سوغۇق ئېقىم كەلدى! شىنجاڭ قاتناش ساقچىلىرى مۇھىم ئەسكەرتمە ئېلان قىلدى

日期:2023年12月12日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى. سوغۇق ئېقىم كەلگەندە، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ناچار ھاۋارايىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، يوللارنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدىھەمدە ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلىپ، ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.


12-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەتىگەنلىك قاتناش يۇقىرى پەللىسى.

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 12-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 12-ئاينىڭ 14-كۈنى كېچىگىچە، سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى، شەرقىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن، ئۈرۈمچى شەھىرى، قومۇل شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شەرقىي قىسىمدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇراھال ۋە قېلىن قار ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قېلىن قار ياغىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ شامال ئېغىزىدا 10 بال ئەتراپىدا قىيپاش شىمال شامىلى چىقىدىكەن.

«تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىسەيوللاردا ئاسانلا مۇز تۇتۇپ، يول تېيىلغاق بولۇپ كېتىدۇ. شوپۇرلار قىش پەسلىدە يول يۈرگەندە بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك»دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى جاڭ جياڭتاۋ.


12-ئاينىڭ 11-كۈنى، تازىلىق ئىشچىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئىتتىپاق يولى كوچا باشقارمىسى خوۋچۇەن يولى مەھەللىسىدە قار تازىلاش ماشىنىسىدا قار تازىلىماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

قىش پەسلىدە ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟

«قار ياغقان كۈنلىرى ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئەڭ مۇھىمى سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈش كېرەك». جاڭ جياڭتاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بولۇپمۇ قار مۇز بولۇپ كەتكەن يول يۈزىدە، شوپۇرلار ھەرگىز جىددىي تورمۇزلىماسلىقى، جىددىي ئايلانماسلىقى كېرەك، بولمىسا ئاپتوموبىل ئاسانلا يانغا تېيىلىپ كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىش پەسلىدە ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن بۇرۇن يەنە ئاپتوموبىلدىكى قارلارنى تازىلاپ، ئاپتوموبىل ئەينىكىنىڭ تۇمان يوقىتىش ئىقتىدارىنى ئېچىپ، شوپۇرنىڭ كۆرۈش دائىرىسىنىڭ ئېنىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن بىخەتەر يولغا چىققىلى بولىدۇ. قىش پەسلىدە قىسمەن يوللاردا مۇز بەك قېلىن بولغاچقا، شوپۇرلار ئاپتوموبىل تەگلىكىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە ئاساسەن يول بۆلىكىنى تاللاپ، قار-مۇزنىڭ تەگلىككە تاقىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. قار ياغقان كۈنلىرى ئەينەك سۈرتكۈچ ئاسان توڭلايدۇ، شۇڭا ئېلېكترودۋىگاتېلنىڭ زەخملىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مۇز ئېرىشتىن بۇرۇن ئەينەك سۈرتكۈچنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. قار-مۇزلۇق يولدا ئىمكانقەدەريۇقىرى خوتتا يۈرۈشتىن ساقلىنىش، تەكشى سۈرئەتنى ساقلاش، ئاپتوموبىل يولىنى ئۆزگەرتىشنى، ئاپتوموبىلدىن يانداپ ئۆتۈشنى ئازايتىش ياكى ئىمكانقەدەر ساقلىنىش، كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. يانتۇ يولدا يۈرگەندە ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن بولغان ئارىلىقنىئالدىن تېخىمۇ ئاشۇرۇش، بولۇپمۇ كۆۋرۈك، سۈڭگۈچ، كۆتۈرمە كۆۋرۈك يول يۈزىدىكىئاسان مۇز تۇتۇپ كېتىدىغان جايلاردىن ئۆتكەندە سۈرئەتنى ئالدىن ئاستىلىتىش كېرەك.

«شىنجاڭ گېزىتى»ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى