سوغۇق ئېقىم كىردى، قەلبلەرنى ئىللىتقان ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرايلى ____ شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) ئۈچ تۈرلۈك تەشەببۇسنامە چىقاردى

日期:2023年12月13日
来源:天山网
【字体:

ئىككىلىك كودنى سېكاننىرلاپ تەشەببۇسنامىنى كۆرۈڭ

12-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش، قار يېغىشتىن ئىبارەت جۇدۇنلۇق ھاۋارايىنى كۈتۈۋالدى، بۇنىڭ تەخمىنەن 15 كۈندە ئاخىرلىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ قېتىمقى سوغۇق ئېقىم شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت ئايلىنىشى، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تۇرمۇشىغا بىرقەدەر چوڭ تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە تاراتقۇلىرىنىڭ باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) ئالايىتەن «سوغۇق ئېقىم كىردى، قەلبلەرنى ئىللىتقان ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرايلى» تېمىسىدىكى 100 سائەتلىك چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئاڭلىتىشىنى باشلىدى ھەمجەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەرگە ئۈچ تۈرلۈك تەشەببۇسنامىنى چىقاردى.

بىرىنچى، «قەلبلەرنى ئىللىتىش ئۆيى» تەشەببۇسى. سىزيول بويىدىكى ماگېزىنىڭىز، دۇكىنىڭىزغا «قەلبلەرنى ئىللىتىش ئۆيى» ياكى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش مەيدانى تەسىس قىلىپ، بىر ئۈستەل قويۇپ، ئۈستەلگە بىر ئىستاكان قىززىق چاي قۇيۇپ، مۇھىت قوغداش ئىشچىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەر، ۋەيمەي توشۇغۇچىلار، ئېھتىياجى بار يولدىن ئۆتكەن شەھەر ئاھالىلىرىنى قىززىق چاي ئىچىش، ئىسسىنىش، ئارام ئېلىش قولايلىقى بىلەن تەمىنلەڭ. بىز سىزنىڭ «قەلبلەرنى ئىللىتىش ئۆيى»نى بەلگە بىلەن تەمىنلەيمىز، ئەگەر سىز تەشەببۇسقا قاتناشماقچى بولسىڭىز، بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تېلېفون: 3532278-0991، 13999828849

ئىككىنچى، «قولايلىق ئاپتوموبىل» تەشەببۇسى. ئەگەر سىز ئىشقا بېرىپ-كېلىش يولىدا، ئاپتوموبىلىڭىزدا يەنە بوش ئورۇن بولسا، سوغۇق شامالدا يول بويىدا ئاپتوموبىل ساقلاۋاتقان كىشىنى كۆرگەندە، بولۇپمۇ ياشانغان، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ، ھامىلىدار ئاممىنى كۆرگىنىڭىزدە، يولىڭىز ئۇدۇل كەلسە ئالغاچ ماڭسىڭىز بولىدۇ. بىز سىزنى «قولايلىق ئاپتوموبىل» يېشىل رەڭلىك لىنتا بەلگىسى بىلەن تەمىنلەيمىز. تەشەببۇسقا ئاۋاز قوشۇش ئويى بار ئورۇن، كارخانا، ئاپتوموبىل ئىگىلىرى بىز بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ، تېلېفون: 3523378-0991، 18099611511

ئۈچىنچى، «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» تەشەببۇسى. باشقىلارغا گۈل سوۋغا قىلسىڭىز، قولىڭىزداخۇش پۇرىقى قالىدۇ. ئەگەر سىز ياكى سىز تۇرۇشلۇق كارخانا مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەر، ۋەيمەي توشۇغۇچىلار قاتارلىق شەھەرنىڭ راۋانلىقىنى قوغدىغۇچىلارغا بولغان ھۆرمىتىڭىزنى، غەمخورلۇقىڭىزنى ئىپادىلىمەكچى بولسىڭىز، سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى (شارپا، پەلەي، پوپايكا، ئىسسىق ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىقلار)نى ئىئانە قىلسىڭىز بولىدۇ ياكى چامىڭىز يېتىدىغان ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا ماسلاشسىڭىزمۇ بولىدۇ، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تېلېفون: 5506386-0991، 18690963825.

قار-شىۋىرغان رەھىمسىز، ئادەم شەپقەتلىك. ھازىر، ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى قار-شىۋىرغانغا قارىماي، ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ، نەق مەيداندا جۇدۇنلۇق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىنى خەۋەر قىلدى، قارىمىقىدىكى شىنجاڭ گېزىتى، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، تىيانشان تورى، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى قاتارلىق تاراتقۇلار «سوغۇق ئېقىم كىردى، قەلبلەرنى ئىللىتقان ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرايلى» تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خەۋەر قىلىش مەخسۇس تېمىسىنى يولغا قويدى، ئانار بۇلۇت 12345 تەدبىر سوراش سۇپىسىمۇ سىزنىڭ تەلىپىڭىزگە بىرىنچى بولۇپ ئاۋاز قوشىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ قاتنىشىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىنى قارشى ئالىمىز.

شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)

2023-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى