شىنجاڭدا بۇ يىل ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل كاندىن 50ى قۇرۇلدى

日期:2023年12月12日
来源:天山网
【字体:

​يېشىل كان ئومۇمىي سانى بۇلتۇرقىدىن %82 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ يايۈنخەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى بۇ يىلقى 3 - تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل كانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، ئىلى يۇڭنىڭ كۆمۈرچىلىك خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ پەنجىم سانائەت كۆمۈر كېنى قاتارلىق 31 كان بۇ تىزىملىككە كىردى. بۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل شىنجاڭدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل كاندىن 50ى قۇرۇلدى.

«پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېشىل كانلارنىڭ ئومۇمىي سانى بۇلتۇرقىدىن %82 ئاشتى.» ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى قېزىلما بايلىقلارنى قوغداشنى نازارەت قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋېن خۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: قېزىلىدىغان كان تۈرلىرىدىن قارىغاندا، نېفىتلىك، تەبىئىي گازلىق ئەڭ كۆپ بولۇپ، 25ى بار؛ كۆمۈر كان 2 - ئورۇندا بولۇپ، 18ى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ھاك تاش كېنىدىن ئۈچى، تۆمۈر كېنىدىن ئىككىسى، تۇز كېنى ۋە قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان قۇم كېنىنىڭ ھەر قايسىسىدىن بىرى بار.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون كارخانىلار ئۆزىنى باھالاش، 3 - تەرەپ باھالاش، ھەرقايسى جايلار تەۋسىيە قىلىش، ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش، نەق مەيداندا ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش قاتارلىق تەرتىپلەر بويىچە يېشىل كان تاللاش خىزمىتىنى دائىملىق قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل كان قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ، كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ يېشىل كان قۇرۇش ئاكتىپلىقى يەنىمۇ ئېشىپ، كان رايونىنىڭ مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، ئىلغار تېخنىكا، ھۈنەر - سەنئەت ۋە ئۈسكۈنىلەر ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى، بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش نىسبىتى ھەم ئېنېرگىيە تېجەپ سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدىكى يېشىل كانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 111گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت دەرىجىلىكتىن 61ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن 50ى بار بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كانلار نىسبىتىنىڭ %18ىنى ئىگىلىدى. يەنە ئون كاننىڭ ئىلتىماس ماتېرىيالى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، پات ئارىدا نەق مەيداندا ئارىلاپ تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كىرىدۇ.

2024 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل كانلارنى تاللاش خىزمىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، يېشىل كان قۇرۇلۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، توختام ئارقىلىق چەكلەش ۋە سىياسەت ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېشىل كانلارنى قوللاش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، يېشىل كان ئۆلچىمىگە يەتكەن كانلارنى ئاپتونوم رايوننىڭ يېشىل كانلار تىزىملىكىگە ۋاقتىدا كىرگۈزۈپ، مەملىكەت بويىچە يېشىل كانلار تىزىملىكىگە شىنجاڭنىڭ مۇنەۋۋەر يېشىل كانلىرىنى پائال تەۋسىيە قىلىدۇ.