شىنجاڭنىڭ ئىككى مىكرو كىنوسى ئاسىيا مىكرو كىنو بايرىمىدا ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

日期:2023年12月14日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ( مۇخبىرليۇ مېڭمېڭ ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ جې خەۋەر قىلىدۇ) ئەمدىلا ئاياغلاشقان 10-نۆۋەتلىك ئاسىيا مىكرو كىنو سەنئەتبايرىمىدا، قاراماي ياشلار سۈرەت پىلانى، قانۇنچىللىق مەدەنىيەتيېڭىلىق يارىتىشقا مەبلەغ سېلىش مەركىزى تاللاپ ئەۋەتكەن ئەسەر «ئۇ ۋە ئۇلار»«غەربىي يۇرتتىكى قۇتلۇق ئىشلار» ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھۆججەتلىك فىلىم، خاتىرە سۈرەت (ھۆججەتلىك فىلىم) بۆلىكىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتى ۋە ۋەقەلىك فىلىم بۆلىكىنىڭ ياخشى ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

«ئۇ ۋە ئۇلار» «غەربىي يۇرتتىكى قۇتلۇق ئىشلار» مۇكاپاتقا ئېرىشكەن گۇۋاھنامە.

فېڭ جىبىن تەمىنلىگەن

ئاسىيا مىكرو كىنو سەنئەت بايرىمىنى جۇڭگو تېلېۋىزىيە سەنئەتكارلار جەمئىيىتى، مەركىزىي شىنيىڭ گۇرۇھى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، «مەملىكەت بويىچە داڭلىق ماركا بولۇش، ئاسىيادا تەسىرى بولۇش، دۇنيادا ئاۋازى بولۇش، جەمئىيەتتە گۈزەل نامى بولۇش، ئىقتىسادتا پايدىسى بولۇش» ئاساسىي مەقسەت قىلىنىپ، ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مىكرو كىنو ئەسەرلىرى ھەمدە كىنو تېلېۋىزىيە خادىملىرى تەقدىرلىنىپ، ئاسىيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە مىكرو كىنو سەنئەت كاتتا مەرىكىسى بولۇپ قالدى.

بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا مىكرو كىنو سەنئەت بايرىمىغا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان 2874 ئەسەر توپلانغان بولۇپ، جەمئىي 848 ئەسەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئەڭ ياخشى ئەسەر 158، مۇنەۋۋەر ئەسەر 307، ياخشى ئەسەر 383.

«ئۇ ۋە ئۇلار» ناملىق فىلىمدە تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىدە شياۋفەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نىڭ 30 ياشلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزى تۇرۇشلۇق شىركەتنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى، دېلونىڭ تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى، ئاساسلىق تەپتىش ئەمەلدارى جاڭ جېڭنىڭ بۇ دېلونى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى ھەمدە دەرھال تەكشۈرۈشكە كىرىشكەنلىكى بايان قىلىنغان.

«غەربىي يۇرتتىكى قۇتلۇق ئىشلار»دا تەپتىش ئەمەلدارى جىن شياۋخۇڭنىڭ چەت-ياقىدىكى كىچىك يېزا-كەنتتە قانۇنچىللىق بويىچە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولغانلىقى، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بالىلار ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇل ئارقىلىق مەكتەپلەردە قانۇنچىللىق تەشۋىق-تەربىيەسى، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئەدلىيە جەھەتتىن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلىپ، 24 بالىغا ئىللىقلىق يەتكۈزگەنلىكى بايان قىلىنغان. 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، بۇ فىلىم 9-نۆۋەتلىك شاڭخەي ئاممىۋى پاراۋانلىق مىكرو كىنو بايرىمىدا «ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.

مىكرو فىلىم «غەربىي يۇرتتىكى قۇتلۇق ئىشلار»نىڭ ئېلان مۇقاۋىسى.

فېڭ جىبىن تەمىنلىگەن

«بىز كىنو-تېلېۋىزىيە شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە قانۇنچىللىقنىڭ كۈچى ۋە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز». قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىنىڭ مەسئۇل باشقۇرغۇچىسى، كىنوچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى فېڭ جىبىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىشقا مەبلەغ سېلىش مەركىزى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق تېمىلارغا يېقىنلىشىپ، دەۋر خاسلىقىغا ئىگە قانۇنچىللىق مەدەنىيەت ئەسەرلىرىگە، مەسىلەن، «نەزەرىمدىكى سىز» «قانچە قوي كەم» قاتارلىق كارخانىلارنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، مۇھىت قوغداش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش، خەلق مۇرەسسەسى مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 قانۇنچىللىق مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى تاماملاشقا قاتناشتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى