يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئوخشاش سوئالغا ئورتاق جاۋاب بېرەيلى

日期:2023年11月15日
来源:天山网
【字体:

​− باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە (24)

شىن شىجيەن

2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ئورۇنلارمۇ ئۇنىڭغا پائال قاتنىشىپ، تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى، ئىسلاھاتنىڭ تەقەززاسى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئارزۇسى، خەلق رايىنىڭ مايىللىقى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرگە يۈزلىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، 2 - تۈركۈمدىكى ئورۇنلار بىلەن يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، مەسىلىلەرنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نۇقتىسى كۆپ، لىنىيەسى ئۇزۇن، دائىرىسى كەڭ، ئامما بىلەن باغلىنىشى تېخىمۇ بىۋاسىتە، دۇچ كېلىدىغان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر تېخىمۇ مۇرەككەپ، بولۇپمۇ بەزى «جاھىل كېسەل»لەر گەرچە ئاساسىي قاتلامدا ئىپادىلەنسىمۇ، لېكىن سەۋەبىنى چوڭقۇر سۈرۈشتۈرگەندە، ئۇنىڭ يىلتىزى يەنىلا يۇقىرىدا بولۇپ، 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ئورۇنلارنىڭ «يالغۇز كۈرەش قىلىشى»غا تايىنىپلا مەسىلىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولمايدۇ، جەزمەن 1 - تۈركۈمدىكى ۋە 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ئورۇنلار ئورتاق تاپشۇرۇۋېلىپ، تەڭ قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھازىر، 1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ئورۇنلار تەكشۈرۈپ تېپىپ چىققان مەسىلىلەرنىڭ بەزىلىرى تېخى دەل جايىدا تۈزىتىلمىدى، يەنە تۆۋەن دەرىجىلىك ھەمكەسىپ ئورۇنلار پائال ماسلاشقاندىلا ئاندىن دەل جايىدا تۈزەتكىلى بولىدۇ. شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەش باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇقەررەر تەلەپ.

يۇقىرى - تۆۋەن بىر مەقسەتتە بولۇش ئالدىنقى شەرت. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلدى، گەرچە قاپلاش دائىرىسى، قاتنىشىش ئوبيېكتى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن نىشان - تەلىپى بىردەك بولۇپ، ھەممىسىدە «ئەمەلىي» بولۇش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىندى. بۇ، ئىككى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلاردىن مەسىلە ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا يۇقىرى - تۆۋەن بىر مەقسەتتە بولۇپ، زىچ ئۇيۇشۇپ، مەسىلىنى بويلاپ مېڭىپ، مەسىلىنى كۆزلەپ تۈزىتىپ، مەسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر جىپسىلاشتۇرۇش راۋان بولمىسا، يۇقىرى - تۆۋەن ئايرىۋېتىلسە، ھەتتا بىر - بىرىگە ئىتتىرىپ قويۇلسا، يۇقىرىمۇ - تۆۋەنمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ، مەسىلىنىڭ ئۇزاققىچە ھەل قىلىنماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

يۇقىرى - تۆۋەننى تۇتاشتۇرۇش ئاچقۇچ. «ئاسمان بىلەن زېمىن گىرەلەشسە، ئاندىن بارلىق شەيئىي كۆپىيىپ داۋاملىشىدۇ، يۇقىرى - تۆۋەن ئالاقىلىشىپ پىكىرلەشسە، ئاندىن بىر مەقسەتتە بولغىلى بولىدۇ.» ئىككى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلارنىڭ راۋان بولغان ئالاقىلىشىش، ماسلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىشى يۇقىرى - تۆۋەن بىر مەقسەتتە بولۇپ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەشتۈرۈپ مۇلازىمەت قىلىش مەركىزى «زىددىيەت، ماجىرالارنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى»نى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ بېجىرىشنى چىڭ كۆزلەش مېخانىزمىنى جانلىق قوللىنىشنى تەكىتلىدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار بۇ مېخانىزم ئارقىلىق، تۈرلۈك زىددىيەت، ماجىرادىن 6000دىن كۆپرەكنى ھەل قىلغان. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، يۇقىرى - تۆۋەننى تۇتاشتۇرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىش، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئۈنۈملۈك بولغان يۇقىرى - تۆۋەننى تۇتاشتۇرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى بەرپا قىلغاندىلا، ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئۆزئارا ماسلىشىدىغان، ئورتاق ئالغا سىلجىتىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

يۇقىرى - تۆۋەننىڭ كۈچىنى بىرلەشتۈرۈش ئاساس. بىر توپ پىروگرامما بىر ئەمەلىي ھەرىكەتكە يەتمەيدۇ. باش تېما تەربىيەسىدە، مۇرەككەپ زىددىيەت، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ئالدىدا، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ «جاۋاب بېرىش» ئۈنۈمى قانداق بولدى؟ بۇنىڭدا ئەمەلىي ھەرىكەت قىلغان - قىلمىغانلىقىغا قاراپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يۇقىرى - تۆۋەننىڭ ماسلىشىپ «جەڭ قىلىش» ئۈنۈمىگە قاراش، «سۆلەتۋازلىق» قىلدىمۇ ياكى مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلدىمۇ دېگەنگە قاراش كېرەك. ئىككى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلار يۇقىرى - تۆۋەننىڭ كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ ھەل قىلىشقا ئېھتىياجلىق مەسىلىلەرنى رەتلەپ چىقىپ، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، بىرلىكتە تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، يۇقىرىنىڭ سوئالىغا تۆۋەندە جاۋاب بولۇش، تۆۋەننىڭ سوئالىنى يۇقىرىدىكىلەر چۈشەندۈرۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىدىغان ئومۇمىي ئېففېكت ۋە ئاخىرغىچە تۇتىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەسىلىنى ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزىگىلى، ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولغاندا روناق تاپقىلى بولىدۇ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمنەپەس بولغاندا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. ئىككى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلار ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچىگەندىلا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش، تۇرالغۇ، كۈتۈنۈش قاتارلىق ساھەلەردە چوقۇم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە باش تېما تەربىيەسىدە يۇقىرى سۈپەت، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدۇ.