قار ۋە بورانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا قىسمەن يۆنىلىشتىكى يولۇچىلار پويىزى توختىدى

日期:2023年12月14日
来源:天山网
【字体:

مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى شىركىتى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قار يېغىپ، بوران چىققان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى پويىزلارنىڭ يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىر قىسىم يولۇچىلار پويىزىنى توختىتىش تەدبىرى قوللانغان ھەم ۋاقتىدا ئادەم تەشكىللەپ ۋوگزال سۇپىسى، ئاچال قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلاردىكى قارلارنى تازىلاتقان، يولۇچىلارنى بېلەت قايتۇرۇش، بېلەت ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى تەرتىپلىك بېجىرىشكە تەشكىللىگەن.

نۆۋەتتە، 21 يولۇچىلار پويىزى قاتناشتىن توختىتىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى كەڭ يولۇچىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، 12306 تۆمۈريول مۇلازىمەت سۇپىسى ياكى «شىنجاڭ تۆمۈريولى» ھۆكۈمەت ۋېيبوسى، ۋېيشىنىغا ئەگىشىۋېلىپ، ۋوگزالدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئېكران، رادىيو، ئېلان ئارقىلىق پويىزلارنىڭ يۈرۈش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، سەپىرىڭىزنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇڭ.

12- ئاينىڭ 13- كۈنى قاتناشتىن توختىتىلغان پويىزلار:

ئۈرۈمچىدىن كورلىغا قاتنايدىغان C802- قېتىملىق پويىز؛

ئۈرۈمچىدىن كورلىغا قاتنايدىغان C806- قېتىملىق پويىز؛

ئۈرۈمچىدىن كورلىغا قاتنايدىغان C810- قېتىملىق پويىز؛

ئۈرۈمچىدىن كورلىغا قاتنايدىغان C814- قېتىملىق پويىز؛

ئۈرۈمچىدىن كورلىغا قاتنايدىغان C818- قېتىملىق پويىز؛

كورلىدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان C804 قېتىملىق پويىز؛

كورلىدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان C808- قېتىملىق پويىز؛

كورلىدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان C812- قېتىملىق پويىز؛

كورلىدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان C816- قېتىملىق پويىز؛

كورلىدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان C820- قېتىملىق پويىز؛

قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان T9520- قېتىملىق پويىز؛

خوتەندىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان K6728- قېتىملىق پويىز؛

ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە قاتنايدىغان K6746- قېتىملىق پويىز؛

خوتەندىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان K6748- قېتىملىق پويىز؛

ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە قاتنايدىغان K9786- قېتىملىق پويىز؛

خوتەندىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان K9788- قېتىملىق پويىز؛

ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە قاتنايدىغان 9772 - قېتىملىق پويىز.

12- ئاينىڭ 14- كۈنى قاتناشتىن توختىتىلغان پويىزلار:

شىئەندىن قەشقەرگە قاتنايدىغان T269- قېتىملىق پويىز؛

چېڭدۇدىن قەشقەرگە قاتنايدىغان K453- قېتىملىق پويىز؛

خوتەندىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان 5818- قېتىملىق پويىز؛

ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە قاتنايدىغان 5816- قېتىملىق پويىز.

(باش ئىستانسا مۇخبىرى جياڭ شۆجياۋ)

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى