يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش، ياڭاق ياغىچىنى ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇرۇش

日期:2023年12月11日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

«بۇلار ياڭاق ياغىچىدىن پايدىلىنىپ قولدا ياسالغان، چىنە، كەپكۈر، دۆشە، تېتىتقۇ قۇتىسى قاتارلىق 100 نەچچە خىل قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمى بار، كۆپچىلىكنىڭ زاكاز قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.» 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى گۇچېڭ كەنتىگە جايلاشقان خوتەن ناھىيەسى ياڭاق ياغىچى ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى ئويمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىچىدە بىۋاسىتە كۆرسىتىش قىزىپ كەتكەنىدى. رىياسەتچى ئالىم ئەزىز ئۆزى ياسىغان قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە تور ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن ئالىم گۇچېڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ياغاچ ئويما ھۈنىرىگە ئالاھىدە قىزىقىدىغان بولۇپ، ئائىلىسىدىكى ياغاچ ئويما ھۈنىرىنىڭ 3 - ئەۋلاد ۋارىسى. «كىچىك ۋاقتىمدا دادام ياسايتتى، مەن ئەگىشىپ ئۆگىنەتتىم. دەسلەپتە مەن ياغاچ قاچا، ياغاچ قوشۇق قاتارلىق ئاددىي قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياسىدىم، ياساپ بولغاندىن كېيىن بازارغا ئاپىرىپ ساتتىم، ياغاچ پارچىلىرىنىڭ نەپىس قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلانغانلىقىنى، يەنە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى پەخىرلەندىم» دېدى ئالىم.

«ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ماركىنى تىزىمغا ئالدۇرساق، بىز ياسىغان ياڭاق ياغىچى قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى خوتەندىن سىرتقا چىقارغىلى بولىدىكەن» دەپ قارىدى ئالىم. ئۇنىڭ ئويى دادىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. 2016 - يىلى، ئۇ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ، خوتەن ناھىيەسى ياڭاق ياغىچى ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى ئويمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى، شۇنىڭ بىلەن «خېخېيى» ماركىسى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى.

ئالىم ئىجاد قىلىشتىن باشلاپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ياغاچ تەخسە، ياغاچ ئىستاكان، ياغاچ تارغاق قاتارلىقلارنى ياسىدى. ئۇ يەنە كۆپ قېتىم جىنەن، يىۋۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ياغاچ ئويما ھۈنىرىنى ئۆگىنىپ، بازار ئېھتىياجىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ياڭاق ياغىچىدىن ياسالغان زىبۇزىننەت قۇتىسى، ئاسما سائەت قاتارلىق زامانىۋى ئامىللار سىڭدۈرۈلگەن يېڭى مەھسۇلاتلارنى لايىھەلەپ ياساپ، ئىستېمالچىلارنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى كۆپەيدى، ئىككىنچى قەدەمدە سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. باغچى بازىرىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىيات يولىدا مېڭىش شەرق شامىلىغا تايىنىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار خوتەن ناھىيەسىنىڭ ياڭاق پادىشاھى باغچىسى مەنزىرە رايونىغا كىردى. «مەنزىرە رايونىغا كەلگەن ساياھەتچىلەر ياڭاق ياغىچىدىن ياسالغان قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى كۆرۈپ ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالدى، بىز ياسىغان قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى بېيجىڭ، گۇاڭدۇڭ، خەينەن، خېبېي قاتارلىق جايلارغا ئېلىپ بېرىلدى» دېدى ئالىم.

ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگەندە، ياساش ئۆيى ئىچىدە، بەش - ئالتە ھۈنەرۋەن قولىدىكى ياغاچ پارچىسىنى ئۈسكۈنە بىلەن ئويۇش ماشىنىسىغا كىرگۈزدى، ئۈسكۈنىنىڭ ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، ياغاچ قىرىندىلىرى ھەر تەرەپكە ئۇچۇپ، ئەسلىدىكى شەكىلسىز ياغاچ پارچىسى تەدرىجىي ھالدا يېرىم يۇمىلاق ياغاچ قاچا شەكلىگە كىردى؛ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى ئىچىدە ھەر خىل شەكىلدىكى قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىگە قويۇلغان بولۇپ، ھاۋانى مېۋىلىك دەرەخ ياغىچىنىڭ سۇس پۇرىقى قاپلاپ تۇراتتى.

«ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزدا 20گە يېقىن ھۈنەرۋەن بار، ئەمدى مەن مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما كىچىك ھويلىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىز ئىشلەپچىقارغان قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى چۈشەندۈرۈشنى ئويلاۋاتىمەن» دېدى ئالىم.