ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالدىن تەييارلانغان قورۇما ساھە ئۆلچەم سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى

日期:2023年12月14日
来源:天山网
【字体:

(مۇخبىر ليۇ يى) يېقىندا، شىنجاڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى جەمئىيىتى تۈزگەن ئۈچ تۈرلۈك ئالدىن تەييارلانغان قورۇما كوللېكتىپ ئۆلچىمى − «سوغۇق ساقلانغان دەرھال يېيىشكە بولىدىغان ئالدىن تەييارلانغان قورۇما» «سوغۇق ساقلانغان دەرھال يېيىشكە بولمايدىغان ئالدىن تەييارلانغان قورۇما» ۋە «سوغۇق ساقلانغان دەرھال يېيىشكە بولىدىغان كۆكتات- مېۋە»نى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كوللېكتىپ ئۆلچەم ئۇچۇر سۇپىسىدا ئېلان قىلىش تاماملاندى ھەم ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى، بۇ، شىنجاڭدا ئالدىن تەييارلانغان قورۇما ساھە ئۆلچەم سىستېمىسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك كوللېكتىپ ئۆلچەمدە، سوغۇق ساقلانغان دەرھال يېيىشكە بولىدىغان ئالدىن تەييارلانغان قورۇما، سوغۇق ساقلانغان دەرھال يېيىشكە بولمايدىغان ئالدىن تەييارلانغان قورۇما ۋە سوغۇق ساقلانغان دەرھال يېيىشكە بولىدىغان كۆكتات- مېۋىنىڭ ئاتالغۇسى ۋە ئېنىقلىمىسى، خام- قوشۇمچە ماتېرىيال تەلىپى، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر- سەنئىتى، سۈپەت تەلىپى، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش جەريانىدىكى تازىلىق تەلىپى، تەكشۈرۈش قائىدىسى، ماركا- بەلگە، ئوراش- قاچىلاش، ساقلاش ۋە توشۇش بەلگىلەنگەن بولۇپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ۋە سۈپەتنى كونترول قىلىشقا ماس كېلىدۇ. ئۆلچەم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھازىرقى ئالدىن تەييارلانغان قورۇما ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كارخانىلىرىدا ئۆلچەم كەمچىل بولۇش ئەھۋالىنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، ماركا قۇرۇلۇشى ۋە ساھە باشقۇرۇشنى ئۆلچەملىك كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلەپ، ئالدىن تەييارلانغان قورۇما مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە پائال رول ئوينايدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئالدىن تەييارلانغان قورۇما كەسپىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىن تەييارلانغان قورۇما كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالدىن تەييارلانغان قورۇما ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىنى تەكشۈرۈش لايىھەسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» قاتارلىق يېتەكچى خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىپ، ئالدىن تەييارلانغان قورۇمىنىڭ ئاساسلىق تۈرىنى سوغۇق ساقلانغان دەرھال يېگىلى بولىدىغان ئالدىن تەييارلانغان قورۇما، سوغۇق ساقلانغان دەرھال يېگىلى بولمايدىغان ئالدىن تەييارلانغان قورۇما ۋە سوغۇق ساقلانغان دەرھال يېگىلى بولىدىغان كۆكتات- مېۋە دەپ بېكىتتى ھەم ئالدىن تەييارلانغان قورۇمىنىڭ ئېنىقلىمىسى، تۈرگە ئايرىلىشى، ئىشلەپچىقىرىش ئورنى، ساقلاش شارائىتى، ھۈنەر ـ سەنئەت تەرتىپى، باشقۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىق جەھەتلەردە تەپسىلىي بەلگىلىمە چىقاردى. يېقىندا، شىنجاڭ ئالدىن تەييارلانغان قورۇما ساھەسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى كوللېكتىپ ئۆلچىمى «ئالدىن تەييارلانغان قورۇما» ۋە «ئالدىن تەييارلانغان قورۇمىلارنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئورتاق قائىدىسى»نى ئېلان قىلىشنى تاماملاپ ھەم ئېلان قىلىپ يولغا قويۇپ، ئالدىن تەييارلانغان قورۇمىلارنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانى ۋە باھالاش ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى.

«ھازىر بار بولغان ئۆلچەم ئالدىن تەييارلانغان قورۇما ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىدى.» شىنجاڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دۇ چۇنشېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈچ تۈرلۈك يېڭى كوللېكتىپ ئۆلچەمدە ئالاقىدار ساھەلەردىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە دۆلەت ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىلغان ۋە نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك قېلىپلاشتۇرۇشچانلىققا ئىگە. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ئۆلچەمگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا ئالدىن تەييارلانغان قورۇمىلارنى خام ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىشتىن مەھسۇلات پىششىقلاشقىچە، ھەرقايسى ھالقىلاردىكى ھەرقايسى چوڭ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىگىچە قېلىپلاشقان ئۆلچەم بار بولدى، ساھە ئۆلچەم سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىپ، ئالدىن تەييارلانغان قورۇما ساھەسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشەنچلىك ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى