ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.9 ئاشتى

日期:2023年11月15日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 287 مىليارد 330 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.9 ئاشقان.

تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تىرەك. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تاشقى سودىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

ئالدىنقى ئون ئايدا، جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 89 مىليارد 500 مىليون يۈەن، 197 مىليارد 830 مىليون يۈەن بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %73.6، %39.9 ئېشىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %31.1ىنى، %68.9ىنى ئىگىلىدى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 70 مىليارد 580 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %56.2 ئېشىپ، سودا كۆلىمى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئىچىدە 1 - ئورۇنغا ئۆتتى. قەشقەر ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجاڭ بويىچە 2 -، 3 - ئورۇندا تۇردى.

ئالدىنقى ئون ئايدا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54.9 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %79.9ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرىدىغان سودا ھەمراھى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان بولۇپ، ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %72.3، %33.8، %93.7 ئاشتى. ئوخشاش مەزگىلدە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 270 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %94ىنى ئىگىلىدى.

ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭنىڭ چېگرا ئاز سوممىلىق سودىسى، ئادەتتىكى سودا، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ئاساسلىق سودا شەكلىدىكى ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتىدە بىردەك مۇسبەت ئېشىش كۆرۈلدى. قەشقەر، قورغاس، ئالاتاۋ، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ جەمئىي ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 120 مىليارد 80 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %100.1 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %41.8ىنى ئىگىلىدى.

ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭدا ئىمپورت - ئېكسپورتتا ئەمەلىي نەتىجە ياراتقان تاشقى سودا كارخانىسى 2671 بولدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى پۇقراۋى كارخانا 2558. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 268 مىليارد 240 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.3 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %93.4ىنى ئىگىلىدى. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكىدىن 14.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

تاۋار تۈرىدىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەل مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى يەنىلا كۈچلۈك بولۇپ، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭنىڭ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن مەھسۇلاتلىرى، ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىدا ياخشى ۋەزىيەت داۋاملىشىپ، ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %45.4، %69.8 ئاشتى. توكلۇق ئادەملىك ئاپتوموبىل، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە قاتارلىق قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورتتىكى ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئىككىسىدە جەمئىي تاماملانغان ئېكسپورت قىممىتى 1 مىليارد 560 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %361.1، %247 ئاشتى.