ئاپتونوم رايونىمىز ئىسسىنىش مەزگىلىدىكى ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغىنىش يۇقىرى پەللىسىنى پەسەيتىش، قېتىم سانىنى ئازايتىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

日期:2023年11月15日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت نازارىتى يېقىندا «كۈز ۋە قىش پەسىللىك ئىسسىنىش مەزگىلىدىكى ئاتموسفېرانى نازارەت قىلىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئون تۈرلۈك تەدبىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەدبىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، كۈز ۋە قىش پەسىللىك ئىسسىنىش مەزگىلىدىكى ئاتموسفېرانى نازارەت قىلىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغىنىش يۇقىرى پەللىسىنى پەسەيتىش، قېتىم سانىنى ئازايتىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» نۇقتىلىق رايونىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

«تەدبىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلاردىكى ئېكولوگىيە - مۇھىت تارماقلىرى يۇقىرى - تۆۋەن بىر گەۋدە بولغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىدىغان، بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بىرىكمە جەڭ قىلىش قوماندانلىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر»نى ئىجرا قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت نازارەت قىلىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى چۆرىدەپ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن تەۋەلىكتىكى گازغا ئالاقىدار بارلىق كارخانىلارغا قارىتا بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، ھەر تەرەپلىمە، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرۇلمىغان بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ھەمتۈرتكە بولۇش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئاتموسفېرا، قانۇن ئىجرا قىلىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش، بۇلغىمىلارنى نازارەت قىلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق تارماقلارنىڭ بىرلەشمە كېڭىشىشى ۋە ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق رايونلاردا ئىسسىنىش مەزگىلىدىكى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە گىرەلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى، ئالاھىدە قويۇپ بېرىش چەك قىممىتى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر دەرىجىلىك مۇھىت قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش مەھكىمىسى، سوت مەھكىمىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىشتا ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە جازا ئىجرا قىلىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دېلونى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، يىپ ئۇچىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، بىرلىشىپ دېلو بېجىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، مۇھىتقا دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشى كېرەك.

«تەدبىر»دە ياردەم بېرىش - يۆلەش ئاساسىي رىتىمى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، تۇنجى قېتىم، يېنىك بولغان ھەم زىيان كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، بىلگەن ھامان تۈزەتكەنلەرگە قانۇن بويىچە جازانى كەچۈرۈم قىلىش تىزىملىكىنى تەتبىقلاش، قويۇپ بېرىش مىقدارى ئاز، مۇھىت تەسىرى يېنىك بولغان كارخانىلارنى «ئىش بولمىسا ئاۋارە قىلماسلىق»، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»نىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. قەرەلى ئۆتۈپ كەتسىمۇ تۈزەتمەسلىك، قايتا - قايتا تەكشۈرسىمۇ يەنە خىلاپلىق قىلىش، يوشۇرۇن بۇلغىما قويۇپ بېرىش، بولۇپمۇ ئېغىر بۇلغىنىش مەزگىلىدە ئاشكارا خىلاپلىق قىلىپ دېلو سادىر قىلىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش قاتارلىق مۇھىتقا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق، تېز تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى نازارەت قىلىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش گۇرۇپپىسىدىن ئۈچنى قۇرۇپ، دائىرىگە بۆلۈپ ھۆددىگە ئېلىش، قەرەللىك ئالماشتۇرۇش، گىرەلەشمە قايتا تەكشۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاتموسفېرانى نازارەت قىلىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەر ھەپتىدە خىزمەت ئەھۋالىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر ئايدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ باھالاپ سېلىشتۇرۇپ، نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشى، ئۈنۈم يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۈز ۋە قىش پەسىللىك ئىسسىنىش مەزگىلىدىكى ئاتموسفېرانى نازارەت قىلىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» نۇقتىلىق رايونىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاشقا كۈچ قوشىدىكەن.