ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش

日期:2023年12月11日
来源:天山网
【字体:

− باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك سۆھبەت (26)

شىن شىجيەن

2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بەزى جايلار لازىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ كۆلىمى كىچىك بولۇش، كەسىپ باغلىنىشى بوش، تارقاق بولۇش، مەھسۇلاتلارنىڭ قوشۇلما قىممىتى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، لازىچىلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلىدى؛ بەزى جايلار سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىن ئىبارەت بۇ «تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق تۈرلەرگە قارىتا «بىر تۈرگە بىر مەخسۇس بەن» مۇلازىمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى... ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، باش تېما تەربىيەسىنى ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۇختا قانات يايدۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

ھازىر دەل يىل ئاخىرى بولۇپ قالدى، ئىشلەيدىغان خىزمەتلەر كۆپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەك ئېھتىياتچان بولۇپ ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغاندا، باش تېما تەربىيەسىنىڭ باشتىن - ئاخىر ياخشى قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنى تۇتۇشتىن يۇقىرى سۈپەت، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، غەيرەتنى بوشاشتۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.» 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ئورۇنلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ بىرىنچى سېپىدە، تەربىيەلەش بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ تونۇشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەت بىلەن باغلاشتىن ئىبارەت ئىزچىل تەلىپىنى گەۋدىلەندۈردى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، بىلىش، يەنە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، يەنە بىلىشتىن ئىبارەت دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزملىق بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ بىرلىكى قارىشىنى گەۋدىلەندۈردى، بۇ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ھەر ئىشنىڭ چوقۇم ئامالى بولىدۇ، ئامالىنى تاپقاندىلا ئاندىن ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىرتۇتاش پىلانلاش ئىقتىدارىنى ئەڭ سىنايدۇ. ماسلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش باش تېما تەربىيەسىدە ئۆگىنىش بىلەن قوللىنىشتا «ئىككى ياقلىمىلىق»نىڭ كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ئىدىيەۋى ئۇسۇل ۋە خىزمەت ئۇسۇلى. 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، كېلەر يىلنىڭ بېشىغىچە داۋاملىشىدۇ، ۋەزىپە ئېغىر، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە، باش تېما تەربىيەسى بىلەن مەركىزىي خىزمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنى بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاش بىلەن بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى تەتبىقلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى پائال بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تېزلىتىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ھەرقايسى جايلار ھەم باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەم ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى جانلىق ۋە سۈپەتلىك ئىشلەپ، ئىككىلىسىدە بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىر - بىرىنى تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

مەڭگۈلۈك تۆھپە يارىتىش ئۈچۈن چوقۇم مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، ئۆچمەس نام قازىنىش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەش كېرەك. ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىغا ئەڭ ئېھتىياجلىق. پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تولۇق ئادا قىلىشى، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىشى باش تېما تەربىيەسى بىلەن ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ تەلىپى. 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئامما بىلەن بولغان ئالاقىسى تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ زىچ، چېتىلىدىغان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر تېخىمۇ مۇرەككەپ، كونكرېت بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردىن ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى، مەقسىتى قىلىپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ ھەم مەسىلىگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مەسىلىنى كۆزلەپ تۈزىتىپ، «مەسىلە تىزىملىكى»نى تىرىشىپ «ئۈنۈم تىزىملىكى»گە ئايلاندۇرۇشنى تېخىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداق بولۇپلا قالماي، ھەرقايسى جايلار يەنە بىر تەرەپتىن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، بىر تەرەپتىن خۇلاسىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى بۆسۈش، يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان ياخشى ئۇسۇل، ياخشى تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا تۈزۈم شەكلىدە مۇقىملاشتۇرۇپ، تۇتسىلا ياخشى بولۇپ كېتىش، قويۇپ بەرسىلا بوشىشىپ كېتىش مەسىلىسىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. ئاخىرلىشىشقا قانچە ئاز قالغانسېرى، پۇختا بولۇش تەلىپىنى شۇنچە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا باش تېما تەربىيەسىدە ماھىرلىق بىلەن ئىش قىلىش، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

باش تېما تەربىيەسى بىلەن ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەر «ئىككىدىن بىرنى تاللايدىغان» تاللاش سوئالى ئەمەس، بەلكى جەزمەن ئىككىسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ چوقۇم جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال. ھازىر، مەركىزىي خىزمەتنى چىڭ كۆزلەپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇقەررەر ھالدا باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.