ئۇرۇق ـ تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىزاھلىنىشى

日期:2023年12月18日
来源:天山网
【字体:

شىن شىجيەن

«يولۇچى بىلەن بىر يۆنىلىشلىك ئاپتوموبىل»لار «قار ـ شىۋىرغانلىق كېچىدە قايتقان كىشىلەر»نى ئاپىرىپ قويدى، «قەلبنى ئىللىتىش ئۆيلىرى» سىرتتا ئىشلەۋاتقان ئەمگەكچىلەرنى ئارام ئېلىش، ئىسسىنىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، كارخانىلار مېھىر ـ شەپقەت ماددىي ئەشيالىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بەردى... شىنجاڭدا قىش كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئەڭ كەڭ دائىرىلىك قەھرىتان سوغۇق ھاۋارايى ئالدىدا، ھەر مىللەت ئامما قەھرىتان سوغۇقنى ھېس قىلدى، ئەتراپىدىكى ھەربىر ئىشتىن تېخىمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلدى. مەنزىلگە ئاپىرىپ قويۇش، بىر ئىستاكان ئىسسىق چاي، بىر ئېغىز ئىللىق سۆز قار ـ مۇزنى ئېرىتىدىغان كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قىزغىن، ئاق كۆڭۈل، ئىتتىپاق، دوستانە شىنجاڭ قىياپىتىنى شەكىللەندۈردى.

قارىغاي سوغاقتا سىنىلىدۇ، چىن مېھىر ـ مۇھەببەت قىيىن كۈنلەردە بىلىنىدۇ. دەل «كۈچ چىقىرىش»، «ياردەم قىلىش» ئاڭلىقلىقى بىلەن، قاتناش ساقچىلىرى، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى خادىملىرى، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەر قاتارلىقلار ئىش ئورۇنلىرىدا ئۈن ـ تىنسىز چىڭ تۇرۇپ، ئونمىڭلىغان ئائىلىنىڭ بەختى ئۈچۈن ھەسسە قوشتى، 30 سائەت ئىچىدە 7000دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ئىگىسى «يولۇچى بىلەن بىر يۆنىلىشلىك ئاپتوموبىل» پائالىيىتىگە قاتناشتى، نۇرغۇن ئاق كۆڭۈل ئاشخانا ئىگىلىرى مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنى ئىسسىق قوي گۆشى شورپىسى بىلەن تەمىنلىدى، نۇرغۇن ۋاڭخۇڭ، داVلار مەستانىلىرىنى «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ھەرىكىتى»گە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلدى... قانچىكى مۇشۇنداق قەھرىتان سوغۇق بولغان ئالاھىدە پەيتلەردە، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، بىر ـ بىرىگە ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان ساپ خىسلىتىنى شۇنچە كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان سوغۇقتا، كەڭ ئامما مىللەت ئايرىماي، رايون ئايرىماي، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، مەيلى قايسى كەسىپتە بولسۇن، ھەممە بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ ئورتاق ماكانىمىزنى قوغداپ، غەمخورلۇققا موھتاج ھەربىر كىشىگە غەنخورلۇق قىلدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئۇرۇق ـ تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىزاھلىنىشى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئۆزئارا ئېجىل ـ ئىناق ئۆتىدىغان، بىر ـ بىرىگە يار ـ يۆلەك بولىدىغان مۇشۇنداق كۈچ بولسىلا، بىز ھەرقانداق ئەگرى ـ توقايلىقنى بېسىپ ئۆتەلەيمىز، ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيمىز. ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇشتەك بۇ خىل كۈچ بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدىكى قەتئىي ئىشەنچ، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئەڭ چوڭ غەيرەتتۇر.

شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئەزەلدىن ئىللىقلىق ۋە تەسىرلىنىش كەم بولغان ئەمەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەندىكى «بىلىكى ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئوغۇل بالا» ئۈچۈن ھاياتلىق كۈچ ئۇلاش لىنىيەسىنى بەرپا قىلغان ھەر ساھە زاتلىرى، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزغان پامىر بۈركۈتى لاچىن بايەكەدىن ساياھەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بەرگەن ئابدۇجاپپار مېڭدى، 4700 كىلومېتىر يولنى بېسىپ مېھىر ـ مۇھەببەت يەتكۈزگەن «ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل ھەيدىگەن» يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرىغىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدىكى بىر ئاددىي ئەزا، ئەمما دەل ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا نامايان بولغان باتۇرلۇق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك، ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇق كىشىلەر قەلبىنى بىۋاسىتە لەرزىگە سالىدىغان تەسىرلىك كۈچ پەيدا قىلدى. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى كىشىلەرگە مېھرىبان بولۇش، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش، ئومۇمنىڭ ئىشىغا جان كۆيدۈرۈش، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى يۆلەشتەك بۇ خىل ئىدىيە ۋە قاراشلار مەيلى ئىلگىرى ياكى ھازىر بولسۇن، ھەممىسى مەڭگۈ ئۆچمەس دەۋر قىممىتىگە ئىگە.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئاشۇ «ئەڭ گۈزەل» كىشىلەر، خەتەرلىك پەيتتىكى ئاشۇ «قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچى»لەر، جان پىدالىق كۆرسەتكەن ئاشۇ «سىيما»لار، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئاددىي كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئاشۇ «ئىزنا»لار گەرچە يەر ـ جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆزنى قاماشتۇردى، قەلبلەردە مېھىر ـ مۇھەببەتنى بىخلاندۇردى، ئاق كۆڭۈللۈكنى بىر خىل مەنىۋى ئوزۇققا ئايلاندۇردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىممەت قارىشىنىڭ جانلىق ئىپادىسى، ھەممىسى ئاكتىپ كۈچنىڭ شەكىللىك ئىپادىلىنىشى. تارام ـ تارام ئېقىنلار قوشۇلۇپ دەريا ـ دېڭىزنى ھاسىل قىلىدۇ، كىچىككىنە ياخشى ئىشلار توپلىنىپ چوڭ مېھىر ـ مۇھەببەتنى شەكىللەندۈرىدۇ، ھەربىر كىشى ئاق كۆڭۈل بولسا، ياخشى ئىشلارنى قىلسا، ياخشى ئەخلاقنى ئەۋج ئالدۇرسا، جەمئىيەت چوقۇم ئەخلاق ھارارىتىگە تېخىمۇ تولۇپ، «ھەممە مەن ئۈچۈن، مەن ھەممە ئۈچۈن» دەيدىغان ياخشى ئايلىنىش شەكىللىنىدۇ.

ئۆزئارا ياردەم بېرىش، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈش ھەم ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ ئىچكى يادروسى، تېخىمۇ مۇھىمى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە جەۋھىرى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خۇددى قۇياش نۇرىغا، ھاۋاغا ۋە سۇغا ئوخشاش كەم بولسا بولمايدىغان شىنجاڭدا، ئۆزئارا ياردەم قىلىش، ئۆزئارا سىڭىشىش، ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇش ئەڭ ئادەتتىكى مەنزىرە، ھەممە ئادەم قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدىغان قائىدە. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق ئەنئەنىسىگە يەنىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشساقلا، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ ھېكايىلەر چوقۇم شىنجاڭ تۇپرىقىدا بارلىققا كېلىدۇ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسى مۇقەررەركى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولىدۇ.