شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش قائىدىسى

日期:2023年11月09日
来源:天山网
【字体:

(1988 - يىل 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2 - يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2000 - يىل 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن، 2006 - يىل 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 28 - يىغىنىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش قائىدىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن تۈزىتىلگەن، 2018 - يىل 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 - يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن، 2022 - يىل 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 35 - يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

(78 - نومۇرلۇق)

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش قائىدىسى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 35 - يىغىنىدا 2022 - يىل 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئۆزگەرتىپ ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئالاھىدە ئېلان چىقىرىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

2022 - يىل 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى

مۇندەرىجە

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 - باب يىغىن ئېچىش

3 - باب تەكلىپ بېرىش

4 - باب تەكلىپنى قاراپ چىقىش

5 - باب دوكلاتنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش

6 - باب سوئال سوراش، سۈرۈشتۈرمە قويۇش ۋە مۇئەييەن مەسىلىنى تەكشۈرۈش

7 - باب مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى قالدۇرۇۋېتىش، ئىستېپا سوراش ۋە تولۇقلاپ سايلاش

8 - باب سۆزگە چىقىش، ئاۋاز بېرىش، ئېلان قىلىش ۋە ئەنگە ئالدۇرۇش

9 - باب يىغىندا قوللىنىلىدىغان تىل ۋە يېزىق

10 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 - ماددا بۇ قائىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى ھەم مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2 - ماددا دائىمىي كومىتېت شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە يىغىن ئاچىدۇ، خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە نىزاملارنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدە يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

3 - ماددا دائىمىي كومىتېت خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ پىكىر ۋە تەلىپىنى ئاڭلاپ ھەم ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلىدۇ، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، خەلق ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

4 - ماددا دائىمىي كومىتېت تەكلىپ ۋە دوكلاتلارنى قاراپ چىقىش، مەسىلە ۋە ئىشلارنى قارار قىلىشتا، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ، خىزمەت ھوقۇقىنى كوللېكتىپ يۈرگۈزىدۇ.

2 - باب يىغىن ئېچىش

5 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىن ئاچقاندا، يىغىن ۋاقتى، قارالمىسى ۋە كۈنتەرتىپىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

6 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئاز دېگەندە ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ، ئومۇمەن تاق ئاينىڭ ئاخىرى ئېچىلىدۇ؛ ئالاھىدە ئېھتىياج بولغاندا، مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن، يىغىننى قەرەلسىز ئېچىشقا بولىدۇ.

دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ۋە يىغىن كۈنتەرتىپىنى مۇدىرلار يىغىنى قارار قىلىدۇ.

دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى مۇدىر چاقىرىدۇ ھەم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مۇدىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىشنى مۇئاۋىن مۇدىرغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

7 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى قاتناشقاندىلا ئېچىشقا بولىدۇ.

ئالاھىدە ئەھۋال بولغاندا، مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر توردا سىن شەكلىدە يىغىنغا قاتناشسا بولىدۇ.

8 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىن ئاچقاندا، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر يىغىنغا قاتنىشىشى شەرت؛ مەلۇم سەۋەب بىلەن يىغىنغا قاتنىشالمىسا، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىش ئاپپاراتى ئارقىلىق مۇدىردىن ياكى ھاۋالە بويىچە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان مۇئاۋىن مۇدىردىن يازما رۇخسەت سورىشى كېرەك؛ دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىش ئاپپاراتى مۇدىر ياكى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان مۇئاۋىن مۇدىرغا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش ئەھۋالى ۋە قاتنىشالماسلىق سەۋەبىنى دوكلات قىلىشى كېرەك.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، تۈرلۈك تەكلىپ ۋە دوكلاتلارنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىشى، يىغىن ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى شەرت.

9 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا مۇدىرلار يىغىنى تەييارلىق كۆرىدۇ. دائىمىي كومىتېت يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېتنىڭ كېيىنكى قېتىملىق يىغىنىنىڭ ۋاقتىنى ۋاقتىدا بەلگىلىشى ھەمدە يىغىن قارالمىلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىشى كېرەك.

دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلىشتىن 7 كۈن بۇرۇن، مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان تەكلىپ ۋە دوكلاتلارنى دەسلەپكى قەدەمدە قاراپ چىقىشى ھەمدە دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

10 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسىنى مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنىدۇ. يىغىن مەزگىلىدە قارالمىنى ۋاقىتلىق تەڭشەشكە توغرا كەلسە، ئۇنى مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارار قىلىشىغا سۇنىدۇ.

11 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلىشتىن 7 كۈن بۇرۇن، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىش ئاپپاراتى يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋاقتى، ئورنى، يىغىننىڭ تەكلىپ قارالمىسى قاتارلىق ئىشلارنى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرگە، شۇنىڭدەك يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلارغا ئۇقتۇرىدۇ؛ يىغىن قەرەلسىز ئۆتكۈزۈلسە، شۇ چاغدا ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ.

يەرلىك نىزام لايىھەسى، نىزام خاراكتېرلىك بېكىتمە، قارار لايىھەسى ۋە لايىھە تەييارلاش ئىزاھاتى، قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىش ئاپپاراتى يىغىن ئېچىلىشتىن 5 كۈن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرگە يەتكۈزۈشى كېرەك.

12 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، يىغىن ھۆججەت - ماتېرىياللىرىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى ھەمدە توردا سىن شەكلى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

13 - ماددا مۇدىرلار يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنى دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، يىغىن قارالمىلىرى ئۈستىدە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە، كۆزدىن كەچۈرۈشكە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ تەشكىللەيدۇ. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر يىغىن قارالمىلىرىنى قاراپ چىقىشقا زۆرۈر تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك.

14 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىن ئاچقاندا، تۆۋەندىكى خادىملار سىرتتىن قاتنىشىدۇ:

(1) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ياكى بىر مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياكى بىر مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى؛

(2) دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن بولمىغان مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكىلەر، دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى ۋە ئىش ئاپپاراتى، خىزمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى؛

(3) بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى؛

(4) ئېھتىياجغا قاراپ تەكلىپ قىلىنغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى؛

(5) مۇدىرلار يىغىنى بېكىتكەن باشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملار.

15 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە خادىملارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا چەتتىن ئاڭلاش ئورنى تەسىس قىلىنسا بولىدۇ.

16 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، تەكلىپ توغرىسىدىكى ئىزاھات ۋە دوكلاتلارنى ئاڭلاپ ئۆتىدۇ ھەمدە گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ قاراپ چىقىدۇ؛ ئېھتىياجغا قاراپ، بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئاچسا بولىدۇ.

17 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى قاراپ چىققاندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقان مەسئۇللىرى يىغىنغا باشتىن - ئاخىر قاتنىشىشى كېرەك؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىن كۈنتەرتىپىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يىغىنغا قاتنىشىدۇ، پىكىرلەرنى ئاڭلايدۇ، سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ.

3 - باب تەكلىپ بېرىش

18 - ماددا تۆۋەندىكى ئورگانلار ۋە خادىملار دائىمىي كومىتېتقا دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغان تەكلىپلەرنى بەرسە بولىدۇ:

(1) دائىمىي كومىتېت مۇدىرلار يىغىنى؛

(2) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى؛

(3) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى؛

(4) دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن بىرلىشىپ ئىمزا قويغان 5تىن ئارتۇق كىشى.

ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئىشلىرى توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.

19 - ماددا مۇدىرلار يىغىنىدا بەرگەن تەكلىپ دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قاراپ چىقىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، مەخسۇس كومىتېتلار بەرگەن تەكلىپلەرنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئىشلىرى توغرىسىدا بەرگەن تەكلىپلەرنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى مۇدىرلار يىغىنى قارار قىلىدۇ ياكى ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇپ، دوكلاتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئاندىن دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدۇ.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 5 تىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ بەرگەن تەكلىپلەرنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش - سۇنماسلىقنى مۇدىرلار يىغىنى قارار قىلىدۇ ياكى ئاۋۋال مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇپ، يىغىن قارالمىسىغا كىرگۈزۈش - كىرگۈزمەسلىك پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئاندىن دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش - سۇنماسلىقنى قارار قىلىدۇ. مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنماسلىقنى قارار قىلغان بولسا، دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا دوكلات قىلىشى ياكى تەكلىپ بەرگۈچى كىشىگە چۈشەنچە بېرىشى كېرەك.

20 - ماددا دائىمىي كومىتېتقا بېرىلىدىغان تەكلىپنىڭ نۇسخىسى ۋە ئىزاھاتى بىرلا ۋاقىتتا بېرىلىشى كېرەك.

دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلىدىغان تەكلىپلەردە تەكلىپ بەرگۈچى ئورگان ۋە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئاپپاراتلىرى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.

21 - ماددا دائىمىي كومىتېتقا بېرىلىدىغان تەكلىپ دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلىشتىن 20 كۈن بۇرۇن دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىش ئاپپاراتىغا تاپشۇرۇلۇشى كېرەك.

22 - ماددا دائىمىي كومىتېت كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش تەكلىپى، ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش تەكلىپىنى ۋە ئىستېپا سوراش ئىلتىماسىنى قاراپ چىقىش، قارار قىلىشتا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش چارىسى بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەك.

4 - باب تەكلىپنى قاراپ چىقىش

23 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن تەكلىپتە تەكلىپ بەرگۈچى ئورگان ياكى تەكلىپ بەرگۈچى كىشى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا ئىزاھات بېرىدۇ. مەزمۇنى باغلىنىشلىق بولغان تەكلىپلەردە بىرلەشتۈرۈپ ئىزاھات بەرسە بولىدۇ.

24 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن تەكلىپنى قاراپ چىقىشتا يەنىمۇ مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىك چوڭ - چوڭ مەسىلە بولسا ياكى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردە پىكىر ئىختىلاپى چوڭراق بولسا، مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن، ۋاقتىنچە ئاۋازغا قويۇلمىسىمۇ بولىدۇ، تەكلىپ بەرگۈچى ئورگان، تەكلىپ بەرگۈچى كىشى ياكى مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىشى، دوكلات سۇنۇشىغا تاپشۇرسا بولىدۇ، مۇدىرلار يىغىنى ئاندىن ئۇنى دائىمىي كومىتېتنىڭ كېيىنكى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى ياكى قاراپ چىقىشنى توختىتىشنى قارار قىلىدۇ.

25 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن تەكلىپ ئاۋازغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، تەكلىپ بەرگۈچى ئورگان ياكى تەكلىپ بەرگۈچى كىشى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، شۇ تەكلىپنى قاراپ چىقىش توختىتىلىدۇ.

26 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا سۇنۇلىدىغان نىزام لايىھەسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلىدە ئاۋۋال دائىمىي كومىتېتقا سۇنۇلسا بولىدۇ، دائىمىي كومىتېت يىغىنى قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلىدۇ.

27 - ماددا دائىمىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلىدىغان يەرلىك نىزام ۋە ئاپتونومىيە نىزامى، يەككە نىزاملارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

5 - باب دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە قاراپ چىقىش

28 - ماددا دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتىدۇ؛ دائىمىي كومىتېت ئۇيۇشتۇرغان قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئائىت دوكلاتلارنى ئاڭلاپ ئۆتىدۇ.

29 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىلدا ئاڭلاپ ئۆتمەكچى بولغان دوكلاتلار ئۈستىدە، مۇدىرلار يىغىنى يىل بېشىدا پىلان تۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا يازما ئۇقتۇرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئۇقتۇرۇشنىڭ تەلىپى بويىچە تەييارلىق قىلىپ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا ئۆز قەرەلىدە دوكلات بېرىشى كېرەك. پىلانغا كىرگۈزۈپ ئاڭلاپ ئۆتۈلىدىغان دوكلاتتا ئايرىم تەڭشىلىش بولسا، دوكلات قىلغۇچى ئورگانغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش كېرەك.

30 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلى دائىمىي كومىتېتقا دوكلات بېرىدۇ؛ دوكلاتنىڭ مەزمۇنى بىر تارماقنىڭ خىزمىتىگە تەۋە بولسا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي كومىتېتقا دوكلات بېرىشنى مۇناسىۋەتلىك تارماقنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدا كومىتېت مۇدىرى، مەھكىمە باشلىقى، باش تەپتىش ئايرىم - ئايرىم ھالدا دائىمىي كومىتېتقا دوكلات بېرىدۇ؛ كومىتېت مۇدىرى، مەھكىمە باشلىقى، باش تەپتىش ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن يىغىنغا كېلەلمىسە، كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى، مۇئاۋىن باش تەپتىش دوكلات بەرسىمۇ بولىدۇ.

31 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ئاڭلاپ ئۆتۈشى ۋە قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان دوكلاتنىڭ دوكلات نۇسخىسىنى دوكلات بەرگۈچى ئورگان دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلىشتىن 20 كۈن بۇرۇن دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىش ئاپپاراتىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.

32 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەن دوكلاتنى مۇدىرلار يىغىنى ئاۋۋال مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈش پىكرى بېرىشىگە تاپشۇرسا بولىدۇ، ئاندىن مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش - سۇنماسلىقنى قارار قىلىدۇ.

33 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ زۆرۈر دەپ قارىسا، مۇناسىپ قارار ياكى بېكىتمە چىقارسا بولىدۇ.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى دوكلاتقا رازى بولمىسا، مۇدىرلار يىغىنى دوكلات بەرگۈچى ئورگاننى تولۇقلىما دوكلات بېرىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ كېيىنكى يىغىنلىرىدا قايتا دوكلات بېرىشنى قارار قىلىدۇ. دائىمىي كومىتېت مۇناسىۋەتلىك دوكلات توغرىسىدا قارار ياكى بېكىتمە چىقارمىغان بولسا، دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئاپپاراتى يىغىننىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى رەتلەيدۇ ھەمدە دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىش ئاپپاراتى دوكلات بەرگۈچى ئورگاننىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ.

دوكلات بەرگۈچى ئورگان تاپشۇرۇپ بېرىلگەن قاراپ چىقىش پىكىرلىرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە تەلەپ بويىچە دائىمىي كومىتېتنىڭ كېيىنكى يىغىنلىرىغا مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بېرىشى كېرەك.

34 - ماددا دائىمىي كومىتېت ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە دائىر چوڭ - چوڭ ئىشلار ۋە تۈرلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتمە ياكى قارار چىقارسىمۇ، مۇناسىۋەتلىك پىكىر - تەكلىپلەرنى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىش ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك تارماق ياكى ئورۇننىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بېجىرىشىگە تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە ئورۇنلار بېجىرىلىش ئەھۋالىنى دائىمىي كومىتېتقا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

6 - باب سوئال سوراش، سۈرۈشتۈرمە قويۇش ۋە مۇئەييەن مەسىلىنى تەكشۈرۈش

35 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى تەكلىپ ۋە دوكلاتلارنى قاراپ چىققاندا، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن سوئال سورىسا بولىدۇ. سوئالنى ئاغزاكى سورىسىمۇ، يازما سورىسىمۇ بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرىنىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇللىرى سورالغان سوئاللارغا نەق مەيداندا جاۋاب بېرىشى كېرەك؛ نەق مەيداندا جاۋاب بېرەلمىسە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك، دائىمىي كومىتېت يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن 10 كۈن ئىچىدە يازما جاۋاب بەرسە بولىدۇ.

36 - ماددا دائىمىي كومىتېت ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا ۋە خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چوڭ - چوڭ مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي يىغىن ياكى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىسا بولىدۇ.

مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش قارالمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ ھەم ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىشى، سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك.

مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشتا بېرىلگەن پىكىرلەرنى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىش ئاپپاراتى سوئال سورالغۇچى ئورگاننىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئورگان دائىمىي كومىتېتقا مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشى كېرەك.

37 - ماددا دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ياكى مۇدىرلار يىغىنىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، مەخسۇس كومىتېتلار مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلسا، سوئال سورىسا بولىدۇ ھەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سوئال سوراش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرىدۇ.

38 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى مەزگىلىدە دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 5تىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، دائىمىي كومىتېتقا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرىغا، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە سۈرۈشتۈرمە قويۇش ھەققىدە يازما تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.

سۈرۈشتۈرمىگە سۈرۈشتۈرۈلىدىغان ئوبيېكت، سۈرۈشتۈرۈلىدىغان مەسىلە ۋە مەزمۇننى ئېنىق يېزىش كېرەك.

سۈرۈشتۈرمىگە چېتىلىدىغان مەسىلىنىڭ دائىرىسى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملار، يەرلىك نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرى بولۇشى، شۇنىڭدەك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش سەۋەبىدىن ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىققان مەسىلىلەر بولۇشى كېرەك.

39 - ماددا سۈرۈشتۈرمە مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن، سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ياكى مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېت يىغىنىدا ئاغزاكى جاۋاب بېرىشىگە ياكى يازما جاۋاب بېرىشىگە تاپشۇرۇلىدۇ. مەخسۇس كومىتېت يىغىنىدا جاۋاب بېرىدىغانلىرىغا سۈرۈشتۈرمە قويغان دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا، پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق؛ مۇدىرلار يىغىنى زۆرۈر دەپ قارىغاندا، سۈرۈشتۈرمىگە جاۋاب بېرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا بېسىپ تارقاتسا بولىدۇ.

سۈرۈشتۈرمىگە ئاغزاكى جاۋاب بېرىلىدىغان بولسا، سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى يىغىنغا كېلىپ جاۋاب بېرىشى كېرەك؛ سۈرۈشتۈرمىگە يازما جاۋاب بېرىلىدىغان بولسا، سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى جاۋابقا ئىمزا قويۇشى كېرەك ھەمدە مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن، جاۋاب دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا ياكى سۈرۈشتۈرمە قويغان دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرگە بېسىپ تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

سۈرۈشتۈرمە قويغان دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى سۈرۈشتۈرۈلگۈچى ئورگاننىڭ جاۋابىغا رازى بولمىسا، قايتا سۈرۈشتۈرمە قويسا ھەمدە قايتا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، دائىمىي كومىتېت سۈرۈشتۈرمىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ئۈستىدە قارار چىقارسا بولىدۇ.

40 - ماددا سۈرۈشتۈرمىگە جاۋاب بېرىلىشتىن بۇرۇن، سۈرۈشتۈرمە قويغان كىشى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، شۇ سۈرۈشتۈرمىنى قاراپ چىقىش توختىتىلىدۇ.

41 - ماددا مۇدىرلار يىغىنى ياكى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ بەشتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى بىرلىشىپ يازما ئىمزا قويۇپ، دائىمىي كومىتېتقا مۇئەييەن مەسىلىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، ئۇنى دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى قارار قىلىدۇ.

مۇئەييەن مەسىلىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇدىر ئەزا، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزا ۋە ئەزالاردىن تەركىب تاپىدۇ، كونكرېت نامزاتلارنى مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدىن كۆرسىتىپ، دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنىدۇ.

مۇئەييەن مەسىلىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، دائىمىي كومىتېتقا تەكشۈرۈش دوكلاتى سۇنۇشى كېرەك. دائىمىي كومىتېت دوكلاتقا ئاساسەن مۇناسىپ قارار چىقارسا بولىدۇ.

7 - باب مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى قالدۇرۇۋېتىش، ئىستېپا سوراش ۋە تولۇقلاپ سايلاش

42 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، مۇدىرلار يىغىنى ياكى بەشتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەك دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ، دائىمىي كومىتېتقا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدا سايلانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى قالدۇرۇۋېتىش توغرىسىدا يازما تەكلىپ بەرسە بولىدۇ. قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپىگە قالدۇرۇۋېتىش سەۋەبى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

دائىمىي كومىتېت قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپىنى قاراپ چىققاندا، قالدۇرۇۋېتىلىدىغان ۋەكىل مۇدىرلار يىغىنى ياكى دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىغا ئاقلىنىش پىكرىنى ئاغزاكى ياكى يازما بېرىشكە ھوقۇقلۇق. يازما ئاقلىنىش پىكرى مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن يىغىنغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

قالدۇرۇۋېتىش تەكلىپىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنى قاراپ چىققاندىن كېيىن، مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنىدۇ.

43 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، دائىمىي كومىتېت ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدا سايلانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ ئىستېپا سوراش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ، ئاپتونوم رايوندىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىلنىڭ ئورنى بوش قالسا، تولۇقلاپ سايلىسا بولىدۇ. ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىش ۋە تولۇقلاپ سايلاش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

8 - باب سۆزگە چىقىش، ئاۋاز بېرىش، ئېلان قىلىش ۋە ئەنگە ئالدۇرۇش

44 - ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ، شۇنىڭدەك يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقانلارنىڭ دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا، بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆزگە چىقىش ۋاقتى 10 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. گۇرۇپپا يىغىنىدا 1 - قېتىم سۆزگە چىقىش ۋاقتى 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئوخشاش بىر مەسىلە ئۈستىدە 2 - قېتىم سۆزگە چىقىش ۋاقتى 10 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئۇزارتىپ بېرىشنى ئالدىن تەلەپ قىلسا، يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ۋاقىت مۇۋاپىق ئۇزارتىپ بېرىلسە بولىدۇ.

دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا قىلىنغان سۆزنى دائىمىي كومىتېت ئىش ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرى خاتىرىلەپ، سۆزلىگۈچىنىڭ ئىمزاسىنى قويدۇرغاندىن كېيىن، يىغىنغا قىسقا خەۋەر قىلىپ تارقىتىپ بېرىدۇ ۋە ئارخىپلاشتۇرىدۇ. يىغىن قىسقا خەۋەرلىرى قەغەز نۇسخىدا بولسىمۇ، ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىدا بولسىمۇ بولىدۇ.

45 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا تەكلىپ ۋە دوكلاتلارنى ئاۋازغا قويۇشتا، ئېلېكتىرونلۇق ئاۋاز بەرگۈدە ئىمزاسىز ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئەگەر ئاۋاز بەرگۈ سىستېمىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا كاشىلا كۆرۈلسە ياكى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر توردا سىن شەكلىدە يىغىنغا قاتناشسا، قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش ياكى باشقا شەكىلدە ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

46 - ماددا ئاۋازغا قويۇلىدىغان تەكلىپنىڭ تۈزىتىلمىسى بولسا، تۈزىتىلمىسىنى ئاۋۋال ئاۋازغا قويۇش كېرەك.

47 - ماددا يىغىنغا قاتناشقان دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىشى كېرەك. ئاۋاز بەرگەندە دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ئاۋاز بەرگۈنى بېسىشى كېرەك، ئاۋاز بەرگەندە قوشۇلۇش ئاۋازى بەرسىمۇ، قوشۇلماسلىق ئاۋازى بەرسىمۇ، ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسىمۇ بولىدۇ.

ئاۋازغا قويۇلغان تەكلىپ ۋە دوكلاتلار دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ.

ئاۋاز نەتىجىسىنى يىغىن رىياسەتچىسى نەق مەيداندا ئېلان قىلىدۇ.

48 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى چىقارغان قارار، بېكىتمىلەرنى، ماقۇللىغان يەرلىك نىزاملارنى ۋە تولۇقلاپ سايلاش، ئىستېپا سوراش، قالدۇرۇۋېتىش، كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش قاتارلىقلارغا دائىر ئىشلارنى، شۇنىڭدەك چىقارغان تۈرلۈك ئېلانلارنى دائىمىي كومىتېت ئېلان قىلىدۇ ھەمدە ئۇلار دائىمىي كومىتېت ئاخباراتى ۋە شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق تاراتقۇلاردا ۋاقتىدا بېسىلىشى ۋە ئېلان قىلىنىشى كېرەك.

دائىمىي كومىتېت ئاخباراتىدا ئېلان قىلىنغان يەرلىك نىزام نۇسخىسى ئۆلچەملىك نۇسخا بولىدۇ.

49 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى ماقۇللىغان ۋە تەستىقلىغان يەرلىك نىزام، ئاپتونومىيە نىزامى، يەككە نىزام ۋە چىقارغان نىزام خاراكتېرلىك قارارلار، بېكىتمىلەرنى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىش ئاپپاراتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا، گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

9 - باب يىغىندا قوللىنىلىدىغان تىل ۋە يېزىق

50 - ماددا دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنى، بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى، گۇرۇپپا يىغىنىدا دۆلەت ئورتاق تىلى قوللىنىلىدۇ، ئېھتىياجغا قاراپ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ.

51 - ماددا دائىمىي كومىتېت يىغىنى ھۆججەتلىرى دۆلەت ئورتاق يېزىقى، ئۇيغۇرچە يېزىقتا بېسىپ تارقىتىلىدۇ ياكى يوللىنىدۇ.

10 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

52 - ماددا بۇ قائىدە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)