پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىش كېرەك

日期:2023年12月18日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنى ئېكسكۇرسىيە، سۆھبەتكە تەكلىپ قىلدى

پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 12 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنى ئېكسكۇرسىيە، سۆھبەتكە تەكلىپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل سۆھبەت يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

«مەن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرى ۋە پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىگە نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچە ۋە تونۇشقا ئىگە بولدۇم» «مەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىمەن» «مەملىكەتلىك 1 ـ ماي ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولۇمنى پائال جارى قىلدۇرىمەن»... سۆھبەت يىغىنىدا، تۆت ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىلى ئۆز ئىش ئورنىغا بىرلەشتۈرۈپ ھېس تۇيغۇلىرى، تەسىراتلىرى ئۈستىدە كەڭ ـ كۇشادە پاراڭلىشىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش ئىشەنچى ۋە غەيرىتىنى ئىپادىلىدى.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق بىلدۈردى: كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن تەسىرلەندىم، ھەم زور تەربىيەگە ئىگە بولدۇم. ئۇ خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، ھەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كەڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ئەمگەكچى ئاممىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىش جەريانىدا ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق قۇرۇلتىيى نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى قاتارلىق فۇنكسىيەلەرنى ئۈستىگە ئالغان، بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ كوللېكتىپ كېڭىشىش نىزامىنى تۈزۈپ چىقتى ھەم ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەمگەك قانۇنى نازارەتچىلىك نىزامى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۈلۈك باشقۇرۇش نىزامى قاتارلىقلارنى بەش يىللىق نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئالاقىدار ساھەلەرگە دائىر نىزام چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، قانۇن بويىچە ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ئاساسىي قاتلامدا بولۇپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئەڭ قويۇق، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى پائال ئىنكاس قىلىپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ئالاقىدار نىزاملارنى تۈزۈش ۋە تۈزىتىش خىزمىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداش مۇلازىمىتى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ساھەسىگە ئالاقىدار نىزام چىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئەمگەك قانۇنى قاتارلىق قانۇن ـ نىزاملارنى ھەقىقىي تۈردە ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، قانۇنچىللىق شەكلى ئارقىلىق ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشى، ياخشى قوغدىشى، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى كۆپ خىل قانۇن نازارەتچىلىكى شەكلىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، ئالاقىدار قانۇن ـ نىزاملارنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن كەڭ ئىشچى ـ خىزمەتچى ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەتلەندۈرۈشى كېرەك.

مۇقىيات جارمۇقامەت يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.