جۇڭگونىڭ ئالما ھوسۇلى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇننى مۇقىم ساقلىدى! بۇنىڭدا شىنجاڭنىڭ تۆھپىسى قانچىلىك؟

日期:2023年11月14日
来源:天山网
【字体:

10-ئاينىڭ 19-كۈنى، جۇڭگو ئالمىچىلىق كەسپى جەمئىيىتى يۈننەن جاۋتۇڭدا «2022-يىللىق جۇڭگو ئالمىچىلىق كەسپى دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021/2022-يىللىق ئىشلەپچىقىرىش پەسلىدە، دۇنيا بويىچە ئالما ھوسۇلى 81 مىليون 578 مىڭ توننىغا يەتكەن، 2022-يىلى جۇڭگونىڭ ئالما ھوسۇلى يەنىلا دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان، يىللىق ھوسۇلى 47 مىليون 571 مىڭ 800 توننىغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە ئىگىلىگەن نىسبىتى يېرىمدىن ئاشقان.

جۇڭگودا ئالما ئۆستۈرۈلىدىغان رايونلار كەڭ، مېردىيان ۋە كەڭلىك گىرادۇسى چوڭ، ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا ئاساسەن، ئېگىزلىكتە ئۆستۈرۈلىدىغان رايونلار (شەنشى، سەنشى، غەربىي خېنەن، گەنسۇ، نىڭشيا)، بوخەي قولتۇقىدا ئۆستۈرۈلىدىغان رايونلار (شەندۇڭ، خېبېي، لياۋنىڭ، بېيجىڭ ۋە تيەنجىن)، خۇاڭخې دەرياسى قەدىمىي يولىدا ئۆستۈرۈلىدىغان رايونلار (جياڭسۇ، شەرقىي خېنەن، ئەنخۇي)، غەربىي جەنۇبتا ئۆستۈرۈلىدىغان رايونلار (يۈننەن، گۇيجوۋ، سىچۇەن، شىزاڭ)، شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلىدىغان رايونلار ۋە شەرقىي شىمالدا ئۆستۈرۈلىدىغان رايونلار (خېيلۇڭجياڭ، جىلىن،ئىچكى موڭغۇل)دىن ئىبارەت ئالتە ئۆستۈرۈش رايونىغا ئايرىشقا بولىدۇ.

ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك مۇھىت ۋە كىلىمات ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن، شىنجاڭدىكى ئالما ئۆستۈرىلىدىغان رايونلار مەملىكەت بويىچە ئالتە چوڭ ئالما ئۆستۈرۈلىدىغان رايون ئىچىدىكى بىردىنبىر يالغۇز ئايرىلغان رايون بولۇپ، ھوسۇلى مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي ھوسۇلنىڭ %4.5 ئەتراپىنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2022-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستاتىستىكا ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلى، شىنجاڭنىڭ ئالما ھوسۇلى 2 مىليون 138 مىڭ 600 توننا بولۇپ، 2021-يىلىدىكىدىن %5.2 ئاشقان.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2022-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستاتىستىكائاخباراتىدىن ئېلىنغان كەسمە سۈرەت.

مەسىلەن:چوڭ ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنى چىقىرىۋېتىپ، ئۆلكە (شەھەر)نىلا ئېلىپ ئېيتقاندا، شەنشى بىلەن شەندۇڭ مەملىكەت بويىچە ئالما ھوسۇلى ئەڭ يۇقىرى ئۆلكە ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى مەملىكەت بويىچە ئالما ھوسۇلى 45 مىليون 973 مىڭ 400 توننا بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شەنشىنىڭ 12 مىليون 424 مىڭ 600 توننىغا، شەندۇڭنىڭ 9 مىليون 772 مىڭ 100 توننىغا، گەنسۇنىڭ 4 مىليون 383 مىڭ 600 توننىغا، سەنشىنىڭ 4 مىليون 302 مىڭ 100 توننىغا، خېنەننىڭ 4 مىليون 51 مىڭ 200 توننىغا، لياۋنىڭنىڭ 2 مىليون 604 مىڭ 900 توننىغا، خېبېينىڭ 2 مىليون 490 مىڭ 800 توننىغا، شىنجاڭنىڭ 2 مىليون 37 مىڭ 100 توننىغا، سىچۇەننىڭ 872 مىڭ 400 توننىغا، يۈننەننىڭ 698 مىڭ 400 توننىغا يەتكەن.

شەنشىنىڭ 10 مىليون توننىدىن ئارتۇق ۋە شەندۇڭنىڭ 10 مىليون توننىغا يېقىن ئالما ھوسۇلىغا سېلىشتۇرغاندا، گەرچەشىنجاڭنىڭ ھوسۇلى يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن شىنجاڭنىڭ ئالمىسىنىڭ قىممىتى سۈپىتىنىڭ ئالاھىدە بولۇشىدا. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىق بولغىنى ئاقسۇنىڭ «بىڭتاڭشىن» ئالمىسى. «تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى، قومۇلنىڭ قوغۇنى، ئاقسۇنىڭ ئالمىسىنى ھەممە ئادەم ماختايدۇ»، بۇنىڭدا دېيىلگىنى دەل مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئاقسۇ بىڭتاڭشىن ئالمىسىدۇر. شىنجاڭنىڭ ئىلىدىن چىقىدىغان ئالمىسىمۇ ئېسىل، ئىلى ئالمىسىنىڭ «مېۋە شاھى»، «مېۋىلەر ئىچىدىكى ساھىبجامال» دېگەن نامى بار، ئىلىنىڭ يەنە «ئالما ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار. «گوگۇاڭ» ئالمىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىنجاڭ ئۇنىڭ جۇڭگو دائىرىسىدىكى ئەڭ ياخشى ئۆسۈش رايونى ھېسابلىنىدۇ.

ئاقسۇ بىڭتاڭشىن ئالمىسى (ماتېرىيال سۆرەت). لۈ چۈنمېي فوتوسى

ئالمىنىڭ ئەسلى شىنجاڭدىن كەلگەنلىكىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ئىلى، تارباغاتاي قاتارلىق جايلىرىغا يەنە دۆلەتلىك2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈك− ياۋا ئالما تارقالغان. گېن تەرتىپىنى ئۆلچەش ئارقىلىق ئىسپاتلىنىشىچە، جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدىكى شىنجاڭ ياۋا ئالمىسى دۇنيا بويىچە ئالما ئۆستۈرۈشنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا، شىنجاڭ ياۋا ئالمىسىنىڭ ئۇرۇقى قەدىمكى يىپەك يولىنى بويلاپ غەربكە تارقىلىپ، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىگە يېتىپ بېرىپ، بىز ھازىر يەۋاتقان ئالما قىلىپ يېتىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يەنە جۇڭگوغا قايتىپ كەلگەن. شىنجاڭ ياۋا ئالمىسى شۇ سەۋەبتىن دۆلىتىمىزنىڭ تەبىئىي ئالما گېرمپلازمىسى گېن ئامبىرىغا ئايلىنىپ، ھازىرقى زاماندا ئۆستۈرۈلۈۋاتقان ئالمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىشنى «تىرىك تاشقاتما» ئەۋرىشكىسى بىلەن تەمىنلىدى.

ئالمىنىڭ ئۆسۈش، ئۆستۈرۈلۈش تارىخى گەرچە ناھايىتى ئۇزۇن بولسىمۇ، ئەمما 2003-يىلىدىن ئىلگىرى، ئالما ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭنىڭ باغ-ئورمان ئىشلەپچىقىرىشى ئاساسلىقى ئۆينىڭ ئالدى-كەينىگە تىكىلگەن ئۆزىنى ئۆزى قامداش ئەندىزىسى بويىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىدى، ئۆستۈرۈش كۆلىمى تەخمىنەن 2 مىليون مو بولۇپ، بازارنى مۇقىم تەمىنلەشكە ئامالسىز ئىدى.

2003-يىلىدىن كېيىن، شىنجاڭ باغ-ئورمان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ھەر يىلى 1 مىليون مو كۆلەمدە تېز سۈرەتتە كېڭەيتتى، 10 يىل ئەتراپىدا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ باغ-ئورمان تېرىلغۇ كۆلىمى 10 مىليون مودىن ئېشىپ، 15 مىليون مودىن 16 مىليون موغىچە كۆلەمگە يەتتى. 2015-يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭباغ-ئورمان كۆلىمى 20 مىليون مودىن ئاشتى. نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭنىڭ باغ-ئورمان ئۆستۈرۈش كۆلىمى 22 مىليون مو بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 6-ئورۇندا، شىنجاڭدىن چىقىدىغان مېۋە ھوسۇلى مەملىكەت بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدىكەن، باغ-ئورمان كەسپى كىرىمى دېھقانلار تېرىقچىلىق كىرىمىنىڭ %40ىنى ئىگىلەيدىكەن.

10-ئاينىڭ 5-كۈنى، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ئاغارسىن بازىرى سارئۆزەك كەنتىدىكى ئالما ئۆستۈرۈش بازىسىدا كەنت ئاھالىلىرى ئالمىنى ئوراپ قاچىلىماقتا. سارئۆزەك كەنتىنىڭ «ئالما كەنتى» دېگەن چىرايلىق نامى بار، ئۇ توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى ئالما ئۆستۈرۈش كۆلىمى ئەڭ چوڭ كەنت، ئۇنىڭ «سەنشياڭخۇڭ» ئالمىسى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇغراپىيەلىك بەلگىسى ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن. مەنبە: توققۇزتارا ناھىيەلىك يۇغۇرۇلما تاراتقۇ مەركىزى

جۇڭگو ئالمىچىلىق كەسپى جەمئىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ ئالما ئۆستۈرۈش كۆلىمى 1 مىليون 83 مىڭ موغا يەتكەن. ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ بىرى بولغان ئورگانىك مېۋە-كۆكتات كەسىپ توپىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئالما ئىشلەپچىقىرىشى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ غايەت زور پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى، ئالما ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆستى، كەسىپ پىششىقلاش زەنجىرى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

ئاقسۇ ئالمىسى

ئاقسۇ ئالمىسىنىڭ «بىڭتاڭشىن» (ئوتتۇرىسى ناۋاتتەكدېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىلىشىقەنت تەركىبىنىڭ مېۋە ئۇرۇقچىسى قىسمىدا يىغىلىپ شەكىللەنگەن سۈزۈك ھالەتتىكى ماددىنى كۆرسىتىدۇ. «بىڭتاڭشىن»نىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى، چۈرۈك ھەم تەملىك، ئېتى تاتلىق ھەم شىرنىلىك بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ داڭلىق ماركىسى، ئاساسلىقى ئاقسۇ شەھىرى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ناھايىتى ئازرايونىدىن چىقىدۇ، بولۇپمۇ خۇڭچىپو تاغلىق رايونىدىن چىقىدىغىنى ئەڭ داڭلىق.

لۈ چۈنمېي فوتوسى

ئىلى ئالمىسى

ئىلى ئالمىسىنىڭ ئېتى سارغۇچ ئاق رەڭلىك، چۈرۈك، شىرنىسى كۆپ، تەمى چۈچۈمەل، يېيىشلىك. ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا ئالما ئۆستۈرۈش تارىخى ئۇزۇن، مەھسۇلات مىقدارى مول، سورتى ئەلا، بۇ يەردە ئۆستۈرۈلگەن ئالمىلارنىڭ رەڭگى ياخشى، قەنت تەركىبى يۇقىرى، ساقلاشقا چىداملىق.

​ خۇڭفۇشى ئالمىسى

شىنجاڭ خۇڭفۇشى ئالمىسىنىڭ مېۋە يۈزى پارقىراق سىلىق، مېۋە چېكىتلىرى غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، رەڭگى پارقىراق، سەل سېرىق، چاينىغاندا قويۇق پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ، ھېچقانداق قالدۇقى بولمايدۇ، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول.

گوگۇاڭ ئالمىسى

گوگۇاڭ ئالمىسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، مول ھوسۇللۇق، كېيىن پىشىدىغان، ساقلاشقا چىداملىق بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلىرى بار، رەڭگى، پۇرىقى، تەمى ياخشى، شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلىدۇ، شىنجاڭجۇڭگو دائىرىسىدە گوگۇاڭئالمىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى رايون ھېسابلىنىدۇ.

شىنجاڭدا ئالمىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى

ھەر چىشلەمدە بىر شېرىن تەم، كاراس ـ كۇرۇس چىشلەپ قانغۇچە يەۋېلىڭ ...

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن،ئۇنىۋېرسال ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى،مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى،شىنخۇا ئاگېنتلىقى،جۇڭگو ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى،جۇڭگو ئالما كەسپى جەمئىيىتىنىڭ ۋىيشىن نومۇرى،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مۇخبىر: جاۋ يۈۋېي