چېگرا ھالقىغان ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىدا يېڭى ئۆرنەك بەرپا قىلىش

日期:2023年11月09日
来源:天山网
【字体:

− شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقى قورغاس شەھىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار، كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگېس، ئىختىيارىي مۇخبىر فېڭ خەيسېن

11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى ئۈچ بۆلەك رايوننىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قورغاس بۆلەك رايونىنىڭ كۆلىمى 16.58 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن %9.22ىنى ئىگىلەيدۇ.

«شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلۇشى قورغاسقا تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىش، ئۆز ئالدىغا ئىسلاھ قىلىش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى» دېدى قورغاس شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى پى لۈپىڭ.

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، قورغاس شەھىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ۋە كارخانىلار ھەسسىلەپ روھلاندى، غەيرىتى تولۇپ تاشتى، كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: قورغاسنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەۋقەنى رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش سالمىقىنى زورايتىپ، چېگرا ھالقىغان ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىدا تىرىشىپ يېڭى ئۆرنەك بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمىز.

كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش

11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، قازاقىستان مەركىزىي كىرېدىت بانكىسىنىڭ شۆبە بانكىسى جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە ماكانلاشتى. بۇ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يوپۇقى ئېچىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە ماكانلاشقان تۇنجى چەت ئەل مەبلىغىدىكى بانكا ھېسابلىنىدۇ.

«جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلدى)دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: چېگرا سىرتىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدا قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە يېڭىدىن بانكا، سۇغۇرتا، ئاكسىيە قاتارلىق قانۇنىي ئىگە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنچىللاشتۇرۇش، بازارلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ھەم يۈرۈشلۈك ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

«جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى سىياسەت گىرەلەشمە ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھىم ئامىل ئوبوروتى ھەم چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردە يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىشىدىن ئۈمىد بار.» جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لېي زېڭتاۋ مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق مەركىزى دۆلىتىمىز باشقا دۆلەتلەر بىلەن قۇرغان تۇنجى چېگرا ھالقىغان چېگرا ھەمكارلىق رايونى، شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسىدىكى رايون ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولۇپ، سىياسەت مەدىتى ھەم قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق كېڭىشىپ ئورناتقان ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ۋە باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىغا تايىنىپ، رايون ئىچىدىكى خادىم، تاۋار قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئەركىن يۆتكىلىشى ھەمدە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ پۇلىنى نەق پۇل ھالىتىدە يۆتكەش، چېگرا سىرتى خەلق پۇلى ئامانىتىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق بىر قاتار پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

لېي زېڭتاۋ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى تەرەپ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى دائىملىق ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكى، بايلىقىغا تايىنىپ، چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر ھەمكارلىشىپ، ھەمكارلىق مەركىزى پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن يېتەكلەيمىز ۋە تۈرتكە بولىمىز.

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، تاشقى سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش

«لايىھە»دە ئىچكى قۇرۇقلۇق پورت ئىقتىسادىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ يىلدىن بۇيان، قورغاس شەھىرى دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى زىچ چۆرىدەپ، تۈزۈم، كەسىپ ھالىتى ۋە ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، تاشقى سودا تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تاشقى سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى.

قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا ماكانلاشقان تۇنجى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ جاۋفېڭخې بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئاساسلىقى قازاقىستاندىن ئارپا قاتارلىق خام ماتېرىياللارنى ئىمپورت قىلىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ، پىششىقلايدۇ، نۆۋەتتە، شىركەتنىڭ 1 - قارارلىق يىلىغا 150 مىڭ توننا يەم - خەشەك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ھەم 2 - قارارلىق يىلىغا 50 مىڭ توننا ياغلىق داندىن ياغ تارتىش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بىردەك ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ يىل تاماملىنىدىغان مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 110 مىليون يۈەن بولۇشى مۆلچەرلەندى.

شىنجاڭ جاۋفېڭخې بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى دىڭ شياۋجاڭ مۇنداق دېدى: «ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى پۇرسەت بولۇپ، كارخانىمىزنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنىدىكى كەسىپ زەنجىرىنى تېخىمۇ ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەھسۇلات ئېچىش ۋە بازار كېڭەيتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، <قورغاستا ياسالغان> تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتنىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى بازارلاردا سېتىلىشىغا كۈچ قوشىمىز».

«ئىچكى - تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، خاس مەھسۇلاتلارنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ئۆلچەم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قورغاس بۆلەك رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيمىز.» قورغاس شەھەرلىك سودا ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى سۈن يۇڭخۇڭ مۇنداق دېدى: «قورغاس تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چىڭ كۆزلەپ، مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، <سۇپا + باغچە رايونى>، <ئاپپارات + كارخانا>دىن ئىبارەت ئورتاق بەھرىلىنىش، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تاشقى سېلىنما ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، تاشقى سېلىنما سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇلازىمەت كاپالىتى ۋە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ <سىرتقا چىقىش> كۆزنىكى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تاشقى سېلىنما جەھەتتىكى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە تۈرىدىن باشقا چېگرا سىرتى سېلىنمىسىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ».

«پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، ئادەم كۈچى بايلىقىنى تىرەك قىلىپ، پورتنىڭ يۈك يىغىش ئىقتىدارى ۋە ماكانلىشىپ پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، پورت ئىقتىسادى، ماكانلاشقان ئىقتىساد، كەسىپ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مۇھىم تىرەك نۇقتىسى ۋە پۈتۈن شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئېشىش قۇتۇپىنى بەرپا قىلىمىز.» قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پورت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى خۇ لەيجيې مۇنداق بىلدۈردى: 5G ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەشيا ئوبوروتى پورتى بەرپا قىلىش، ئاقىل پورت، تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، مەسلىھەتلىشىش، ئۇچرىشىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تاشقى ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشنى زورايتىپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز.

كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش

«لايىھە»دە قانۇن مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئادۋوكاتلار كوللېكتىپىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن مۇلازىمىتى مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى قۇرۇپ، خەلقئارا قانۇن ھەم بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنچىللىق كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش دۆلەتنىڭ جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىغا يۈكلىگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى، قورغاس يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مۇھىم تىرەك نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارالاشقان، كەسىپلەشكەن قانۇن مۇلازىمىتىگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق.

جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇنچىل تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە جۇڭگو - قازاقىستان ماجىرالارنى بىرلىشىپ ھەل قىلىش سۇپىسى قۇرۇپ، قانۇن مەسلىھەتچىلىكى، مۇرەسسە، كېسىم، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى، دەۋا قاتارلىق كەسپىي كۈچلەرنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، تۈرلۈك ھەق تەلەپ سودا ئىشلىرى ماجىرالىرىنى «بىر پونكىت شەكلى»دە كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ODRنى قوللىنىپ، يەتكۈزۈش شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىنى ئىسلاھ قىلىپ، چەت ئەلگە چېتىشلىق دېلولاردا يەتكۈزۈش قىيىن بولۇش، كۆپ ۋاقىت كېتىش، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىسپاتى ئېلىش ئاستا بولۇش قاتارلىق ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، خەلقئارا سودا ئىشلىرى ماجىرالىرىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە، تۆۋەن تەننەرخ بىلەن ھەل قىلدى.

جۇڭگو - قازاقىستان ماجىرالارنى بىرلىشىپ ھەل قىلىش سۇپىسىنىڭ مەسئۇلى، قورغاس شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى سوت كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئەزاسى رېن لىجۈن مۇنداق دېدى: «بىز سۇپىنىڭ فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ قازاقىستان بىلەن بولغان قانۇنچىللىق جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مەركىزىدىكى چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ، سودا ئىشلىرى ماجىرالىرىنى بىرلىشىپ ھەل قىلىش نىشانىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قانۇنچىللىق كۈچى قوشىمىز».