جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسىنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشۇش

日期:2023年12月18日
来源:天山网
【字体:

− ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئىككى كۆرسەتكۈچنىڭ مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇرغانلىقىنىڭ ئارقىسىدا

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

ئومۇمىي ھوسۇلنىڭ ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى!

تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى!

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە ئاساسلانغاندا، 2023 ـ يىلى شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 42 مىليارد 384 مىليون جىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6 مىليارد 113 مىليون جىڭ ئاشقان؛ تېرىلغۇ كۆلىمى 42 مىليون 371 مىڭ 500 مو بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5 مىليون 863 مىڭ 500 مو ئاشقان.

مەملىكەت بويىچە ئىككى تۈردە 1 ـ ئورۇندا تۇرۇشنىڭ ئارقىسىدا، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى چۆرىدەپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، سۇ بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش، تېرىلغۇ كۆلىمىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش، سىياسەت ۋە تېخنىكا ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسىنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى بار.

ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش

ئومۇمىي ھوسۇل تۇنجى قېتىم 40 مىليارد جىڭدىن ئاشتى

بۇ يىل، شىنجاڭ ئاشلىق، ياغ كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوغداش، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ «پۇل تاپالايدىغان بولۇش»ىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جەھەتتە «ئاپتونوم رايون ئىچىدە تەڭپۇڭ بولۇش، بىر ئاز ئېشىنچا بولۇش»تىن «ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش»كە ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولدى.

«سىياسەت ياخشى، تېخنىكا ياخشى بولغاچقا، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.» قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى شازغەت يېزىسى خارسۇخاي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جۈ پېڭباۋ مۇنداق دېدى: بۇ يىل بۇغداينىڭ ئۆسۈش مەزگىلىدە، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى دائىم ئېتىز بېشىغا كېلىپ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىپ، تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەردى. ئاپتونوم رايون ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بىۋاسىتە ياردەم تولۇقلىمىسى بەردى، مول ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن ئاشلىق سېتىش ھالقىلىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ غەم ـ ئەندىشىسىنى تۈگەتتى، بۇ يىل مەن تېرىغان بۇغداينىڭ مو بېشى ھوسۇلى 500 كىلوگىرامدىن كۆپرەككە يېتىپ، ھوسۇلمۇ، كىرىممۇ ئاشتى.

شىنجاڭ مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بىر قېتىمدا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەرمو يەرگە بېرىلىدىغان بۇغداي تېرىش ياردەم تولۇقلىمىسى سوممىسىنى 230 يۈەنگە ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ نەپ ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ 1 مىليارد 373 مىليون يۈەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ماشىنا ـ سايمانلىرى ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلدى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان 43 چوڭ ناھىيەگە مەركەز مالىيەسى مۇكاپات مەبلىغىدىن 910 مىليون يۈەن تارقىتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ ناھىيەلەرنىڭ ئاشلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە ئىلھام بەردى. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تۈرى ۋە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق سىياسەت جەھەتتە مەدەت بېرىلىدىغان ساھەلەرنى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا مايىللاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا يار ـ يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوغدىدى.

سىياسەت جەھەتتە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىدا، شىنجاڭ تېرىلغۇ كۆلىمىنى كۆپەيتىش، ئېڭىزغا تېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاشلىق تېرىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشتا «كۆلەمنى كېڭەيتىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

«پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ھوسۇلنى 4 مىليارد جىڭ ئاشۇرۇش نىشان ـ ۋەزىپىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتى تېرىقچىلىق ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى تاڭ يىۋۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى «يەر قەيەردە، نېمە تېرىلىدۇ، سۇ بىلەن قانداق تەمىنلىنىدۇ» قاتارلىق يادرولۇق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، تاشلىنىپ قالغان يەرلەرنى قايتا ئۆزلەشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تېرىقچىلىق كۆلىمىنى 1 مىليون مودىن ئارتۇق يېڭىدىن كۆپەيتتى، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى 3 مىليون مودىن ئارتۇق يېڭىدىن كۆپەيتتى. ھەرقايسى جايلار پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىش، مەسئۇل بولۇش خىزمەت مېخانىزمىنى پائال مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرىجىمۇدەرىجە تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋەدىنامىسى ئىمزالاپ، بەش دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتىدىغان ياخشى خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

ئىشلەپچىقىرىشتا «كۆلەمنى كېڭەيتىش»كە ۋاسىتە ھازىرلاش ئۈچۈن، شىنجاڭ كەسىپ توپى قۇرۇلۇشى ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلى دەرياسى ۋادىسى، جۇڭغار ئويمانلىقى، چۆچەك ـ دۆربىلجىن ئويمانلىقى، يەنجى ئويمانلىقى، تارىم ئويمانلىقى قاتارلىق ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مەركەزلىشىشكە ئىلمىي يېتەكلىدى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان توققۇز ئاساسلىق ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ ئاشلىق ھوسۇلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ تەخمىنەن %95ىنى ئىگىلەپ، ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

يولغا قويۇلۇشى ئۈنۈملۈك بولغان بىر قاتار تەدبىرلەر پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك تىرەك بولدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023 ـ يىلى، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى تۇنجى قېتىم 40 مىليارد جىڭلىق چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتكەن.

دىققەتنى سۇ ۋە يەردىن ئىبارەت جان تومۇرغا مەركەزلەشتۈرۈش

ھوسۇلنى ئاشۇرۇشنىڭ ماددىي ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى

ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش سىياسەت كاپالىتى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، شىنجاڭ دىققەتنى تېرىلغۇ يەر ۋە سۇ بايلىقىدىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچلۇق مۇھىم ئامىلغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشنىڭ ماددىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئاشلىق، ياغلىقدان زىرائەتلىرى ھوسۇلىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەڭپۇڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

سۇ شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى زۆرۈر ماددىي ئاساس. بۇ يىل، شىنجاڭدىكى سۇچىلىق، يېزا ئىگىلىكى، ئورمان ـ ئوتلاق ۋە ۋادى باشقۇرۇش قاتارلىق سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان، سۇ ئىشلىتىدىغان تارماقلار دەريادىن كېلىدىغان سۇ، سۇ ئامبىرىدا ساقلىنىۋاتقان سۇ، يەر ئاستى سۈيى ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسى قاتارلىق ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاشلىق زىرائەتلىرى، 2 ـ نۆۋەت ھۆددىگە ئالغان يەرلەر، ئاساسىي ئېتىز ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارغا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىش، باشقا زىرائەتلەرگە ئېلاستىكلىق تەقسىملەش پىرىنسىپى بويىچە، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە ۋادى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنى يىللىق سۇغىرىش، سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى بىرتۇتاش تۈزۈشكە تەشكىللىدى. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى جەريانىدا، ھەرقايسى تارماقلار ئورۇنلاشتۇرۇش، كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، زىرائەتلەر بويىچە ئايرىپ، ناھىيە، شەھەرلەر بويىچە ئايرىپ، سۇغىرىش دەۋرىيلىكى بويىچە ئايرىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ، بولۇپمۇ ئاشلىق زىرائەتلىرىنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئېھتىياجىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى.

«<گالنى بوغىدىغان> قۇرغاقچىلىق تۈگىتىلگەچكە، ھوسۇل كاپالەتكە ئىگە بولدى.» سانجى شەھىرى سەنگۇڭ بازىرى ئەرگۇڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاڭ يۈيۈن مۇنداق دېدى: سۇچىلىق تارماقلىرى يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىشكە ئالدىن كاپالەتلىك قىلدى، بۇغدايلىققا توڭ ياتقۇزۇش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ قاتارلىق سۇغىرىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە سۇ ۋاقتىدا كەلدى، سۇ مىقدارى يېتەرلىك بولدى، ئۆزىمىز تېرىغان بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇلى 50 كىلوگىرامغا يېقىن ئاشتى، ئاشلىق تېرىشتىن قىلغان كىرىمىمىز كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

تېرىلغۇ يەرلەرنى قانغۇچە سۇغىرىش، زىرائەتلەرنى قاغجىرىتىپ قويماسلىق شىنجاڭدا ئاشلىق ھوسۇلىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ. 11 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنىگىچە، بۇ يىل شىنجاڭدا تەمىنلەنگەن سۇغىرىشقا ئىشلىتىلگەن سۇ 52 مىليارد 990 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليارد 80 مىليون كۇب مېتىر كۆپ تەمىنلەندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاشلىق زىرائەتلىرىنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلگەن سۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 797 مىليون كۇب مېتىر كۆپ تەمىنلىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇپ مول ھوسۇل ئېلىشقا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىندى.

تېرىلغۇ يەر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ «جېنى». بۇ يىل، شىنجاڭ «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش»نىڭ ماددىي ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، دىققەتنى مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالدى بىلەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونى، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغداش رايونى ۋە ئاپتونوم رايون بېكىتكەن «تۆت 1 مىليون مو»لۇق ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلدى. مېخانىزم ئورنىتىش، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى چىڭىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئېتىز قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ، تۇپراق بايلىقى زىددىيىتى گەۋدىلىك بولۇش مەسىلىسىنى پەسەيتتى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ 2023 ـ يىللىق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، 4 مىليون 350 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزنى يېڭىدىن بەرپا قىلدى ۋە ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، ئاپتونوم رايون (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بويىچە خەرىتىگە چۈشۈرۈلۈپ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزۈلگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز 39 مىليون 660 مىڭ موغا يېتىپ، «14 ـ بەش يىل»دىكى قۇرۇلۇش نىشان ـ ۋەزىپىسى مۇددەتتىن ئىككى يىل بۇرۇن تاماملاندى.

«يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش ۋە سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوللىنىش سەۋىيەسى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتى ئېتىز قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ مىڭيى مۇنداق تونۇشتۇردى: يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئېتىزنى سۇغىرىش سۈيىدىن پايدىلىنىش كوئېففىتسېنتى 2018 ـ يىلىدىكى 0.55تىن 2022 ـ يىلىدىكى 0.573كە ئۆستى، كۆپ قىسىم يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز تۈرى رايونىدا ئېتىزنى سۇغىرىش سۈيىگە كاپالەتلىك قىلىش نىسبىتى %85تىن كۆپرەككە يەتتى، ئېتىزلاردا يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى ۋە سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 53 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. پۈتكەندىن كېيىنكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلاردا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇلى %5تىن ئارتۇق ئاشتى، قوناقنىڭ بىرلىك ھوسۇلى %20تىن ئارتۇق ئاشتى، يېزا ئىگىلىكىدە مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %30تىن %50كىچە كۆپىيىپ، ئېتىزلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

ئەلا سورت، ياخشى دېھقانچىلىق سايمىنى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش

بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسى دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى

بۇ يىل، شىنجاڭدا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى ۋە قوناقنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى ئاساسىي قاتلام ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەلا سورت ۋە يۈرۈشلۈك ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى دېھقانلارغا يەتكۈزۈپ، تۈرلۈك چارە ـ ئاماللار بىلەن پەن ـ تېخنىكا يوشۇرۇن كۈچىنى ئەمەلىي ھوسۇلغا، مۇتەخەسسىسلەر ھوسۇلىنى دېھقانلار ھوسۇلىغا، ئۆرنەك ھوسۇلنى سالا ئېتىز ھوسۇلىغا ئايلاندۇردى. شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا كۆلەم جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپلا قالماي، بىرلىك ھوسۇل ۋە تېرىقچىلىق سەۋىيەسىدىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆسۈش بولدى.

«ئەلا سورتقا ياخشى ئۇسۇل سەپلەنگەچكە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.» ئاۋات ناھىيەسى شىنخۇيچېڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى لېي يەنگاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز بۇغداينىڭ ھەممىسىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزغا تېرىپ، تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسېپلىق ئوغۇتلاش، سۇ، ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش قاتارلىق ئىلغار تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى قوللاندى، بۇغداي ھوسۇلى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشى بولدى.

شىنجاڭ ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا كۈزگى بۇغداي قاتارلىق دۆلەت سورت يېتىشتۈرۈش بويىچە بىرلىكتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئاپتونوم رايون ئۇرۇقچىلىقىدا «قابىللار باشلامچى بولۇش» بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. 13 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 66 ناھىيە، شەھەردە زىرائەتلەرنى سىناق تەرىقىسىدە ئۈلگە كۆرسىتىپ، تېرىش قانات يايدۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ بۇغداي ۋە قوناق كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئوخشاش بولمىغان ئېكولوگىيەلىك رايونلار بويىچە سورتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاساسلىق كېڭەيتىلىدىغان سورت ۋە ئۈلگە كۆرسىتىلىدىغان سورتلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھوسۇلى، سۈپىتى گەۋدىلىك، خۇسۇسىيىتى مۇقىم بولغان ئەلا سورتلارنى كېڭەيتىپ تېرىپ، ئاشلىقتىن مۇقىم ھوسۇل ئېلىش، يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سالدى.

«شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.» تاڭ يىۋۇ مۇنداق دېدى: مۇنبەت ئېتىز، ئەلا سورت، ياخشى دېھقانچىلىق سايمانلىرى، ياخشى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

ئىلغار، قوللىنىشچان تېخنىكىلارنى تېخىمۇ تېز ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل، شىنجاڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بويىچە مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت ئۆمىكىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا تېخنىكا جەھەتتىن مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى نىشانلىق ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ رولىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ھەقىقىي جارى قىلدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتى تېخنىكلارنى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بۇغداي كەسپى تېخنىكا سىستېمىسى مۇتەخەسسىسلىرى، بۇغدايدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش چوڭ ئائىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ بۇغدايدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە بەرپا قىلىش داۋامىدا ئىزدىنىلگەن، يەكۈنلەنگەن ۋە رەتلەپ چىقىلغان پىشقان تەجرىبىلەر ھەم ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ـ تەدبىرلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللەپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ بۇغداينى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش تېخنىكا لايىھەسى»نى يەكۈنلەپ شەكىللەندۈردى ھەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بۇغداي ھوسۇلىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشى ئاشۇرۇشقا تەسىر كۆرسەتتى ۋە تۈرتكە بولدى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئاشلىق زىرائەتلىرى ئەلا سورتىنىڭ قاپلاش نىسبىتى %98تىن كۆپرەككە يەتتى، بۇغداي، قوناق تېرىقچىلىقىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش ۋە سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوللىنىش كۆلىمى 26 مىليون مودىن ئېشىپ، تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %67ىنى ئىگىلىدى، بۇغداي، قوناق، كېۋەز قاتارلىق ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىقچىلىقىدا ئاغدۇرۇش، تېرىش، يىغىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدا ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن كۆپ تۈردە مەملىكەت بويىچە كەڭ كۆلەمدە يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتى يارىتىلدى. بۇ يىل، شىنجاڭدىكى سالالاشتۇرۇلغان 1000 مو كۈزگى بۇغدايدىن ئەمەلىي يىغىۋېلىنغان بىرلىك ھوسۇل 782.9 كىلوگىرام بولۇپ، مەملىكەت بويىچە كەڭ كۆلەملىك ئېتىزنىڭ بىرلىك ھوسۇلىدا ئەڭ يۇقىرى رېكورت يېڭىلاندى. ھەر 100 موسىدىن ئەمەلىي يىغىۋېلىنغان بىرلىك ھوسۇل 880.3 كىلوگىرام بولۇپ، شىنجاڭنىڭ بىرلىك ھوسۇل ئەڭ يۇقىرى رېكورتى يارىتىلدى. 100 مو، 1000 مو، 10 مىڭ مو، 100 مىڭ مو يەردىكى قوناقنىڭ بىرلىك ھوسۇلى ئايرىم ـ ئايرىم 1545.94 كىلوگىرام، 1427.66 كىلوگىرام، 1300.67 كىلوگىرام، 1117.4 كىلوگىرام بولۇپ، مەملىكەت بويىچە كەڭ كۆلەملىك ئېتىزدا يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتى يارىتىلدى.

يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتى ئارقا ـ ئارقىدىن يېڭىلانغاندىن باشقا، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن يىللىق مو بېشى ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلى 500.14 كىلوگىرامغا يېتىپ، مو بېشى ھوسۇلى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 3.41 كىلوگىرام ئاشتى. شىنجاڭ شاڭخەي بىلەن بىرلىكتە مەملىكەت بويىچە ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلى 1000 جىڭدىن ئاشقان ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)گە ئايلاندى.