شىنجاڭ قىش كىرگەنكى تۇنجى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنى كۈتۈۋالدى! 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەتراپىدا ئاخىرلىشىدۇ

日期:2023年12月14日
来源:天山网
【字体:

12-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 18دە

مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى سوغۇق ئېقىمدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى

مۆلچەرلىنىشىچە، 12-ئاينىڭ 12-كۈنى كېچىدىن باشلاپ 12-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە

كۈچلۈك سوغۇق ئېقىم شىنجاڭدىن باشلىنىپ

غەربتىن شەرققە، شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ دۆلىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

كۆپ قىسىم رايونلاردا 4 بالدىن 6 بالغىچە قىيپاش شىمال شامىلى چىقىدۇ

تېمپېراتۇرا شۇنىڭغا ئەگىشىپ 8 سېلسىيە گىرادۇستىن 16 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ

بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا 9 بالدىن 10 بالغىچە بوران چىقىدۇ

ئۆتكۈنچى شامال كۈچى 12 بالدىن 13 بالغىچە بولىدۇ

12-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 20دىن 12-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 20گىچە

شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا 8 سېلسىيە گىرادۇستىن 12 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ

شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن جايلاردا تېمپېراتۇرا 14 سېلسىيە گىرادۇستىن ئارتۇق تۆۋەنلەيدۇ

12-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى ساي تېز سۈرئەتلىك يولى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى

بىر مەيدان كۈچلۈكسوغۇق ھاۋا ئېقىمى

ئەمدىلا ئىللىق كۈزنى ئۆتكۈزگەن شىنجاڭنى

قىش تۈسىگە كىرگۈزدى

بۇ قېتىم شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا قار ياغدى

مۆلچەرلىنىشىچە، 12-ئاينىڭ 13-كۈنى كېچىگىچە داۋاملىشىدىكەن

كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى مۆلچەرلىنىشىچە 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەتراپىدا ئاخىرلىشىدىكەن

ئۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئاستا-ئاستا ئۆرلەيدۇ

بولۇپمۇ تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىدە

قىيپاش شەرق شامىلىنىڭ تەسىرىدە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ

بۇ قېتىمقى جۇدۇنلۇق ھاۋا رايى ئاساسلىقى بىر خىل كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئاساسىي گەۋدىسى سىبىرىيەدە بولغانبۇ كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئۈزلۈكسىز كىچىكرەك ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىملىرىغا پارچىلىنىپ شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى، بۇنىڭ بىلەن 12-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئۇدا قار ياغدى ۋە تېمپېراتۇرا پەلەمپەيسىمان تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. جۇدۇنلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلۈشتىن بۇرۇن سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمىغاچقا، قار يېغىش ۋاقتى ئومۇميۈزلۈك بىر قەدەر ئۇزۇن بولدى، ئەمەلىي ياغقان قار مىقدارى ئانچە كۆپ بولمىدى. 12-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى.

ھازىرغا قەدەر، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئازراق ياكى ئوتتۇراھال قار ياغدى، قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا قېلىن قار ياغدى، قىسمەن جايلاردا قاتتىق قار ياغدى. يىغىندى قار مىقدارى 20 مىللىمېتىردىن 55 مىللىمېتىرغىچە بولدى.

12-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئالتاي شەھىرى لەنتىيەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى. باۋ خۇڭيۈ فوتوسى

12-ئاينىڭ 11-كۈنى، دېھقانلار كۈنەس ناھىيەسى بەشتۆپە يېزىسىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىدىكى ساۋمېي ئۆستۈرۈش پارنىكىدا كەينى-كەينىدىن پىشقان ساۋمېينى ئۈزمەكتە. يېقىندا، كۈنەس ناھىيەسىدە قېلىن قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى، بۇ ناھىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى خادىملارنى تەشكىللەپ، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدە قاردىن مۇداپىئەلىنىش، سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى

يېزا ئىگىلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش باش مەلۇماتچىسىجى چۈنرۇڭ مۇنداق دېدى:

نۆۋەتتە كۆپ قىسىم رايونلاردا مۇقىم يىغىندى قار شەكىللەندى

كۈزگى بۇغداينىڭ قىشتىن ئۆتۈشىگە بىر قەدەر پايدىلىق ھاۋا رايى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن

يىغىندى قار نىپىزبۇغداي تېرىلغۇ رايونلىرىدا ئۈششۈك ئاپىتى يۈز بېرىش خەۋپى زورىيىدىكەن

12-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى قار تازىلاش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) زىياڭخۇ ئوتتۇرا يولىداقارتازىلىماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

12-ئاينىڭ 12-كۈنى، ۋەيمەي توشۇغۇچىلار ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) ۋەندا سودا چەمبىرىكىدە قارغا قارىماي ۋەيمەي يەتكۈزمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى

بۇ قېتىمقى كۈچلۈك سوغۇق ھاۋانىڭ شىنجاڭدىكىكۆپ قىسىم رايونلارنىڭ

ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىق، ئېنېرگىيە

قاتناش قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىركۆرسىتىدىغانلىقىنى

قار تازىلاش، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش

تېمپېراتۇرىنى كۆتۈرۈپ ئىسسىقساقلاش ۋە چارۋىلارغا يەم-خەشەك تولۇقلاش خىزمىتىنى

مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەشنى ئەسكەرتتى

12-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر كىچىك دوست قار ئوينىماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى

ئامما ۋاقتىدا قېلىنراق كىيىنىپ، ئىسسىق ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك

قار-شىۋىرغان،تېمپېراتۇراكۈچلۈك تۆۋەنلىگەن ھاۋا رايىنىڭ

قار-مۇز ساياھىتىگە تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ

ساياھەت تارماقلىرى بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ

ساياھەتچىلەرگەسوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىپ، ئۆزىنى ئىسسىقتۇتۇشنى ئەسكەرتىشى كېرەك

قارلىق كۈندىكى ئۈرۈمچى سايتېز سۈرئەتلىك يولى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ

يول يۈرىدىغانبارلىق كىشىلەرنى

ھاۋا رايى ئۆزگىرىشى ۋە ۋاقىتلىق ھاۋا رايى مەلۇماتىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ

سەپەرگە چىقىش پىلانىۋە لىنىيەنى ۋاقتىدا تەڭشىشىنى ئەسكەرتىدۇ

شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى

ناچار ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن

مۇۋاپىق ۋاقىتتا نۇقتىلىق ئاپتوموبىللارنىڭ قاتنىشىغا چەك قويۇش، يىراققاتارقاقلاشتۇرۇش

ساقچى ماشىنىسىدا يول باشلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ

كەڭ شوپۇرلار ئانار بۇلۇت تېرمىنالى

شىنجاڭ قاتناش ساقچىلىرى ۋىيىشن ئاممىۋى نومۇرى ئارقىلىق

ئەڭ يېڭى يول ئۇچۇرىنى ئىگىلىسە بولىدۇ

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى