ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار قەھرىتان سوغۇق ھاۋارايىغا پائال تاقابىل تۇردى

日期:2023年12月18日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

12 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قار ـ يامغۇر، مۇز تۇتۇش ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلاردىن مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن خەتەرلىك ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىشنى بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ قېتىمقى قەھرىتان سوغۇق ھاۋارايى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھاۋارايى ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، كۆزىتىش ـ ئۆلچەش، ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، قار ـ مۇزنى ۋاقتىدا تازىلاپ، قاتناش يول تورى، ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئېنېرگىيە كاپالىتى ۋە ئىسسىق ساقلاش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجى، ئۈمىدىنى چىڭ كۆزلەپ، ناچار ھاۋارايى ئېلىپ كەلگەن تەسىرگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.

ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، بىرمۇبىر ئەھۋال ئىگىلەش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى

بۇ قېتىمقى قەھرىتان سوغۇق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم تۈزلەڭلىك رايونلاردا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 32 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 22 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولدى، جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى تۈزلەڭلىك رايونلاردا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 22 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ تۇرغۇن يېزىسىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 45.4 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشتى.

مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ـ ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش بىرىنچى مۇداپىئە سېپى. شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى كۆپ قېتىم ئالاقىدار تارماقلارنى يىغىپ كېڭەشتى ھەم مېتېئورولوگىيە سۇپىسى، شۇنداقلا ئاخبارات تاراتقۇلىرى ئارقىلىق نوپۇزلۇق ئالدىن مەلۇمات، ئالدىن سىگنالنى دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلدى، باش مۇتەخەسسىسلەرنى سۆزلەپ بېرىشكە تەشكىللەپ، ئاممىنى ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش ۋە تاقابىل تۇرۇشقا يېتەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېغىر ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە IV دەرىجىلىك ئىنكاس قايتۇرۇش بۇيرۇقىنى يولغا قويدى، ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى تېزدىن جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش ھالىتىگە كىرىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ ـ خەتەرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردى.

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى سۈي سەيشيا مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى ھاۋارايى ئۆزگىرىشىگە سىجىل تۈردە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە باشقۇرۇش، قاتناش قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. ناچار ھاۋارايىنىڭ تەسىرى يۇقىرى بولغان يول بۆلەكلىرى، توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە شەھەرنىڭ يۈرۈشۈش بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارغا قارىتا ئىنچىكە مۇلازىمەتنى يولغا قويىدۇ.

شىنجاڭدا ئوتلاق چارۋىچىلىقى كەسپىنىڭ سالمىقى زور. قەھرىتان سوغۇق ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق ـ مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى بىرىنچى ۋاقىتتا ئاپتونوم رايون، ۋىلايەتتىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش 24 سائەت نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلار ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى قىشلاق ۋە ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىدا يەم ـ خەشەك زاپىسى تەييارلاش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى قايتا ئېنىقلاپ چىقتى. ھەرقايسى جايلاردىكى 4199 نەپەر چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق تېخنىكى قار ـ شىۋىرغانغا قارىماي، چارۋىچىلىق بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، چارۋىلارغا يەم ـ خەشەك تولۇقلاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، يەم ـ خەشەك پىششىقلاش قاتارلىق تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى.

كېچە ـ كۈندۈز جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىنىپ قار ـ مۇزلار تازىلاندى

كېچە ـ كۈندۈز دېمەي، قار ـ مۇزلار سىجىل، ۋاقتىدا تازىلاندى. قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قاتناش ساقچىلىرى، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى، تاشيول ئاسراش خادىملىرى قاتارلىقلار ئۇدا جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 12 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىدىن 14 ـ كۈنىگىچە، جەمئىي 9800 قېتىمدىن ئارتۇق قار تازىلاش ئۈسكۈنىسى، 80 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تازىلىق ئىشچىسى ۋە باشقا خادىملار ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلۈپ، جەمئىي 190 مىڭ توننىدىن ئارتۇق يىغىندا قار تازىلاپ توشۇلغان.

«بىز خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ۋە ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۆدۇڭ مۇنداق دېدى: ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، قاتناش ـ تىرانسپورت تارماقلىرى پائال تۈردە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قار تازىلاپ قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن يول تورىنىڭ يۈرۈشۈشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قاتناش يول تورىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

شىنجاڭ تاشيول باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەم يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تىجارىتىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى قارنى بۇيرۇق بىلىپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، ماددىي ئەشيا ئاجرىتىپ، ماشىنىلارنى تەشكىللەپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، تەۋەلىكىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ھەم ئادەتتىكى دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى غول لىنىيەلىرىدىكى قارنى تازىلاپ، قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى؛ شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى خادىملار، ماشىنا ـ ئۈسكۈنىلەرنى نەق مەيداندا تەخ بولۇشقا، نۇقتىلىق ۋوگزال رايونى، شۇنداقلا لىنىيە بويىدىكى نۇقتىلىق رايونلاردىكى ئاچاللارغا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قار ـ مۇزلارنى توختىماي تازىلاشقا تەشكىللەپ، تۆمۈريول ئەسلىھە ـ ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ھالىتىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ نۇقتىلىق يولۇچى توشۇش بېكەتلىرى يولۇچىلارنىڭ بېكەتكە كىرىش ـ چىقىشىنى تەشكىللەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، خادىملارنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىپ يولۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ بېكەتكە ئوڭۇشلۇق كىرىپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

قار ياغقان ھامان تازىلاندى، بىر تەرەپتىن تازىلىنىپ، بىر تەرەپتىن توشۇلدى، قايتا ـ قايتا تازىلاندى. يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر، راۋان يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى خادىملار ۋە ماشىنىلارنى سىجىل قار تازىلاشقا تەشكىللەپ، ئۇچۇش ـ چۈشۈش يولى ھەم ئاساسلىق سىيرىلىپ مېڭىش يولى ۋە ئالاقە يولىنى ئىشلىتىشكە ئېچىۋېتىشكە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ نورمال يۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

سىجىل داۋاملاشقان تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى ئايروپىلان ئائېرودىنامىك بۆلەكلەرنىڭ تاشقى شەكلى ئۆزگىرىش، ئۇچۇشنى كونترول قىلىش رول سىستېمىسىنىڭ مەشغۇلاتى قىيىنلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ بىرنەچچە كۈندە، ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش تېخنىكىسى شۆبە شىركىتىنىڭ شىنجاڭ بازىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار سەھەر سائەت 6دىن باشلاپ ئايروپىلانلاردىكى مۇزنى تازىلاپ، ئۇدا يېرىم كېچىگىچە ئىشلىدى.

ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك، مۇقىم بولدى

شەھەر ـ بازارلارنى پار بىلەن تەمىنلەش خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. «ئۈسكۈنىلەرنى يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن ھۆكۈم قىلىشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىدۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى شەھەر قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى خې فېڭ مۇنداق دېدى: سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، ھەرقايسى جايلاردىن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق.

ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆي تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چۆچەك شەھىرى تيەنچېڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى 12 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنىدىن باشلاپ پارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىتىش خىزمىتىنى باشلىدى. «سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىسىمۇ، ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىمەيدۇ.» بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋېن يىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۇچۇر سۇپىسى قىزىق لىنىيەسى 24 سائەت ئوچۇق، ئاھالىلەرنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىمىز.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش 24 سائەت نۆۋەتچىلىكنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، تۈرلۈك تاسادىپىي ئىشلارغا تېز ئىنكاس قايتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇھىم تىرانسفورموتور پونكىتلىرىنى تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى، ئىنفرا قىزىل نۇر ئارقىلىق تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش قاتارلىق تەكشۈرۈش ۋاسىتىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، توك يەتكۈزۈش، تەقسىملەش لىنىيەلىرىنى ئالاھىدە چارلاش، ئالاھىدە ئاسراشنى كۈچەيتىپ، يېتىشسىزلىكلەرنى ۋاقتىدا تۈگەتتى.

ئاراتۆرۈك گۇاڭخۇي كانچىلىق چەكلىك شىركىتى ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى ۋە پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش سالمىقىنى زورايتتى، 12 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، بۇ شىركەت تۆمۈريول ئارقىلىق 92 مىڭ توننا كۆمۈر توشۇپ، كۈندىلىك توشۇش مىقدارىدا يېڭى يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى. جۇڭمېي گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى پىلىچى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىنىڭ خىزمەتچىلىرى قېزىش ماشىنىسىنى ھەيدەپ «قار كېچىپ» جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى، ھازىرغىچە، بۇ يىل جەمئىي 1 مىليون 420 مىڭ توننىدىن ئارتۇق كۆمۈر سودىسىنى تاماملىدى.

تېمپېراتۇرا بىردىنلا تۆۋەنلەپ، «20 ـ » نومۇرلۇق ۋە «35 ـ » نومۇرلۇق قېتىشىش نۇقتىسى تۆۋەن دىزېل مېيىغا بولغان ئېھتىياج ئاشتى. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى تۆت چوڭ نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى كارخانىسى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ قېتىشىش نۇقتىسى تۆۋەن دىزېل مېيى ئىشلەپچىقاردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ بويىچە قېتىشىش نۇقتىسى تۆۋەن دىزېل مېيى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك، سېتىلىشى مۇقىم بولماقتا.

«پۇقرالارنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە، تاماق ئۈستىلىدە ئىسسىق تاماق بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش»نى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى قىلغان تارىم نېفىتلىكىدىكى تۇنجى تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرى − كۆكيار تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرى 12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى رەسمىي تەبىئىي گاز ئېلىشنى باشلىدى، بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ تەبىئىي گازىنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرىدۇ. دۆلەت تۇرۇبا تورى گۇرۇھى غەربىي رايون تۇرۇبا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ، گەنسۇ، چىڭخەيدە يېڭىدىن توققۇز چۈشۈرۈش نۇقتىسى تەسىس قىلدى، بۇ ئارقىلىق لىنىيە بويىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىشنى ئىللىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

(مۇخبىر يۈ جياڭيەن، قاتناشقان مۇخبىرلار شيې خۇيبيەن، لۇ فېڭباۋ، ۋاڭ يايۈن، ما بويۈ، ما يىنىڭ، چېن چياڭۋېي)