ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 22 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئېغىر، زور مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت بويىچە 4-دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسى قايتۇرۇشنى يولغا قويدى

日期:2023年12月13日
来源:天山网
【字体:

كۈچلۈك سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 12-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە سوغۇق ئېقىملىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، تېمپېراتۇرا 10 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ، شەھەر رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا تەخمىنەن نۆلدىن تۆۋەن 22 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ.

بۇ قېتىمقى سوغۇق ئېقىملىق ھاۋارايى جەريانىغا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇھىم ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات ۋە سوغۇق ئېقىم، يوللاردا مۇز تۇتۇش قاتارلىق ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئۇچۇرلىرىنى ئالدىن ئېلان قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئاممىنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىشىنى ئەسكەرتتى. 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئېغىر، زور مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت (سوغۇق ئېقىم) بويىچە 4-دەرىجىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسى قايتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن كۈن سوغۇق ئېقىملىق ھاۋارايى جەريانىنى كۆزىتىپ ئۆلچىدىھەم تۈرلۈك ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىش قاتارلىق مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۇڭ خېڭرۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە كەڭ دائىرىدە قار ياغدى، شۇ كۈنى كېچىگىچە شەھەر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك ئوتتۇراھال قار ياغدى، يېڭىدىن كۆپەيگەن جۇغلانما قارنىڭ قېلىنلىقى 12 سانتىمېتىرغا يەتتى، بۇ قېتىمقى قارنىڭ 12-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىنگىچە داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە، شەھەر رايونىدىكى جۇغلانما قار مىقدارى قېلىن قار ئۆلچىمىگە يېتىدۇ. 12-ئاينىڭ 13-كۈنى كېچىدە قارنىڭ توختىشىغا ئەگىشىپ، تېمپېراتۇرا تېز تۆۋەنلەيدۇ، ھەرقايسى جايلاردا تېمپېراتۇرا 10 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ، 12-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەردە شەھەر رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ، 12-ئاينىڭ 15-كۈنى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ نۆلدىن تۆۋەن 22 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ، 12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىمۇ نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ.

بۇ قېتىمقى كۈچلۈك تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش جەريانىغا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىكىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالدىن مەلۇمات، 12-ئاينىڭ 8-كۈنى سوغۇق ئېقىملىق ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات، 12-ئاينىڭ 11-كۈنى يەنە بىر قېتىم مۇھىم ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بەردى ھەمدە شۇ كۈنى قىش كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى سوغۇق ئېقىم سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئېلان قىلدى.

گۇڭ خېڭرۇي مۇنداق ئەسكەرتتى: بۇ قېتىمقى سوغۇق ئېقىملىق ھاۋارايىنىڭ يول قاتنىشى، شەھەرنىڭ يۈرۈشۈشى، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئاممىۋى تۇرمۇش قاتارلىقلارغا بولغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭ، شۇڭا ئالدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، قار يېغىش جەريانىدا كۆپ قىسىم رايونلاردا 4 بالدىن 5 بالغىچە غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدۇ، داۋانچىڭ رايونىدا 9 بالدىن 10 بالغىچە ئۆتكۈنچى شامال چىقىدۇ، قىسمەن جايلاردا قار ئۇچقۇندايدۇ، كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن بولىدۇ، ئالدىن مۇداپىئەلىنىش زۆرۈر.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى