گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 8 - گۇرۇپپىسى 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدە، پاش قىلىش تېلېفونى، ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى ۋە توردا پاش قىلىش سۇپىسى تەسىس قىلىنىپ، ئاساسلىقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار ئېغىر مەسىلە يوشۇرۇن خەۋپى توغرىسىدىكى پاش قىلىش ۋە ئىنكاس قىلىش قوبۇل قىلىنىدۇ.
كەڭ ئاممىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار يوشۇرۇن خەۋپ مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي ئىنكاس قىلىشىنى سورايمىز.
پاش قىلىش تېلېفونى: 5093123 - 0991، 18999902761، 18119188706
ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانما ئادرېسى:wycm001@yjgl.xinjiang.gov.cn
پوچتا خەت ساندۇقى:ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى شەھەر رايونى خۇجوۋ يولى 1799 - نومۇر 706 - ئىشخانا − گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا تېگىدۇ (پوچتا نومۇرى: 830000)
ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى
2023 - يىلى 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى