شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 300 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

日期:2023年12月18日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى 11 ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 320 مىليارد 530 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 ـ ئورۇندا تۇرغان. بۇ، شىنجاڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تۇنجى قېتىم 300 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، تاشقى سودىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئاكتىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2021 ـ يىلى 11 ـ ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ ئايلىق ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى ئۇدا 25 ئاي ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىپ، تاشقى سودا كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى.

ئالدىنقى 11 ئايدا، شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ئىمپورت ـ ئېكسپورت تاۋارلىرىدا قوش يۆنىلىشلىك تەڭ جانلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. ئەمگەك كۆجۈملەشكەن مەھسۇلاتلار، ماشىنا ـ ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنىڭ تېز ئېشىشى بۇ يىللىق شىنجاڭ ئېكسپورتىنىڭ ئاساسلىق يارقىن نۇقتىسى بولدى. بۇ ئىككى تۈرلۈك تاۋارنىڭ يىغىندى ئېكسپورت قىممىتى 232 مىليارد 760 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ تاشقى سودا ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %86ىنى ئىگىلىدى. مېتال كانى ھەم رۇدىسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ماشىنا ـ ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، پىروكاتلانمىغان مىس ھەم مىس ماتېرىياللىرى شىنجاڭ ئاساسلىق ئىمپورت قىلغان تاۋارلار بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ تاشقى سودا ئىمپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %82ىنى ئىگىلىدى.

ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئىپادىسىدىن قارىغاندا، جەنۇبىي شىنجاڭ كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كەتكەن، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى نامايان بولغان. ئالدىنقى 11 ئايدا، جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ رايونلىرىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %71.4، %38.8 ئاشقان. شىمالىي شىنجاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا كۆلىمىنىڭ سېلىشتۇرما قىممىتى 2022 ـ يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدىكى 2.8 ھەسسىدىن تەدرىجىي كىچىكلەپ، بۇ يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە 2.3 ھەسسىگە چۈشكەن. ئالدىنقى ئون ئاي بىلەن سېلىشتۇرغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تاشقى سودىسىدا ئالدىنقى ئۈچ كۈچلۈكنىڭ ئورۇن تەرتىپىدە ئۆزگىرىش بولغان. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قەشقەر ۋىلايىتىدىن ئېشىپ 1 ـ ئورۇندا تۇرغان، ئىشقا ئاشۇرغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى 80 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.3 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %25ىنى ئىگىلىگەن. قەشقەر ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 77 مىليارد 150 مىليون يۈەن، 63 مىليارد 540 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 2 ـ، 3 ـ ئورۇندا تۇرۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %80.8، %40.3 ئاشقان.

ئالدىنقى 11 ئايدا، شىنجاڭنىڭ سودا قۇرۇلمىسى چېگرا ئاز سوممىلىق سودىسى ۋە ئادەتتىكى سودىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇ ئىككى تۈرلۈك سودا شەكلىنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %51.7، %31.9 ئېشىپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا شىنجاڭنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %60.6، %24.8ىنى ئىگىلىدى.

جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە قىلغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.4 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %79.8ىنى ئىگىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈچ چوڭ سودا ھەمراھ دۆلىتى بولغان قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستانغا قىلغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %70.8، %32.1، %97.3 ئاشتى. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49.8 ئاشتى.

ئالدىنقى 11 ئايدا، شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.8 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %93.3ىنى ئىگىلىدى؛ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %63.5 ئاشتى. قەشقەر، قورغاس، ئالاتاۋ، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ جەملىمە ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %90.4 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %41.7ىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى جانلىق بولۇش، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون ۋەكىللىكىدىكى ئوچۇق سۇپىنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتەرلىك بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر گەۋدىلەندى.