ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، چوڭقۇر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2023年12月11日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭ ۋە خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى

ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، چوڭقۇر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

يىن لى، ما شىڭرۇي، نى يۆفېڭ، يىن يۇڭ، ۋاڭ جېڭپۇ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى

12 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭ شەھىرى، خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يىن لى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى يىن يۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بېيجىڭ سودا مەركىزىي رايونى (CBD)نىڭ سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزىدە بېيجىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىماقتا. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ\خېبېي شيۇڭئەن، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭ شەھىرى، خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بەرگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ۋە ئالماشتۇرۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش - تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەدە زامانىۋىلاشقان شەھەرنى پىلانلاش - قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر ۋە ئىجادىي ئۇسۇللارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، تېخىمۇ يېڭى ئىدىيە، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر بىلەن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىلدۈردى، يېڭى ئەۋزەللىك ياراتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەنپارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي ئۆمەك باشلاپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى. بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يىن لى، خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نى يۆفېڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى يىن يۇڭ، خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ جېڭپۇ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جىڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى.

جۇڭگو (بېيجىڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى 2020 - يىلى 9 - ئايدا قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم بۆسۈش خاراكتېرلىك سىياسەت، بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پايتەخت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى خەلقئارا سودا مۇلازىمەت بۆلەك رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، چاۋياڭ توپى، شۈنيى توپىنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئۆگەندى، تەكشۈردى. ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭ سودا مەركىزىي رايونى (CBD)نىڭ سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، بېيجىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئاساسلىق خىزمەت رامكىسى ۋە قۇرۇلۇش ئۈنۈمىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، بېيجىڭنىڭ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبە - ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ، شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى (بېيجىڭ) خەلقئارا تېببىي دورا ئايرىش - تارقىتىش مەركىزى چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، ۋەكىللەر ئۆمىكى سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇش، خەلقئارا ھەمكارلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەدبىرلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى ۋە ئۇنى ئىگىلىدى، ئامبار رايونى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، كۆزدىن كەچۈردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك باشلاشنىڭ مۇھىم باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە قاراشتا ئازاد بولۇپ، ئۇسۇل - تەدبىرلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، بېيجىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پائال ئۆرنەك ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەمتۈرتكىلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىمىز.

بېيجىڭدىكى مەزگىلدە، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار جۇڭگو لۈفا مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى، مېيكې مېيجيا قاتارلىق كارخانىلاردا زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە، مەدەنىيەت - ساياھەت، تۇرمۇش ئىستېمالى قاتارلىق تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ، كارخانا بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى سىجىل كېڭەيتىش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋەكىللەر ئۆمىكى شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى.

شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى قۇرۇش مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى. ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، شيۇڭئەن يېڭى رايونى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئۇلۇغۋار پىلاندىن رېئال مەنزىرىگە ئايلىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك زامانىۋىلاشقان شەھەر قۇرۇلۇشى مۆجىزىسىنى ياراتتى.

دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن شيۇڭئەن يېڭى رايونى كەڭ، ئازادە بولۇپ، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك ئىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شيۇڭئەن يىرىك پىلان كۆرگەزمە مەركىزىگە كېلىپ، يېڭى رايون قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى ئىگىلەپ، «كەلگۈسى شەھەر» قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى پىكىر يولىنى ھېس قىلدى. شيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا ۋوگزال تۈگۈنىدىكى قۇرۇلۇش مەيدانىدا مۇنارسىمان كىرانلار قەد كۆتۈرۈپ، ئالدىراش قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتاتتى. ۋەكىللەر ئۆمىكى قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، شيۇڭئەننىڭ شەرق - غەرب ئوق لىنىيە تۈرى ھەم شەھەرلەر ئارا بۆلەك رايونى يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئارقىدىن، ۋەكىللەر ئۆمىكى شيۇڭئەن رۇڭدۇڭ بۆلەك رايونىغا كېلىپ، مەنزىرە بىلەن شەھەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، شەھەر ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: شيۇڭئەن يېڭى رايونى زامانىۋىلاشقان شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ جانلىق ئۆرنىكى، ئۇنى پىلانلاش - قۇرۇشتىكى ئىدىيە، نەزەر دائىرە، پىكىر يولى، تەدبىر ۋە ئۇسلۇب، خاسلىقنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان رايون مەركىزىي شەھىرىنى تېخىمۇ ئىلمىي، ئىنچىكە پىلانلاپ ياخشى قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، يىن لى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەننىڭ بېيجىڭغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئۇنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، بىزنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ۋەزىپە ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىش تەقسىماتى لايىھەسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشۇش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، ئەڭ ياخشى ئۆلچەم ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتا ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدىسىنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشى ئۈچۈن ئىزدىنىمىز ۋە تەجرىبە توپلايمىز. «بىر بەلباغ، بىر يول» دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە ئورتاق مۇلازىمەت قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى سەككىز تۈرلۈك ھەرىكەتنى چۆرىدەپ، ئىككى جاينىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى، جۇڭگۇەنسۈن مۇنبىرى، بېيجىڭ مەدەنىيەت مۇنبىرى ۋە پۇل مۇئامىلە كوچىسى مۇنبىرىدىن ئىبارەت تۆت ئېچىۋېتىش سۇپىسىدىن ئورتاق ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ غەربىي شىمالدىكى ئېچىۋېتىش تۈگۈنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەبلەغ سېلىشنى تونۇشتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ سودا نەتىجىسى ۋە ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ بېيجىڭ بىلەن شىنجاڭدا ئورۇنلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىمىز.

نى يۆفېڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەننىڭ خېبېي، بولۇپمۇ شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئۇنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شيۇڭئەن يېڭى رايونى تەسىس قىلىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان بىر تۈرلۈك مۇھىم تارىخىي خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك تاللاش، مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى. پىلانلاپ ئورۇن تاللاشتىن پىلانلاش - قۇرۇشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى تەدبىر بەلگىلەپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى تۈرتكە بولۇپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇشقا يول باشلىدى، يول كۆرسەتتى، تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلىدى. ئۆلكە بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېبېينى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ فۇنكسىيەلىك بېكىتكەن ئورنىنى، بۇرچ - ۋەزىپىسى ۋە پىرىنسىپ - تەلەپلىرىنى مەھكەم ئىگىلەپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتى ۋە نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما، خېبېينىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇھىم مەسئۇلىيىتى. خېبېي ئۆلكىسى شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە مۇھىم دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خېبېينىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللاش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى بويىچە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىش ۋە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى سىجىل كۈچەپ قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا، مەدەنىيەت - ساياھەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خېبېي بىلەن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن بېيجىڭ شەھىرى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە شىنجاڭغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش شىنجاڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، شەھەر قۇرۇلۇشى تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى. ئۇزاقتىن بۇيان، دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىدا، شىنجاڭ - بېيجىڭ، شىنجاڭ - خېبېينىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىشىشى سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش ئۈنۈمى ياخشى بولدى. ھازىر شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بىز دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىمىزنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىپ، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلىدۇق، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتتۇق، سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردۇق. بېيجىڭ، خېبېينىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيتىدىكى ئورنى مۇھىم، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمى تېز، تەدبىرى ئەمەلىي، ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، بىز ئۈچۈن مۇھىم ئۆرنەك ئېلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە. بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئەۋزەللىكلەرنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى بىلەن بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ بىلەن بېيجىڭ، خېبېينىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

بېيجىڭ شەھىرى رەھبەرلىرىدىن شيا لىنماۋ، جاۋ لېي، سىما خۇڭ، خېبېي ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن جاڭ گوخۇا، يەن پېڭچېڭ، جاڭ چېڭجۇڭ، جىن خۇي ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، شۆ بىن، ياڭ شيۇلى، دۇ خۇڭيەن پائالىيەتكە قاتناشتى.