تۆت ئۆلچەم بويىچە سۇ ئىدارە قىلىش

日期:2023年12月12日
来源:天山网
【字体:

مۇھەررىردىن

كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە، يەنە يىل ئاخىرى بولدى. 2023 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، بولۇپمۇ باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى يولغا قويدى، بىر قاتار نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولدى. بىر يىلدىن بۇيانقى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) بۈگۈندىن باشلاپ «يىل ئاخىرىدىكى ئالاھىدە خەۋەر . 2023 - يىلىغا نەزەر» يۈرۈشلۈك خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، سىز بىلەن بىرلىكتە بۇ قالتىس بىر يىلنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي

دۇنيا بويىچە 2 - چوڭ كۆچمە قۇملۇققا ئىگە، چۆللەشكەن تۇپراق كۆلىمى %64تىن ئاشىدىغان شىنجاڭنىڭ سۇ توغرىسىدىكى ئىزدىنىشى مەدەنىيلىك باشلانغاندىن تارتىپ باشلانغان بولۇپ، توختاپ قالغىنى يوق. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش يېڭى مۇساپىسىدە، شىنجاڭنىڭ سۇنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى تەپەككۇرى ۋە چۈشەندۈرۈشى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشماقتا، شۇنداقلا بارغانسېرى روشەنلەشمەكتە.

ئىدىيە جەھەتتە بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش، ئىستراتېگىيە جەھەتتە پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلانلاش، ئەندىزە جەھەتتە سىستېما خاراكتېرلىك قايتا يارىتىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتا ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى.

سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىشتىن ئىبارەت «تۆت ئۆلچەم» بويىچە كۈچەش ئارقىلىق، 2023 - يىلى، شىنجاڭنىڭ «سۇغا ئائىت ئىشلىرى»دا ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرە نامايان بولدى.

سۇنىڭ مۇھىملىقى

− «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، «بىر تاختا شاھمات»نى جانلاندۇرۇش

شىنجاڭدا سۇنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش 2023 - يىلى بىر مۇھىم تۈگۈننى كۈتۈۋالدى.

4 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى قوماندانلىق قىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى 1 - قېتىملىق يىغىن ئاچتى، توققۇز ئاكادېمىك ۋە 16 مۇتەخەسسىستىن تەشكىللەنگەن مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىغا كىشىلەر بىرلا ۋاقىتتا نەزەرىنى ئاغدۇردى.

يېڭى ئاپپاراتنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىدا بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئايرىۋېتىلىش، ۋادى رايونىنى كۆپ تەرەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ تۈپتىن بۇزۇپ تاشلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شىنجاڭنىڭ ۋادى رايونى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك، يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش، سىستېمىلىق باشقۇرۇش، پۈتۈن جەريانلىق باشقۇرۇشى مېخانىزم جەھەتتىن بېكىتىلدى.

بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان سۇ تەرەققىياتى، سۇ بىخەتەرلىكىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ پىلانلىشىدىكى مۇھىم تەدبىر.

بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپە چوڭ شاھمات ۋەزىيىتىدە، «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» ئاچقۇچلۇق مۇھىم ئامىل بولغان سۇنى چىڭ تۇتتى.

نېمە ئۈچۈن سۇنى ئىدارە قىلىش كېرەك؟

شىنجاڭدىكى شاھمات ئۇرۇقىدەك يېيىلغان بوستانلىقلار سۇ سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن، شۇنداقلا سۇ سەۋەبىدىن گۈللەنگەن. بۇ تۇپراقتىكى بارلىق گۈللىنىش ۋە خارابلىشىشنىڭ ھەممىسى سۇ بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋاڭ خاۋ 3 - ئايدىكى بىر قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «سۇچىلىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تۈپ كاپالىتى، سۇچىلىق گۈللەنسە شىنجاڭ گۈللىنىدۇ».

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ تەرەققىياتى، سۇ بىخەتەرلىكىنى سىياسىي، ئىستراتېگىيە، پۈتۈن ۋەزىيەت جەھەتتىن تونۇپ، سۇ مەسىلىسىنى مىسلىسىز يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت سۈپىتىدە پىلانلاپ، بايراق روشەن ھالدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «سۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى»، «سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى قانچىلىك يۇقىرى بولسا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى شۇنچىلىك زور بولىدۇ».

يېڭى ئورۇن بېكىتىش كەسكىن ۋە جاراڭلىق بولدى، يېڭى تونۇش كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالدى. پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، شىنجاڭنىڭ سۈيىگە قايتىدىن تەپسىلىي قاراپ چىقتى.

ئالدى بىلەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىكى شۇكى، شىنجاڭدا زادى سۇ كەمچىلمۇ - ئەمەسمۇ؟

ئۇزاقتىن بۇيان، قۇرغاق، سۇ كەمچىل بولۇش ئاساسەن كىشىلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان بىردەك تونۇشى بولۇپ كەلدى. لېكىن ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭدا سۇ كەمچىل بولۇش ئاساسلىقى زامان - ماكان جەھەتتە تارقىلىشى تەكشى بولماسلىق ئېلىپ كەلگەن قۇرۇلما خاراكتېرلىك سۇ كەمچىل بولۇشتىن ئىبارەت. شىنجاڭنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ بايلىقى ساقلانما مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، شىنجاڭدا سۇ مۇتلەق كەمچىل ئەمەس، ئاچقۇچلۇقى يۇقىرى ئۈنۈمدە تەقسىملەش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.

تېگى - تەكتى ئېنىق بولغاندىلا، ئاندىن دەل جايىدا كۈچ چىقارغىلى بولىدۇ.

«شىنجاڭدا قانچىلىك سۇ بار، قانچىلىك سۇ ئىشلىتىلدى، قانداق ئىشلىتىلدى، سۇنى قانداق ياخشى ئىشلىتىش كېرەك» دېگەن تەتقىقات تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايوندىكى سۇچىلىق تارماقلىرى كۈچ تەشكىللەپ، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقى ھەم ئۇنى ئېچىپ پايدىلىنىش ئەھۋالىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنىڭ «تېگى - تەكتى»نى بىرقەدەر ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي ئېنىقلاپ چىقتى. بولۇپمۇ يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقى ئومۇمىي جەھەتتىن بىرقەدەر مول بولۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭشەپ تەقسىملەش، باشقۇرۇش بوشلۇقىمۇ نىسبەتەن چوڭ بولدى.

«سىستېما تەپەككۇرىدىن پايدىلىنىپ سۇنى ئىلمىي ئىدارە قىلىپ ۋە باشقۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشنى يىرىك ئەندىزىدىن تۈجۈپىلىشىش، ئىلمىيلىشىشكە ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.» دىققەت بۇ نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بىر قاتار ئاچقۇچلۇق تەدبىرلەر تېز يولغا قويۇلدى.

باشقۇرۇش سىستېمىسى جەھەتتە − ۋادى باشقۇرۇش، رايون باشقۇرۇش، بۆلۈپ باشقۇرۇشتىن ئىبارەت كونا تۈزۈلمە بۇزۇپ تاشلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، باشقۇرۇلۇپ، يەرلىك بىلەن بىڭتۇەن، ۋادى بىلەن رايون قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئىدارە قىلىش بىرتۇتاش پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلدى.

تەقسىملەش ئەندىزىسى جەھەتتە − «ئومۇمىي مىقدارنى كونترول قىلىش، ئېلاستىك تەقسىملەش» شەكلىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، كۆرسەتكۈچ ئىچىدىكى سۇدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىش بىلەن بىللە، سۇ مول مەزگىلدە كۆپ كەلگەن سۇنى ھەرىكەتچان سۇ مىقدارى سۈپىتىدە ئېلاستىك تەقسىملەش ئىلگىرىكى «قاتتىق تەقسىملەش، تەقسىم قىلىۋېتىپلا بولدى قىلىش» ئەندىزىسىنىڭ ئورنىنى ئالدى.

بىرتۇتاش پىلانلاپ پايدىلىنىش جەھەتتە − يەر ئۈستى سۈيىدىن تولۇق پايدىلىنىش، سۇ ئامبىرى سۈيىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش، يەر ئاستى سۈيىنى مۇۋاپىق ئېچىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.

پىروگرامما ئېنىق بولسا، تارماقلىرىمۇ ئېنىق بولىدۇ، ئاساس تۇتۇلسا، باشقا تەپسىلاتلار شۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ.

پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار كۆز قاراشتىكى توسۇقلارنى تۈگىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇنى ئىلمىي ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى. 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بىردەك سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنى قۇرۇپ، «سۇ»دىن ئىبارەت بۇ «زور ئىش»نى دەل جايىدا، تۈجۈپىلىك ياخشى ئىشلىدى.

«ھازىر ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىندى.» 10 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى 2 - قېتىملىق يىغىن ئېچىپ مۇنداق كۆرسەتتى: سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتا كېيىنكى قەدەمدە «ئاچقۇچلۇقى سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىشكە ئالاقىدار نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ياخشى تۇتۇش كېرەك».

سۇنى ئىدارە قىلىش

− «تۆت ئۆلچەم» بويىچە تەڭ كۈچەپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىش

سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىش ئىشىنى ياخشى ئىشلەش «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تىزگىنلەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇنى ئىدارە قىلىش پىكىر يولىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى سۇ بايلىقى ئېھتىياجىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا چىقىرىلغان چوڭقۇر پىلان.

بۇنىڭ ئىچىدە، سۇ تېجەش ئاچقۇچ، سۇ ساقلاش ئاساس.

شىنجاڭنىڭ سۇ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، سۇ تېجەش ئەڭ مۇھىم، ھەم ئەڭ ئەسقاتىدىغان بولۇپ، «سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى».

شىنجاڭدا سۇ تېجەشتىكى ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن كۈچ يېزا ئىگىلىكىدە. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %91ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش سۇ تېجەش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىدە، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ «مەنبەسىنى ئېچىش» بىلەن «ئېقىمىنى تېجەش» تەڭ ئېلىپ بېرىلدى. دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئېتىز سۇ بىلەن تەمىنلەش كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى، سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئەندىزىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق تېخىمۇ ئاز سۇ بىلەن تېخىمۇ كۆپ زىرائەت ئوزۇقلاندۇرۇلدى.

ئاۋات ناھىيەسى ئاقسۇ دەرياسى، يەكەن دەرياسى، خوتەن دەرياسىدىن ئىبارەت ئۈچ دەريا قوشۇلىدىغان جاي. ناھىيە بويىچە يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇ مىقدارى ئومۇمىي ئىشلىتىلىدىغان سۇ مىقدارىنىڭ %98ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ شياۋمىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاۋات ناھىيەسى «تەمىنلەشكە ئاساسەن ئېھتىياجنى بېكىتىش» پىرىنسىپى بويىچە، «ئون كۈندە پىلانلاپ، ئايدا تىزگىنلەش، ئايدا پىلانلاپ، پەسىلدە تىزگىنلەش، پەسىلدە پىلانلاپ، يىلدا تىزگىنلەش»تىن ئىبارەت ئېلاستىكلىق تەڭشەش - تىزگىنلەش، ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىنى ئىجرا قىلىپ، مەمۇرىي كەنتلەرنى بىرلىك قىلىپ «سۇغىرىش كۆلىمى، سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارى، سۇغىرىش نورمىسى، سۇغىرىش ۋاقتى»نى تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، سۇ بايلىقىنى دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىلمىي باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى ئۇل قۇرۇلۇش قىلىپ، جەمئىي 1 مىليون 245 مىڭ 800 مو يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىلىدىغان ئېتىز بەرپا قىلدى، بولۇپمۇ «قۇرۇق تېرىپ، ئاز - ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش» تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى يولغا قويۇپ، «ھەر مو يەردىن ئوتتۇرىچە 200 كۇب مېتىرغا يېقىن سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش»كە تۈرتكە بولدى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ 2023 - يىللىق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، 4 مىليون 350 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزنى يېڭىدىن بەرپا قىلدى ۋە ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. مەكىت ناھىيەسى قۇمقۇسار يېزىسىنىڭ تۆۋەن خادىلىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يىڭجيې مۇنداق ھېسابلىدى: «يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلاردا سۇ بايلىقى %70 تېجەلدى، ھوسۇل %30 ئاشتى».

سۇ بايلىقىنى «تېجەش» ياخشى ئىشلىنىش بىلەن بىللە، «ساقلاش» ئۈنۈمىمۇ ئۈزلۈكسىز نامايان بولدى.

11 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە، شىنجاڭنىڭ بۇ يىللىق سۇ ئامبارلىرىنىڭ ئومۇمىي سۇ ساقلاش مىقدارى 15 مىليارد 129 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 1 مىليارد 187 مىليون كۇب مېتىر كۆپەيدى.

پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتىگە پائال ماسلىشىپ، سۇ ساقلاشنى سۇ بايلىقىنى تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ ئاساسى قىلىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ سۇ بايلىقىنى يۆتكەپ ساقلاش ئىقتىدارى ۋە سۇ ئامبارلىرىنىڭ سۇ ساقلاش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، ئەڭ زور چەكتە كۆپ تەڭشەپ، كۆپ ساقلاپ، ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش، سۇ بىلەن ئىلمىي تەمىنلەش ئۈچۈن شارائىت ياراتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن شىنجاڭدا زور سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش قۇرۇلۇشى ۋە سۇ بايلىقىنى يۆتكەپ ساقلاش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىلىپ، چوڭ مىڭقات جىلغىسى، يۇرۇڭقاش، ئويئېڭىز، قورغاندىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك زور سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدا ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتا نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

قورغان سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى تاغلار ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يىل 4 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېقىننى توسۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن كۇشان دەرياسى سۇغىرىش رايونىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى يىلىغا ئوتتۇرىچە 69 مىليون كۇب مېتىر كۆپىيىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش نىسبىتى%40تىن %75كە ئۆرلەيدۇ. خوتەن ناھىيەسى تەۋەسىدىكى يۇرۇڭقاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن ھەر يىلى تارىم دەرياسىغا 900 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ، 1 مىليون 260 مىڭ مو ئېتىزنى سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

«تۆت ئۆلچەم» بويىچە كۈچەش، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ سۇ قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈلدى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايون سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش ئاساسىدا، يەنە سۇ كۆپەيتىشتىن ئىبارەت مۇھىم ھالقىنى تولۇقلىدى. شىنجاڭنىڭ بوشلۇق بۇلۇت سۇ بايلىقىنى ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى زور بولۇش قاتارلىق ئەمەلىيەتكە قارىتا، سۈنئىي ئۇسۇلدا سۇ كۆپەيتىشنى پۇختا تەتقىق قىلىپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، سۇ بايلىقىنى تولۇقلاشنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ كۈنسېرى ئىنچىكىلىشىۋاتقان «كۆلچەك»لىرىگە يەنە بىر «داس» سۇ قوشتى.

سۇ بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش

− سۇ نېمىشقا بۇنچە سۈزۈك، ئېقىن سۇ كەلگەنلىكى ئۈچۈن

ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ئەسقەر ھوشۇر مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل شىنجاڭ مەۋقەنى ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريالىرىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە سۇ كۆپرەك كېلىدىغان پايدىلىق پۇرسەتكە قويۇپ، پۈتۈن يىلدا 61 مىليارد 970 مىليون كۇب مېتىر سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى تۈزدى.

بۇنىڭدا بىر روشەن ئۆزگىرىش بار: ئەسلىدىكى شىنجاڭنىڭ ھەر يىلى 56 مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش كۆرسەتكۈچىنىڭ «يۇقىرى چېكى» بۇ يىل سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسىگە ئايلىنىپ، كۆپ كەلگەن سۇ ئېلاستىكلىق تەقسىملەنگەن سۇ مىقدارى سۈپىتىدە يۆتكەپ تەقسىملەنگەن.

بىر تەدبىر ئۆزگەرسە، تۈرلۈك - تۈمەن ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىدۇ.

11 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە بۇ يىل جەمئىي تەمىنلەنگەن سۇ 60 مىليارد 958 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، پىلاندىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنىڭ %98ى تاماملاندى.

«يەر ئۈستى سۈيىدىن يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىش، يەر ئاستى سۈيىنى قاتتىق باشقۇرۇپ تىزگىنلەش، ئېكولوگىيەلىك سۇغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش» پىرىنسىپىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سۇ بايلىقىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەسىگە بولغان كۆپ قاتلاملىق پايدىسى ئۈزلۈكسىز نامايان بولدى.

بۇ يىل، شىنجاڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى پىلانىنى يولغا قويۇپ، 4 مىليون 800 مىڭ مودىن ئارتۇق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، تىرىشىپ ئاشلىق ھوسۇلىنى بۇلتۇرقىدىن 2 مىليون توننا ئاشۇرۇپ، 20 مىليون توننا ئەتراپىغا يەتكۈزدى.

بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق ئامىل سۇ.

كۈزلۈك ئاشلىق يىغىۋېلىش خىزمىتىنىڭ ئاياغلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدا ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملاشتى، پۈتۈن شىنجاڭدا بۇ يىللىق ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ 20 مىليون توننىدىن ئېشىشىدا گەپ يوق.

بۇ ئېنىقكى، شىنجاڭنىڭ سۇنى سىستېمىلىق ئىلمىي ئىدارە قىلىشى ۋە باشقۇرۇشىدىكى پائال نەتىجىلەرنىڭ بىرى.

«بۇلتۇردىن باشلاپ، سۇ كەمچىل بولۇش ئەھۋالى كۆپ ياخشىلاندى، بۇ يىل سۇدىن غەم قىلمىدىم» دېدى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ بازىرى قاراباغ كەنتىدىكى ئابدۇكېرىم مەمەت.

11 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە تەمىنلەنگەن سۇغىرىشقا ئىشلىتىلگەن سۇ 52 مىليارد 990 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليارد 80 مىليون كۇب مېتىر كۆپ بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاشلىق زىرائەتلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 797 مىليون كۇب مېتىر كۆپ بولدى. ھەرقايسى جايلار يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا قەتئىي كاپالەتلىك قىلىپ، سۇغىرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق سۇغىرىپ، تەمىنلەشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەمىنلەپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ «دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇش» ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىگە كۈچلۈك تىرەك بولدى.

پۈتۈن شىنجاڭدا تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئىلمىي، بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، سۇ بىلەن ئېكولوگىيەنىڭ مۇناسىۋىتىدىمۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى.

ئىلمىي، ئىنچىكە ئىدىيە ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەم چەكتىن ئېشىپ كەتمىدى، ھەم كەمچىل بولمىدى، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدىنىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈلدى، سۇ تېخىمۇ دەل جايىدا، ئىنچىكە شەكىلدە تۇپراقنى ئوزۇقلاندۇردى.

2000 - يىلى باشلانغان تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش خىزمىتى رايون ئېكولوگىيەسىنىڭ چېكىنىشىنى توسۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشتا مۇھىم رول ئوينىدى. بۈگۈنكى كۈندە، سۇ ئوخشاشلا يەنە يەتكۈزۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىچكى جەھەتتە زور ئۆزگىرىش بولدى. «كۆرۈنۈش ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن خاراكتېر تۈپتىن پەرقلىنىدۇ» دېدى تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ فۇيۇڭ.

ۋاڭ فۇيۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل 8 - ئاينىڭ بېشىدا باشلانغان 24 - قېتىملىق 2 - باسقۇچلۇق ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشتە، سۇ يەتكۈزۈش ئومۇمىي مىقدارى قاتتىق كونترول قىلىندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ بېشى تۆۋەنكى ئېقىن ۋە كۆللەرگە كىرگۈزۈلمەي، ئېكولوگىيەلىك سۇنىڭ ھەممىسى دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلدى. ھەرقايسى رايونلار ئېھتىياجلىق سۇ مىقدارىنى دەل جايىدا ھېسابلاپ، كۆپ باسقۇچ، ئاز ئېقىم مىقدارى، ئۇزۇن ۋاقىت سۇ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت «كىچىك قەدەمدە ئاستا يۈگۈرۈش» شەكلى ئارقىلىق، قىرغاقتىكى ئېكولوگىيەلىك يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ «ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش»نى ئەڭ زور چەكتە ئىشقا ئاشۇردى.

شىنجاڭنىڭ ئەڭ شىمالىي چېتىدە، ئېرتىش دەرياسىنىڭ تاشقان سۈيى بىلەن سۇغىرىش، ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش يولغا قويۇلۇپ، ئوخشاشلا تېخىمۇ ئىلمىي، دەل جايىدا تەڭشەش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، تۆۋەن ئېقىندىكى يېشىل كارىدور تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولدى.

بۇ يىل سۇچىلىق تارماقلىرى ئاساسلىق دەريا - ئېقىن، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئاساسىي سۇ مىقدارى ۋە كۆللەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن سۇ ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، نۇقتىلىق دەريا - ئېقىنلاردىن باشقا، يەنە ئۇلۇڭگۇر كۆلى، جىلى كۆلى، ئايرىك كۆلى، باركۆل كۆلى، ئېبنۇر كۆلى، باغراش كۆلىگە ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلىدى، دەريا - كۆل ئېكولوگىيەسى سىجىل ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى.

ئادەم بىلەن سۇ، يەر بىلەن سۇ، تەرەققىيات بىلەن سۇنىڭ ئىناقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مەڭگۈ ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ھازىر، سۇ يېڭى قىياپەت بىلەن بۇ تۇپراققا يېڭى كەيپىيات بېغىشلىماقتا. قىش كېتىپ باھار كېلىشى بىلەن، گۈزەل شىنجاڭ تېخىمۇ سىجىل ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ.

ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسنىڭ بايانى:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇتەخەسسىسى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ سۇچىلىق - سۇ ئېلېكتىر ئىشلىرىنى پىلانلاش - لايىھەلەش باش ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرىياڭ چىڭ

سۇ بايلىقى شىنجاڭنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك بايلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۈنئىي بوستانلىقنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەلگىلەپلا قالماي، تەبىئىي بوستانلىقنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت قۇرۇلمىسى ۋە سۈپىتىنىڭ مۇقىملىقىنىمۇ بەلگىلەيدۇ. شىنجاڭ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە تەقسىملەش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە بىرتۇتاش تۈرتكە بولۇپ، نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى تۇتۇش پىكىر يولىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىرىنچىدىن، سۇ تەرەققىياتى، سۇ بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى چىڭ تۇتۇپ، سۇغا ئالاقىدار مۇھىم ئىشلار توغرىسىدا كۆپ قېتىم تەتقىق قىلىپ ۋە تەدبىر بەلگىلەپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈردى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈردى. ئىككىنچىدىن، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىدىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى قانچە يۇقىرى بولسا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات بوشلۇقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ» دېگەننى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئەڭ چوڭ بوغما ھالەت بولغان بۇ «تۇتقا»نى چىڭ تۇتتى. ئۈچىنچىدىن، سۇ بايلىقىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ باشقۇرۇش يېڭى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىكىدىكى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن سۇ بايلىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ۋادى ھالقىغان، رايون ھالقىغان ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، سۇ بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. تۆتىنچىدىن، سۇچىلىققا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى قۇرۇپ، سۇچىلىق تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى قۇرۇپ، بازار مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى قولدا كۈچەپ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشقا قاراپ چوڭ قەدەم تاشلىدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ سۇ تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتە مۇھىم تۈرتكىلىك رولغا ئىگە. بەشىنچىدىن، سۇ بايلىقىنى دەل جايىدا تەقسىملەش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەر ئاستى سۈيى زىيادە تارتىلغان رايونلارنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى تەتقىق قىلىپ، كەلكۈننى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىدىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇشتا غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇردى.