پورتلارغا كىرىپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش | بىر يول ياۋروپا-ئاسىياغا تۇتاشتى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ياشلىق ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى

日期:2023年11月15日
来源:天山网
【字体:

11-ئاينىڭ 2-كۈنى، لىق يۈك بېسىلغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى قونجىراپ دۆلەت دەرۋازىسىدىن ئۆتمەكتە. بۇ يىل 10- ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، قونجىراپ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن-چىققان ئاپتوموبىل 7798 قېتىمغا، يۈك توشۇش مىقدارى 24 مىڭ توننىغا يەتتى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ئۆتكۈر نىجات، سۇڭ ۋېيگوخەۋىرى،فوتوسى

11-ئاينىڭ 3-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان «تۆت پەسىلدە شىنجاڭغا نەزەر» بويىچە «پورتلارغا كىرىپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پورتلارغا بېرىپ، سەپەر شەكلىدە خەۋەر قىلىشنى قانات يايدۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا بارغان خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپدېڭىز يۈزىدىن 5100 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قونجىراپ پورتى، «بۇلۇت چوققىسى پورتى» دېگەن نامى بار قاراسۇ پورتى، 100 يىللىق پورت تورغات پورتى ھەمدە ئەركەشتام پورتىغا بېرىپ، لىق يۈك بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ پورتتىن ئايرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا، ياۋروپاغا قاراپ يولغا چىقىۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولدى.

پورتنىڭ ھاياتىي كۈچى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭباشقا جايغا كۆچۈرۈش نۇقتىسىتوپاتورغات پورتى بىلەن قوشنا بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت سودىگەرلىرى بۇ پورتتىن جۇڭگوغا كىرگەندىن كېيىن، بۇ يەردىكىئاھالىلەر سەمىمىي تەبەسسۇمى ۋە ئەتراپلىق مۇلازىمىتى بىلەن ئۇلارغا جۇڭگونىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى.

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە، پاكىستانلىق سودىگەرلەر جۇڭگولۇقلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ھېس قىلىپلا قالماي، بۇ يەردە تېخىمۇ كۆپ سودا پۇرسىتى تاپتى، پاكىستاننىڭ سوۋغاتلىق بۇيۇملار دۇكانلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە جۇڭگو ـ پاكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ تاۋار سودا ئالاقىسى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىگە گۇۋاھ بولدى.

قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا، كارخانىلار ئىستېمالچىلارنى «توردا ھېس قىلىش + تور سىرتىدا تالون چۈشۈرۈش + پوچتا ئارقىلىق ئۆيگە يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت مال سېتىۋېلىش يېڭى ئەندىزىسى بىلەن تەمىنلىدى، يەنە نۇرغۇن ئامما قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا پۈتۈن يەر شارىدىن كەلگەن ماللارنى سېتىۋېلىپ، دۆلەت چېگراسى يوق قولايلىقتىن بەھرىلەندى. تاشقى سودا ئېكسپورتىنى ئاساس قىلغان كارخانىلار «بىر يول ئارقىلىق ياۋروپا ـ ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان، بەش پورت ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان» ئەۋزەللىكتىنپايدىلىنىپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ياراتماقتا.

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ياشلىق باھارى ئۇرغۇماقتا.

11-ئاينىڭ 8-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان شېننېڭ فۇتا 20 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى چارلاپ تەكشۈرمەكتە. بۇ يىل 10-ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، شېننېڭ فۇتا يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ توك تارقىتىش مىقدارى 213 مىليون كىلوۋات سائەتكە، تورغا چىقىرىلغان توك مىقدارى 210 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتتى.

11-ئاينىڭ 4-كۈنى، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا جايلاشقان قەشقەر جۇڭشۈن ئېلېكتىرونلۇق سودا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى يۈك توشۇماقتا. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 34 مىليارد 560 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %111.5 ئېشىپ، سودا سوممىسى بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق سەۋىيەدىن ئېشىپ كەتتى.

11- ئاينىڭ 8-كۈنى، پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى مۇخبىرلىرى تورغات پورتىدا زىيارەتتە بولدى.

11-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئىشچىلار ئۇلۇغچات ناھىيەسى G 315 لىنىيەسىنىڭ توپا-تورغات پورتى تاشيول قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا مەشغۇلات قىلماقتا. بۇ تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 112.16 كىلومېتىر بولۇپ، قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى 1-دەرىجىلىك تاشيول تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە ياسىلىدۇ.

11-ئاينىڭ 5-كۈنى، قەشقەر جياڭگوگو يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى مەھسۇلاتنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق ساتماقتا. قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىگە جايلاشقان بۇ شىركەت قۇرۇق مېۋە، يېڭى مېۋە، ئىستىراھەت يېمەكلىكلىرى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال كارخانا بولۇپ، ئىشلەپچىقارغان تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بازار تاپتى.

11- ئاينىڭ 7-كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەلىك شۆسۇڭ ئوتتۇرا مەكتىپى (قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق جياڭشى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى)دىكى «قىزىل كاككۇك» ساپال سەنئىتى كۇرۇژۇكىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپال سەنئەت بۇيۇمىنى ياسىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا. بۇ مەكتەپ جياڭشىنىڭ مول قىزىل مەدەنىيەت بايلىقىغا تايىنىپ، «قىزىل كاككۇك» كۇرۇژۇكىنى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، دەرسخانا بىلىملىرىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ سۈپىتىنى داۋاملىق ئۆستۈردى.