دۆلەت دەرىجىلىك بۇ باغچە كېلەر يىلى پۈتۈپ ئېچېۋىتىلىدۇ

日期:2023年12月14日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا

مۇخبىرنىڭ بۈگۈر ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى بولغان

لايسۇ تۇر خارابىسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ قۇرۇلغان لايسۇسەددىچىن سېپىلى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى

كېلەر يىلى ئاۋامغا ئېچىۋېتىلىدىكەن

لايسۇ تۇر خارابىسى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ فوتوسى

لايسۇ تۇر خارابىسى

ئىككى تۇر ۋە كىچىك تىپتىكىقەلئە خارابىسىدىن تەركىب تاپقان

ئىككى تۇرنىڭ شەرقتىن غەربكە بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 100 مېتىر كېلىدۇ

قەلئەخارابىسى ئىككى تۇر ئارىسىغا جايلاشقان

بۇ خارابە خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى

«يىپەك يولى»نىڭ شىمالىي يولىقەدىمكى بۈگۈر رايونىدىكى

مۇھىم بىر ھەربىي ئەسلىھە بولۇپ

ئالدىن سىگنال بېرىش ئالاقىسى، يىپەك يولىنىڭ راۋانلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنىقوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە

رولىنى جارى قىلدۇرغان

مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي يۇرتنى بىرلىككە كەلتۈرگەنلىكى، باشقۇرغانلىقىنىڭ

تارىخىي گۇۋاھچىسى ۋە ۋاسىتىسى

لايسۇ تۇر خارابىسىگە يىراقتىن نەزەر. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ فوتوسى

«لايسۇ سەددىچىن سېپىلى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسىبۈگۈر سانائەت رايونى لايسۇ خىمىيە سانائىتى رايونىنىڭ جەنۇبىغا، لايسۇ تۇر خارابىسىنىڭ شىمالىغا 300 مېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 27 مو،مەبلەغ مەنبەسى مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغ ۋە يەرلىكنىڭ يانداش مەبلىغىدىن كەلگەن بولۇپ،جەمئىي 25 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان،قۇرۇلۇش مەزمۇنى1925 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكىسەددىچىن سېپىلى بەلگە خاراكتېرىلىكمۇزېيى، 1823 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغانئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ئۈچ ھاجەتخانا ۋە كۆرگەزمە ئەسلىھەلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇشنىئۆز ئىچىگە ئالىدۇ». بۈگۈر ناھىيەلىك مۇزېينىڭ مۇزېي باشلىقى تاڭ يۈلەن مۇنداق: ھازىر مۇزېي، كۆزىتىش مۇنارى، ئېكولوگىيەلىك ھاجەتخانىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، پار بىلەن تەمىنلەش، كۆكەرتىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، كېيىنكى قەدەمدە مۇزېينىبېزەيمىز، كۆرگەزمە قىلىش لايىھەسىنىڭ پىروگراممىسى تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى، 2024-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

لايسۇ سەددىچىن سېپىلى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى

ۋە ھەيۋەتلىك تەبىئىي مەنزىرە، مول تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ

شۇنىڭدەك رەڭگارەڭخەلق ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنىڭ

بىرلىكتە بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ يېڭى مەدەنىيەت بەلگىسىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىدقىلىمىز

تاڭ يۈلەن مۇنداق تونۇشتۇردى:

باغچە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن

سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيىتى

گىرافىك، مودېل، سۈرەت قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق

ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق نامايان قىلىنىپ

سەددىچىن سېپىلىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە شىنجاڭنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تارىخى ئۇنىڭغا مۇجەسسەملىنىدۇ

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن تەرجىمە قىلىندى