​خېشى كارىدورى − تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك

日期:2023年11月15日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايون نەق مەيدان ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى​

خېشى كارىدورى − تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، كېرىيە، 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە، خېشى كارىدورى − تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بويىچە نەق مەيدان ئالغا سىلجىتىش يىغىنى كېرىيە ناھىيەسىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تاڭ فاڭلىن قاتناشتى.

يىغىن نەق مەيدانىدا، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرگە تەكلىپنامە تارقىتىپ بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر باش ئىشتابى بىلەن «تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ چۆرىسىنى توسۇپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش تۈرى بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالىدى. شايار ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى يىلى بايلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن «قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش تۈرى بويىچە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالىدى.

خېشى كارىدورى − تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، شىنجاڭ «قابىللار باشلامچى بولۇش» «نازارەتلەر ھەمتۈرتكە بولۇش» قاتارلىق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش پەن - تېخنىكا پىلانى تۈرى ئارقىلىق، پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھىم تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى، شىنجاڭ ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنى تەشكىللەپ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، سۇ سەرپىياتى تۆۋەن، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ئۈنۈمى ياخشى بولغان دەرەخ سورتى، ئوت - چۆپ سورتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ چىقىپ، ئۈنۈملۈك بولغان قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش تېخنىكا ئەندىزىسىنى خۇلاسىلەپ ھەرقايسى جايلارغا كېڭەيتتى. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدىكى نۇقتىلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى نۇقتىلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، چۆللىشىشىنى تىزگىنلەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق تىزگىنلەش رايونلىرىنى بېكىتىپ، زىچلىقى تۆۋەن، سۇغىرىش ئاز، تەبئىي چاتقاللارغا يېقىن جايدا ئورمان بىنا قىلىش تەجرىبىسىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتتى. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، دۆلەت دەرىجىلىك ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئورمىنى قوغداش قۇرۇلۇشى، دۆلەت قۇملۇق باغچىسى قاتارلىق ئەندىزىلەرگە تايىنىپ، قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىنى تورلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش تورىنى بەرپا قىلىپ، چۆللەشكەن ۋە قۇملاشقان تۇپراق كۆلىمىنىڭ «قوش ئازىيىش»ىنى، تەبىئىي ۋە سۈنئىي بوستانلىق كۆلىمىنىڭ «قوش ئېشىش»ىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بوستانلىق ئىلگىرىلەپ، قۇم چېكىنىش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتتى.

يىغىنغا قاتناشقان خادىملار كېرىيە ناھىيەسىدىكى قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش بازىسى، قۇملۇقتا سۆكسۆك، يۇلغۇن ئۆستۈرۈش بازىسى، چىرا ناھىيەسىدىكى چوڭ يوپۇرماقلىق بىنەپشە گۈللۈك بېدە ئۆستۈرۈش بازىسى، لوپ ناھىيەسىدىكى دۆلەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئورمىنى قوغداش قۇرۇلۇشى، چىلان ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، قۇملاشقان يەرنى دائىرىلىك توسۇپ قوغداش رايونى، قۇملۇق تاشيولى قۇرۇلۇشىنىڭ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى، يورۇقلۇق ۋولت +قۇمنى تىزگىنلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى، خوتەن ناھىيەسى ئىقتىساد يېڭى رايونىدىكى «ئۈچ شىمال» بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش غول ئىھاتە ئورمىنى، بىڭتۇەن 14 - شى 225 - تۇەنىدىكى خاس باغ - ئورمان ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، يەر ئېچىش ھەم يانداش ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى تۈر رايونى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

پىڭ شىنلەي، مەردان مۇقىيىت، دوۋ ۋەنگۇي، ليۇ شىنجيەن، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى گۇرۇھى، يىلى گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.

دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، خېشى كارىدورى - تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بۆلەك رايونىنىڭ قوماندانى ۋە شىنجاڭ بۆلەك رايونى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مەخسۇس خادىمى ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداش؛ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە)، بىڭتۇەن 14 - شىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ھەم ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار ناھىيە، شەھەر، كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى ھەم نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلدى.