100 سائەتلىك چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مەزمۇنىدىكى خەۋەر قىلىشنى باشلىدى

日期:2023年12月15日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)

100 سائەتلىك چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مەزمۇنىدىكى خەۋەر قىلىشنى باشلىدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك سوغۇق ئېقىملىق ھاۋارايىنى كۈتۈۋالدى، كەڭ كۆلەمدە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش، قار يېغىش شىنجاڭنىڭ قىشلىق قار ـ مۇز ئىقتىسادىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش بىلەن بىللە، يەنە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، جەمئىيەتنىڭ يۈرۈشۈشى، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا بىرقەدەر زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسىغا خاس مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىپ، جەمئىيەتكە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) «قەھرىتان سوغۇق قەلبلەرنى ئىللىتقان ھەرىكەت» تېمىسىدىكى 100 سائەتلىك چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مەزمۇنىدىكى خەۋەر قىلىشنى ئالاھىدە باشلىدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى قار ـ شىۋىرغانغا قارىماي ھەرقايسى جايلاردىكى نەق مەيدانلارغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ خەۋەر قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) پۈتۈن جەمئىيەت بىرلىكتە «قەلبلەرنى ئىللىتىش ئۆيى» «يولۇچى بىلەن بىر يۆنىلىشلىك ئاپتوموبىل» «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلارنى مۇھىم قاتناش يوللىرى، ئايرودۇرۇم، يولۇچى توشۇش بېكىتى، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش پونكىتى، كوچا باشقارمىسى، مەنزىرە رايونى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئاممىنىڭ قاتناش ـ سەپەرگە چىقىشى، تەمىنلەشكە، قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئوت ئۆچۈرۈش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ زىيارەت قىلىپ خەۋەر يېزىپ، ھەر خىل ئاخبارات ۋە مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا يوللاشقا ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئانار بۇلۇت ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاڭلىتىش ئۆيى ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيەلەردىكى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرى بىلەن بىرلىكتە «قەھرىتان سوغۇق قەلبلەرنى ئىللىتقان ھەرىكەت» تېمىسىدىكى 100 سائەتلىك تەكرار خەۋەر قىلىشنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ سوغۇق ئېقىملىق ھاۋارايىغا پائال تاقابىل تۇرۇشتا قوللانغان تۈرلۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىدۇ.

قار ـ شىۋىرغان شەپقەتسىز، كىشىلەر مېھىر ـ مۇھەببەتلىك، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى جەمئىيەتكە ئۈچ تۈرلۈك تەشەببۇس چىقاردى. بىرىنچى، يول بويىدىكى ھەرقايسى كارخانا، تىجارەتچىلەرگە «قەلبلەرنى ئىللىتىش ئۆيى» تەسىس قىلىپ، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى، گۇڭئەن خەلق ساقچىلىرى، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەر، ۋەيمەي توشۇغۇچىلار، ئېھتىياجلىق شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچى قاتارلىقلارنى قايناق سۇ ئىچىش، ئىسسىنىش، ئارام ئېلىشتىن ئىبارەت قولايلىق بىلەن تەمىنلەشنى تەشەببۇس قىلدى. ئىككىنچى، شارائىتى بار ئاپتوموبىل ئىگىلىرىگە «يولۇچى بىلەن بىر يۆنىلىشلىك ئاپتوموبىل» ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، يېشىل لېنتا چىگىپ، يول بويىدا ئاپتوموبىل ساقلاۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرى، يول يۈرۈشى قىيىن بولغان ئامما، بولۇپمۇ ياشانغان، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ، ھامىلىدار كىشىلەرنى ماشىنىغا ئولتۇرغۇزۇۋېلىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۈچىنچى، مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزىدىغان كارخانا ۋە ئورۇنلارنىڭ «ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش ئىتتىپاقى»غا قاتنىشىپ، قەھرىتان سوغۇقتا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان خىزمەتچىلەر ۋە ياردەمگە ئېھتىياجلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلدى.

شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) قارىمىقىدىكى شىنجاڭ گېزىتى، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، تىيانشان تورى قاتارلىق تاراتقۇلار «قەھرىتان سوغۇق قەلبلەرنى ئىللىتقان ھەرىكەت» تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خەۋەر قىلىش مەخسۇس سەھىپىسىنى يولغا قويدى، ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش سۇپىسىمۇ سىزنىڭ ياردەم سورىشىڭىزغا بىرىنچى ۋاقىتتا جاۋاب قايتۇرىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قاتنىشىشى ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ.