ئەركىن تۇنىياز سىپرۇس ئەمگەكچى خەلق تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئىقتىسادقا مەسئۇل شۇجىسى نىكوس يۆئونۇ بىلەن كۆرۈشتى

日期:2023年11月09日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە سىپرۇس ئەمگەكچى خەلق تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيەسى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئەمگەكچى خەلق تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيەسى» دېيىلىدۇ) مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئىقتىسادقا مەسئۇل شۇجىسى نىكوس يۆئونۇ بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ سىپرۇس بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن نىكوس يۆئونۇنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى ھەم بۇ يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردى، تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، يېقىندا، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى تەستىقلىنىپ تەسىس قىلىندى، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلىدۇ. جۇڭگو - سىپرۇس ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن بولۇپ، ئەمگەكچى خەلق تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيەسى جۇڭگو ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياخشى دوستى. ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە بېرىش - كېلىشنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ دوستلۇقىنىڭ سىجىل چوڭقۇرلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

نىكوس يۆئونۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ خەلقىنىڭ قىزغىن، مېھماندوست ئىكەنلىكىنى ۋە شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنى ھېس قىلدىم، شىنجاڭدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ھەمبەھرىلەيمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشقا ئالاقىدار تەييارلىق خىزمەتلەرنى پائال ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولىمەن.

ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.