​ئاپتونوم رايون بويىچە سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسىدا ماھىنۇر نىيازدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

日期:2023年11月15日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقىتىپ​

ئاپتونوم رايون بويىچە سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسىدا ماھىنۇر نىيازدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقىتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسىدا ماھىنۇر نىيازدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسىدىكى كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

بۇ ئىككى كۈندە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، پىروفېسسور، گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مۇتەخەسسىس ماھىنۇر نىيازنىڭ ھېكايىسى شىنخۇا تورى، خەلق تورى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك تاراتقۇ سۇپىلىرى، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، «شىنجاڭ گېزىتى»، شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تاراتقۇ سۇپىلىرى ھەمدە ياۋروپا چياۋمىنلار ساھەسىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە تاراتقۇلارنىڭ بىرى − «ياۋروپا چياۋمىنلار گېزىتى»، پاكىستاندىكى ئاساسىي ئېقىم ئاخبارات ئاگېنتلىقى − خۇليەن ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئاخبارات تورى قاتارلىق مەملىكەت سىرتىدىكى تاراتقۇ سۇپىلىرى ئارقىلىق، كۆپ خىل تىلدا، پۈتۈن تاراتقۇلۇق، كۆپ نۇقتىدىن خەۋەر قىلىنىپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىغا تارقالدى.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن بۇيان، ماھىنۇر نىياز كوللېكتىپىنى باشلاپ، ناچار مۇھىت ۋە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بالىياتقۇ بوينى راكىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بالىياتقۇ بوينى راكىنى 60 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى، 300 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن پۇرسەت خاراكتېرلىك بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى تاماملىغان، تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا بالىياتقۇ بوينى راكى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرغان. يۈرۈشلۈك ئىلمىي تەتقىقات، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، نەتىجىلەرنى قوللىنىش، كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىككى تۈردە ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتى بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئىككى تۈردە 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 2022 - يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى بويىچە گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئاياللار كېسەللىكلىرىنى كىلىنىكىلىق داۋالاش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتلەردە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان.

«ئاپتونوم رايون بويىچە سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسىدا ماھىنۇر نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايون بويىچە سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسى بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش پائالىيىتىنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يولداش ماھىنۇر نىيازنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى باش تېما تەربىيەسىدىكى جانلىق دەرسلىك قىلىپ، مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش، مەركەزلىك مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش، سۆھبەتلىشىش - پىكىر ئالماشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش - لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ماھىنۇر نىيازنىڭ پارتىيەگە سادىق، ئېتىقادى مۇستەھكەم بولغان سىياسىي پەزىلىتىنى؛ ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاغرىقلارغا رىشتە باغلاشتەك دوختۇرلارنىڭ مېھىر - مۇھەببىتىنى؛ ساغلاملىقنى قوغدىغان، خالىس تۆھپە قوشقان ئالىيجاناب روھىنى؛ ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ تىرىشىپ ئەمەلدە كۆرسىتىش، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەشتەك خىزمەت ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشى ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك. ئىلغار تىپلارنىڭ مەنىۋى چاقىرىق كۈچىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، كەڭ تېببىي خادىملارنى ئىلغار تىپلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشۇشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.