قىش كىرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىلىكلەر قەيەرلەرگە بېرىپ ئوينايدۇ؟

日期:2023年12月13日
来源:天山网
【字体:

بىر مەيدان لەپىلدەپ ياغقان قار

ئۈرۈمچىنى قويۇققىش كەيپىياتىغا تولدۇردى

شاۋقۇن-سۈرەنلەر پەسىيىپ

ئازراق رومانتىك جىمجىتلىق قوشۇلدى

12-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى ساي تېز سۈرئەتلىك يولىدا قار ئۇچقۇنلىرى لەپىلدەپ چۈشمەكتە.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى

كۈمۈش رەڭگە كىرگەن شەھەرلەر ئارا

ئۈرۈمچىگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ

قەيەرگە بېرىپ ئوينايدىغانلىقىنى

ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟

★مۇزېيغا بېرىپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن سۆزلىشىش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي

شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يىغىپ ساقلايدىغان

ئۆزگىچە تارىخىي مەدەنىيەت قىياپىتىنى نامايان قىلىدىغان سەنئەت سارىيى

بۇ يەرگە كېلىپ، سىز

شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقلىرىنىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكىنى

«شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكى

شايى كىيىملىك رەڭلىك نەقىشلىك ياغاچ ھەيكەل، فۇشى نۈۋانىڭ كۆرۈنۈشلۈك شايى رەسىمى قاتارلىقلارنى ھېس قىلالايسىز

ھەربىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى تارىخىي پاكىتلىرى

سىزگە شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ

مۇزېيدا يەنە كۆپ ۋاسىتىلىك تاراتقۇ ھەمتۈرتكە قۇرۇلمىسى

ۋە چوڭقۇر ھېس قىلىش شەكىلدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىجادىي سەھنە ئويۇنى «مىڭ يىللىق سۆز» تەسىس قىلىنغان

يەنە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەۋە بولغان دەۋرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

تۇرمۇش قىياپىتى ۋە سەنئەت شەكلى ئەسلىي ھالىتىگە قايتۇرۇلغان بولۇپ

كۆپ خىل، قىزىقارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تارىخنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ

ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى شىبېيلۇ يولى 581-نومۇر

ئېچىلىش ۋاقتى: ھەر سەيشەنبە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە سائەت 10:30دىن 18:00گىچە (ھەر كۈنى سائەت 17:30دا سارايغا كىرىش توختىتىلىدۇ)

ئالدىن كېلىشىش ئۇسۇلى: ھۆكۈمەت تەرەپ ۋېيشىنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي»دا توردا ئالدىن كېلىشىپ، كىملىك ۋە ئالدىن كېلىشىش كودى بىلەن سارايغا كىرسە بولىدۇ.

مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 4552826-0991، 4536436-0991

★گۈزەل-سەنئەت سارىيىغا بېرىپ سەنئەت دۇنياسىنى سەيلە قىلىش

شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى مەيدان-سارايلىرىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 60 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ

ئومۇمىي لايىھەلىنىشى ئىخچام، ئاددىي، نەپىس

شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ھازىرقى زامان گۈزەل سەنئەت سارىيىنىڭ لايىھە ئۇسلۇبى سىڭدۈرۈلگەن

خالىغانچە تارتىلغان بىر پارچە سۈرەتمۇ كىشىگە ئىنتايىن ھۇزۇر بېغىشلايدۇ

جۇڭگوچە رەسىم، ماي بوياق رەسىم، ئويما رەسىم، سۇ بوياق رەسىم

ئۇنىۋېرسال ماتېرىياللار ۋە ھەيكەل قاتارلىق جەمئىي مىڭدىن ئارتۇق مۇھىم بۇيۇم ساقلانغان

كۈندىلىك كۆرگەزمە بۇيۇملىرىدىن باشقا، ھازىر كۆرگەزمىدە

ئىناق، گۈزەل شىنجاڭ − جۇڭگو ماي بوياق رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى

«مول نەتىجە − شىنجاڭدىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشنىڭ 100 يىلى» تېمىسىدىكى ئالاھىدە كۆرگەزمە بار

ھەر قېتىملىق بايرام، مەۋسۇم ئارىلىقىدا ئاممىۋى گۈزەللىك تەربىيەسى پائالىيىتى

داڭلىقلار لېكسىيەسى، رەسىم سىزىش بويىچە تەربىيەلەش، بايلىق ئىزدەش، ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر دائىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ

ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى دوستلۇق شىمالىي يولى

ئېچىلىش ۋاقتى: ھەر سەيشەنبە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە سائەت 11:00دىن 18:30غىچە (ھەر كۈنى سائەت 18:00دە سارايغا كىرىش توختىتىلىدۇ)

ئالدىن كېلىشىش ئۇسۇلى: ھۆكۈمەت تەرەپ ۋېيشىنى «شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى»دا توردا ئالدىن كېلىشىپ، كىملىكى ۋە ئالدىن كېلىشىش نومۇرى ئارقىلىق سارايغا كىرسە بولىدۇ.

مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 5515752 ـ 0991

★خۇڭسەن باغچىسىغا بېرىپ مۇناردا تۇرۇپ مەنزىرەتاماشاسى قىلىش

ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن باغچىسىنى

ئۈرۈمچىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى دېيىشكە بولىدۇ

مەيلى قايسى پەسىلدە بولسۇن

شىداچياۋ كۆرۈكىدە تۇرۇپ خۇڭسەن مۇنارىنى سۈرەتكە تارتىش

ياكى خۇڭسەن مۇنارىغا چىقىپ مەنزىرە تاماشاسى قىلىش

ھەممىسى ياخشى تاللاشتۇر

بۇ بىر ئۆزگىچە كىلاسسىك خاسلىققا ئىگە تەبىئىي تاغ گەۋدىسى باغچىسى بولۇپ

سەيلە-ساياھەت قىلىش، كىلاسسىك خاسلىق، ئادىمىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى

تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش بىر گەۋدە قىلىنغان

باغچىدىكى ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن خۇڭسەن مۇنارى، چوڭ بۇتخانا

يىراققا نەزەر سېلىش راۋىقى ۋە لىن زېشۈ خاتىرە ھەيكىلى قاتارلىقلار بار

قىشتا يەنە چىراغ كۆرگەزمىسى ۋە مۇز ھەيكەل كۆرگەزمىسى بار

ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى خۇڭسەن يولى شىمالىي 1-كوچا 40-نومۇر

ئىشىك بېلىتى: ھەقسىز

ئېچىۋېتىش ۋاقتى: 12:00-9:00گىچە

★چوڭ بازارنى ئايلىنىپ غىزالىنىپ، سۈرەتكە چۈشۈش

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار

نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگەندىكى تۇنجى بېكىتى

پەقەت بۇ يەرگە كېلىپ باققانلارلا

ئاندىن شىنجاڭغا كەلگەن

ئۈرۈمچىگە كەلگەن ھېسابلىنىدۇ

بۇ بىر مەنزىرە رايونى

لېكىن پەقەت مەنزىرە رايونى بولۇپلا قالماي

سودا شەھەرچىسىگە، خاس كوچا رايونىغا تېخىمۇ ئوخشايدۇ

بۇ يەردە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلار

قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى

شىنجاڭنىڭ ساناپ تۈگەتكۈسىز مەززىلىك تائاملىرى بار

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرۈش، ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش، خەلق ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تاماشا قىلىش، ئېسىل تائاملارغا ئېغىز تېگىش...

بۇ يەردە داكا قىلىدىغان ئىشلار بەك كۆپ

ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى جەنۇبىي ئازادلىق يولى

ئىشىك بېلىتى: ھەقسىز

خوتەن كوچىسىغا بېرىپ مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىش

بۇ يېقىندا گۈللەنگەن مەززىلىك تائاملارغا داكا قىلىدىغان جاي

شۇنداقلا يەرلىك كىشىلەر بۇرۇندىن تارتىپلا تاماق يەيدىغان كونا جاي

خوتەن كوچىسى، خوتەن 1-كوچىسى، خوتەن 2-كوچىسى

1-ماي يولى، تۇرپان يولى، شىخو يولى

كونا شەھەر رايونىدىكى بۇ ئاھالىلەر رايونىدا

ھەر ۋاقىت قاينام-تاشقىنلىق ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ

ھەشەمەت بېزەلمىگەن

قارىماققا ئادەتتىكىچىلا بولغان ئاشخانىلاردىن

ئىسسىق تائاملارنىڭ مەززىلىك ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ

داپەنجى، كەپتەر شورپىسى، جياۋماجى، ئاسما كاۋاپ

قايسىسىنى يېيىشنى قارار قىلالماي تۇرغىنىڭىزدا

تاماقنىڭ مەززىلىك ھىدىغا مەستخۇش بولۇپ

قەدىمىڭىزنى يۆتكىيەلمەي قېلىشىڭىز مۇمكىن

يىپەك يولى قار تېيىلىش مەيدانىغا بېرىپ قار تېيىلىىش، قار ئويناش

يىپەك يولى دالا ئىستىراھەت رايونى

تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى تەتۈر مۆتىدىل بەلباغ ئېكولوگىيە جىلغىسىغا جايلاشقان

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1800 مېتىردىن 3000 مېتىرغىچە بولۇپ

قۇياش نۇرى ئىللىق، ھاۋاسى ياخشى، تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن يېقىشلىق

نۇرغۇن رىقابەت خاراكتېرىگە ئىگە قار تېيلىش يوللىرى بار

مەسىلەن شۈەنزاڭ قار تېيلىش يولى، ئەيۋېن قار تېيلىش يولى

قار تېيىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئاسما ۋاگوندا سەيلە-ساياھەت قىلىش، قار مەنزىرىسى ئارشىڭىغا چۈشۈش

ياكى تاغ چوققىسىدىكى كىچىك ياغاچ ئۆيگە پىيادە چىقىپ مەنزىرە كۆرۈشمۇ

ناھايىتى ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ

12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە

بۇ يەردە قاردا بالىلار بىلەن ئويناش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ

نەق مەيداندا كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەر

ۋە تىرېنېرلار ياش باسقۇچىغا بۆلۈپ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئۇستازلىرى دەرسلىكى ئۆتىدۇ

يەنە ئاتا-ئانا، بالا ۋە ئائىلىنى بىرلىك قىلغان

قىزىقارلىق چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسى، ئاتا-ئانا ۋە بالىلار قار تېيىلىش پائالىيىتى بار

ئوماق بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەڭلار

ئادرېسى: ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرى پىڭشىلياڭ كەنتى

مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 5911111-0991

تىيانشان چوڭ جىلغىسىدا پىيادە مېڭىپ مەنزىرە تاماشاسى قىلىش

تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىنىڭ قىش پەسلى تولىمۇ رەڭدار

ئىگىلىنىشىچە، ئېچىۋېتىلگەن ئورمان دېڭىزىنى كېسىپ ئۆتۈش قار-مۇز ساياھىتى تۈرىدە

نۆۋەتتە, جاۋبىشەندىن ئاق قۇ كۆلىگىچە

جاۋبىشەندىن كىنو-تېلېۋىزىيە بازىسىغىچە بولغان ئىككى كېسىپ ئۆتۈش لىنىيەسى لايىھەلەنگەن بولۇپ

ساياھەتچىلەر قار موتوسىكلىتىنى مىنىپ

تىيانشان شەمشادلىرى ئارىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، گۈزەل قار مەنزىرىسىدىن بەھرىلىنەلەيدۇ

يەنە قار-مۇز ئاتا-ئانا، بالا شادلىق باغچىسى قار سەيلىسى قار ئويۇنلىرىمۇ بار

2023-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە

شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەتچىلەر كىملىك قاتارلىق كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىلەر بىلەن

دۈشەنبىدىن پەيشەنبىگىچە ئىشىك بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ

ئادرېسى: ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەنفاڭگۇ بازىرى دېڭساۋگۇ كەنتى

مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 7629111-0991

​01. بىر كۈنلۈك ساياھەت لىنىيەسىنى تەۋسىيە قىلىش

[بىر شەھەردە شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش . يىپەك يولىنى كېسىپ ئۆتۈش] شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي − ۋېيسىتې قار تېيىلىش مەيدانى − شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار

[قۇياش نۇرىدا قار تاماشاسى قىلىش . قاردا نەنسەننى تاماشا قىلىش] يىپەك يولى دالا ئىستىراھەت رايونى − شۈيشىگۇ قار-مۇز كىچىك بازىرى − شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار

[قىشتىكى مۇھەببەت ناخشىسى . قار-مۇزدا خۇشال ساياھەت قىلىش] ۋېيسىتې قار تېيىلىش مەيدانى − مىگۇلى شىيۈ سۇ ساياھەت شەھىرى \ گۇڭمىشياڭ كوچىسى

[يىپەك يولى مەدەنىيىتى . خۇاشيا گۆھىرى] بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى − شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى − شياڭشېڭ بازىرى

[قار-مۇز ئارشىڭى . ئىستىراھەت ساياھىتىدىن قانغۇچەھۇزۇرلىنىش] ۋېيسىتې قار تېيىلىش مەيدانى − ۋېيسىتې ئارشاڭ ئىستىراھەت مېھمانسارىيى قار تېيىلىش، ئارشاڭدا مۇز ۋە ئوتنى ھېس قىلىش

02. ئىككى كۈنلۈك ساياھەت لىنىيەسىنى تەۋسىيە قىلىش

[تاغ ئارىسىدىكى گۈزەل مەنزىرە .قار-مۇز دۇنياسى] شۈيشىگۇ قار-مۇز كىچىك بازىرى − يىپەك يولى دالا ئىستىراھەت رايونى − شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى − ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى − ئەپەندى خوتەن كاۋاپخانىسى شادلىق باغچىسى

[يىپەك يولى مەركىزى . ئاپئاق قارلار شىنجاڭنىڭ تاغلىرىدا ئۇسسۇلغا چۈشتى]شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي − شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار − تىيانشان چوڭ جىلغىسى − شۈيشىگۇ قار-مۇز كىچىك بازىرى − يىپەك يولى دالا ئىستىراھەت رايونى

[قىشتىكىساياھەت . تۇرمۇشتىن خۇشال بەھرلىنىش] يىپەك يولى دالائىستىراھەت رايونى − شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار − شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي − شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى

[تىيانشاندىكى چۆللۈك. يىپەك يولىنى كېسىپ ئۆتۈش] شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى − شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي − تىيانشان چوڭ جىلغىسى − شۇيشىگۇ قار-مۇز كىچىك بازىرى − يىپەك يولى دالا ئىستىراھەت رايونى − شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار

[قىزىل ئەسلىمە . ئىللىق قىش] 8-ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى \ جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى \ ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى − شيەنلەي بازىرى − بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى

سۈرەت مەنبەسى: شىنجاڭ مۇزېيى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى، يىپەك يولى تاغ ئىستىراھەت رايونى، ئۈرۈمچى ساياھىتى، ئەيۋۇجىۋۇ قاتارلىقلار