بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش مىقدارى 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى

日期:2023年12月11日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگىچە، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توكنى سىرتقا يەتكۈزىدىغان ئىككى لىنىيەسىدە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.9 ئېشىپ، بۇلتۇرقىدىن توققۇز كۈن بۇرۇن بۇ ساندىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى مۇقىم ئاشقان. 2022 - يىلى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن توك ئىشلىتىش مىقدارى بويىچە ھېسابلىغاندا، 100 مىليارد كىلوۋات سائەت توك پۈتۈن مەملىكەتتىكى 1 مىليارد 400 مىليون ئاھالىنىڭ 27 كۈن ئىشلىتىشىگە يېتىدىكەن.

2010 - يىلى شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. 2014 - يىلى قومۇل - جېڭجوۋ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى (قىسقارتىلىپ تيەنجۇڭ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى دېيىلدى) پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2019 - يىلى، سانجى − گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى (قىسقارتىلىپ سانجى - گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش دېيىلدى) پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە توك بېسىمى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، يەتكۈزۈش سىغىمى ئەڭ چوڭ، يەتكۈزۈش ئارىلىقى ئەڭ يىراق بولغان ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، بۇ ئىككى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەسى شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى «ئىككى ئۆزگىرىشچان، ئىككى تۇراقلىق»تىن ئىبارەت تۆت سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەسى ئىچىدىكى ئاساسلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىگە ئايلاندى. 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگىچە، تيەنجۇڭ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىدە بۇ يىل سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 43 مىليارد 817 مىليون كىلوۋات سائەتكە، سانجى - گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىدە بۇ يىل سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 56 مىليارد 371 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتتى.

«سانجى - گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىدە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى جەمئىي 242 مىليارد 837 مىليون 400 مىڭ كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، شەرقىي جۇڭگو رايونىدا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش جىددىي بولۇش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، مەملىكەت بويىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا ياردەم بېرىشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى» دېدى 1100± كىلوۋولتلۇق سانجى تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ۋاڭ خۇڭ.

ھازىر، شىنجاڭدىكى 3 - ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەسى − قومۇل − چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا. مۆلچەرلىنىشىچە، 2025 - يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭدا «ئۈچ تۇراقلىق، ئۈچ ئۆزگىرىشچان»دىن ئىبارەت شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى، يىللىق سىرتقا يەتكۈزۈلىدىغان توك مىقدارى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 33 مىليون كىلوۋات، 180 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىدىكەن.