10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشى بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىش تاماملاندى

日期:2023年12月12日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشى بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىش خىزمىتى يېقىندا تولۇق تاماملاندى. بۇ نۆۋەتلىك كۆزىتىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىش مەركەزلىك قايتما ئىنكاس قىلىش بىلەن «بىرگە بىر» قايتما ئىنكاس قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى قوللىنىلىپ ئېلىپ بېرىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 12 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى بۇ نۆۋەتلىك كۆزىتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا كۆزىتىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي يولداشلار ئالاقە باغلىغان رايون ياكى مەسئۇل تارماق (ئورۇن)لارنىڭ كۆزىتىش ئەھۋالى بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە يولداش لى شىنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى بويىچە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش چۆرىدىلىپ، كۆزىتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارغا كۆزىتىشتە بايقالغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى ھەم رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە كۆزىتىش ئەھۋالى قايتما ئىنكاس قىلىندى.

12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئۆزى ئالاقە باغلىغان بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنى كۆزىتىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، كۆزىتىشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تولۇق ئىگىلەپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىي، دەل جايىدا تۈزۈپ، يېڭىدىن بايقالغان مەسىلىلەر بىلەن ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى تۇتۇپ، بىرمۇبىر تۇتۇپ، تۈرمۇتۈر تۈزىتىپ، پۇختا، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەقىقىي تۈزىتىش، ئەمەلىي تۈزىتىش، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش، ئۈزۈل - كېسىل تۈزىتىش كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى پۇرسەت بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆز رايونىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئېلزات ئەخمەتجان، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ گاڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى، يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى، شىنجاڭ بانكىسىدىن ئىبارەت ئۈچ پۇل مۇئامىلە ئورنىنى كۆزىتىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتتى.

قايتما ئىنكاس قىلىشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۆزىتىشتىن بۇيان، كۆزىتىلگەن رايون ۋە تارماق(ئورۇن)لار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆزىتىش جەريانىدا يەنە ئاز بولمىغان مەسىلىلەر بايقالدى: بەزى ئورۇنلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى جايىدا بولمىغان؛ بەزى ئورۇنلارنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىدە پەرق مەۋجۇت؛ بەزى ئورۇنلارنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش خىزمىتى قاتتىق بولمىغان، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق ئىش ئورنى، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشى كەمچىل بولۇپ، «بىرىنچى قول رەھبەر» قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئىش ئورۇنلىرىدىكى پاكلىق خەۋپ - خەتىرى بىرقەدەر گەۋدىلىك بولغان؛ بەزى ئورۇنلاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ - ئىچىش قاتارلىق مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش ۋە «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرى قايتا - قايتا چەكلىسىمۇ تۈگىمىگەن؛ بەزى رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك بولمىغان، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشكە دائىر سىياسەت - بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشى قاتتىق بولمىغان، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارى كۈچلۈك بولمىغان، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش ئېڭى يېتەرلىك بولمىغان. ئۈچ پۇل مۇئامىلە ئورنىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى جايىدا بولمىغان، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇشتىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى يېتەرلىك بولمىغان، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تۈگىتىشى كۈچلۈك بولمىغان، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە ئىچكى تىزگىنلەش مېخانىزمى قۇرۇلۇشى ئارقىدا قالغان، پارتىيە قۇرۇلۇشى مەۋھۇملەشتۈرۈۋېتىلگەن، ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىلگەن، پاكلىق خەۋپ - خەتىرى گەۋدىلىك؛ بەزىلىرىنىڭ كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قاتارلىق نازارەتچىلىكتە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشى تەلتۆكۈس بولمىغان، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىش بويىچە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىشى يېتەرلىك بولمىغان.

قايتما ئىنكاستا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: كۆزىتىلگەن رايونلار ۋە تارماقلار (ئورۇنلار) شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، فۇنكسىيەلىك ئورنىنى چىڭ ساقلاپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى فۇنكسىيەلىك ئورنى ۋە بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئېغىر خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، يوچۇقنى ئېتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىپ، زىياننى تولدۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ «بىرىنچى قول رەھبەر»ىگە بولغان نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، چىرىكلىك دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، «تۆت خاھىش»نى قاتتىق تۈزەپ، يېڭى ئىستىل تىكلەپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاتتىق ئاساسىي رىتىم، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى يەتكۈزۈپ، ئىزچىل ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.

قايتما ئىنكاستا مۇنداق تەكىتلەندى: تۈزىتىشنى بىر تۈرلۈك كەسكىن سىياسىي ۋەزىپە، سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، پارتىيە ئىشلىرى ۋە خەلققە مەسئۇل بولۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. كۆزىتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، شۇجى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇشتەك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بەنزىدىكى باشقا ئەزالار «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قايتما ئىنكاس قىلىنغان پىكىرلەرگە قاتتىق سېلىشتۇرۇپ، مەسىلە تىزىملىكى، ۋەزىپە تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى باش تېما تەربىيەسىدە تېپىپ چىقىلغان مەسىلىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئالدىنقى قېتىملىق كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش جايىدا بولمىغان مەسىلىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سىستېمىلىق تۈزىتىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشى، تۈزىتىش ئۈنۈمى ئارقىلىق سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلىشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە تەشكىلات تارماقلىرى تۈزىتىش بويىچە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزىتىش بويىچە نازارەت قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى كۈندىلىك نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەپلەپ - سەپلەپ تاقابىل تۇرغانلار، تۈزىتىشتە ساختىلىق قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار كۆزىتىش نەتىجىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال ياخشى پايدىلىنىپ، كۆزىتىشتە ئىنكاس قىلىنغان ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلىلەر ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرگە قارىتا كۈندىلىك نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى بىرتۇتاش پىلانلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش گۇرۇپپىسى يەنە بەزى رەھبىرىي كادىرلارغا ئالاقىدار ئىنكاس قىلىنغان مەسىلە يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.