىر شىنجاڭلىقلارغا ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى

(يەنە كىم «بەك سوغۇق ئەمەس» دېيەلەيدىكىن)

ئىشقىلىپ سوغۇقتا تەكلىماكان قۇملۇقىدىمۇ قار ياغدى

12-ئاينىڭ 14-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىدە كەڭ كۆلەمدە قار يېغىپ، لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىغا يېقىن بولغان تەكلىماكان قۇملۇقى قېلىن بىر قەۋەت ئاپئاق قار بىلەن قاپلاندى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

ھېلىمۇ ياخشى

تىمپىراتۇرا ئاخىرى ئۆرلەشكە باشلىدى

12-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ

شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئاستا-ئاستا ئۆرلىدى

بۇ قېتىمقى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ

شىنجاڭدىكى سەپىرى رەسمىي ئاخىرلاشتى!

12-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 12دە

ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 14.1 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىپ

12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى ئوخشاش بىر ۋاقىت (نۆلدىن تۆۋەن 17.1 سېلسىيە گىرادۇس) بىلەن سېلىشتۇرغاندا

3 سېلسىيە گىرادۇس ئۆرلىدى

تېمپېراتۇرا ئۆرلەش ۋەزىيىتى يەنە داۋاملاشماقتا

(خۇشاللىقتىن يىغلاپ كېتىمىز جۇمۇ)

بۇ ھەپتە

ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى

11.5 سېلسىيە گىرادۇس ئۆرلەيدۇ

مۆلچەرلىنىشىچە، پەيشەنبە (12-ئاينىڭ 21-كۈنى) ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 1.8 سېلسىيە گىرادۇس بولىدىكەن

تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسى

شىنجاڭنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى ئالتايدائەڭ روشەن بولىدىكەن

تېمپېراتۇرىنىڭئەڭ يۇقىرىئۆرلەش دەرىجىسى 19.1 سېلسىيە گىرادۇس بولىدىكەن

شەنبە كۈنى ( 12-ئاينىڭ 23-كۈنى) نۆل سېلسىيە گىرادۇس بولىدىكەن

تارباغاتايدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا

شەنبە كۈنى (12-ئاينىڭ 23-كۈنى) بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن

ھەتتا 2.8 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدىكەن

غۇلجىدىمۇ تېمپېراتۇرا ئۆرلىدى

مۆلچەرلىنىشىچە، 12-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 4 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدىغان بولۇپ

شىمالىي شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ئۆرلەيدىكەن

12-ئاينىڭ 18-كۈنى كۈندۈزى

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون

كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن رايونلاردا

سۇس ياكى ئازراق قار ياغىدۇ

شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى

تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا

5 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ

شامال ئېغىزلىرىدا 9 بالدىن 10 بالغىچە بوران چىقىدۇ

12-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەردە، ئاپتوموبىللار ئۈرۈمچى شەھىرى شىمالىي ساي يولىدا كېتىۋاتماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 19-كۈنى كۈندۈزگىچە

تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىن داۋانچىڭ رايونىغىچە

سانجى ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا

5 ~ 4 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ

بۇنىڭ ئىچىدە،تارباغاتاي ۋىلايىتى لاۋفېڭكوۋ ۋە مايتاس شامال رايونى

ئالتاي ۋىلايىتى ناۋخەي شامال رايونى قاتارلىق

شامال ئېغىزلىرىدا 10 بال ئەتراپىدا بوران چىقىدۇ، قىسمەن جايلاردا قار-شىۋىرغان كۆرۈلىدۇ

تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن رايونلاردا

ئارىلاپ-ئارىلاپ تۇتۇق تۇمانلىق، سۇس قارلىقھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

12-ئاينىڭ 15-كۈنى، تاڭ نۇرى چېچىلغانئۈرۈمچىگە بوشلۇقتىن نەزەر.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى

12-ئاينىڭ 19-كۈنى كېچىدىن 20-كۈنى كۈندۈزگىچە

شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى

قاراماي شەھىرى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن رايونلاردا

سۇس ياكى ئازراق قار ياغىدۇ

بۇ مەزگىلدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا

ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى كۈچلۈك ئەمەس

تېمپېراتۇرا بىر ئاز ئۆرلىدى

ئەمما يەنىلا قېلىن كىيىنىپ ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىڭ

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى