تىيانشانغا باغلانغان مەڭگۈلۈك رىشتە

日期:2023年11月09日
来源:天山网
【字体:

− داڭلىق يازغۇچى جوۋ تاۋ توغرىسىدا ئەسلىمە

11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سائەت 13تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، داڭلىق يازغۇچى، تۇنجى نۆۋەتلىك لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى جوۋ تاۋ يۈرەك تىقىلمىسى تۇيۇقسىز قوزغىلىش سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدە 77 يېشىدا ۋاپات بولدى. خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، كىشىلەر ھەسرەت ۋە قايغۇغا چۆمدى، ئۇنىڭ قەلەمداشلىرى، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرى ۋە ئۇنى قىزغىن سۆيىدىغان ئوقۇرمەنلەر بەس - بەستە يازما يوللاپ تەزىيە بىلدۈردى، نۇرغۇن كىشى شىنجاڭ سىرتىدىن كېلىپ، شىنجاڭ ئەدەبىيات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ئەدەبىيات ساھەسىدىكى بۇ ئۇستازغا ئېھتىرام بىلدۈردى.

ئوخشاشلا ھەربىي قىسىمدا يازغۇچى بولغان مو يەن ئەپەندى قەدىناس دوستىنىڭ قايغۇلۇق خەۋىرىنى تۇيۇقسىز ئاڭلىغاندىن كېيىن، تېلېفوندا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى، ئۇ مۇنداق يازدى: قېرىندىشىم جوۋ تاۋ كەتتىڭ كۆز يۇمۇپ، ئەدەبىيات گۈلزارىدىن ئۆچكەن يۇلتۇز بوپ؛ ئىجادىي ئەسىرىڭ مەڭگۈ چاقنايدۇ، ئوقۇرمەن قەلبىدە چولپان يۇلتۇز بوپ.

«شىنجاڭنى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى چۈشىنىدىغان، شىنجاڭنى قوغدايدىغان، شىنجاڭنى يازىدىغان، شىنجاڭنى مەدھىيەلەيدىغان، ئۆزىنىڭ بارلىق ھاياتىنى بۇ مۇنبەت تۇپراققا بېغىشلىغان ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئۇستاز بىزدىن ئايرىلدى.» بۇ سۆز بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى قايغۇ - ھەسرەتنى ئىپادىلەپ بەردى.

تىيانشان پەخرى

1946 - يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، جوۋ تاۋ سەنشى لۇچېڭ ناھىيەسىنىڭ ماچاڭ كەنتىدە تۇغۇلغان، بۇ ئەينى چاغدىكى 8 - ئارمىيە باش ئىشتابى تۇرۇشلۇق جاي ئىدى. ئۇ «مەن كەلدىم» دېگەن ماقالىسىدە: ئاپامنىڭ تۇغۇتى قىيىن بوپتىكەن، بىرەيلەن دېرىزە سىرتىدا ئوق چىقىرىپتىكەن، «ئاپامنىڭ چۆچۈپ كېتىشى بىلەنلا مەن تۇغۇلۇپتىمەن»، مەن مۇشۇنداق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھالەتتە دۇنياغا كەپتىمەن دەپ بايان قىلغان. 1950 - يىلى ئاتا - ئانىسى قىسىم تەركىبىدە بېيجىڭغا كەلگەن ھەم قىسىمدىن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ خىزمەت قىلغان. 1955 - يىلى، توققۇز ياشلىق جوۋ تاۋ ئاتا - ئانىسىغا ئەگىشىپ ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەلگەن، ئۇ ئۈرۈمچىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقاندەك ھېس قىلغان، ئۈرۈمچىنىڭ 200 - 300 مىڭ نوپۇسى بار كىچىك چېگرا شەھەردىن ھازىرقى نەچچە ھەسسە كېڭەيگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان مىليون دەرىجىلىك نوپۇس بار چوڭ شەھەرگە ئايلانغانلىقىنى كۆرگەن.

جوۋ تاۋ كىچىكىدىنلا تۇغما ئەقىللىق، شوخ، تېتىك بولۇپ، 14 يېشىدا ئاپتونوم رايونلۇق تىكتاك توپ كەسپىي كوماندىسىغا تاللىنىپ، ھەممە ئادەم ھەۋەس قىلىدىغان ئۆسمۈر تەنھەرىكەتچىگە ئايلانغان. لېكىن بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ توپ ئويناشنىڭ ئۆزىنىڭ ھايات نىشانى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېكىنىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇغان. تىكتاك توپ ئۇنىڭ مەغرۇرلىنىدىغان ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى 1963 - يىلى ۋە 1965 - يىلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تىكتاك توپ مۇسابىقىسى ۋە شىنجاڭ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تىكتاك توپ مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر يەككە ئويناش تۈرىدە چېمپىيون بولغان. قىسقىغىنا تەنھەرىكەتچىلىك ھاياتىدا ئۇ ئادەتتىكى كىشىلەردىن پەرقلىنىدىغان چىدامچانلىق ۋە تىرىشچانلىقنى يېتىلدۈرگەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن كېيىن، ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك خاتىرە يازغان، ئۈچ يىلدا ئون دەپتەرنى توشقۇزغان. ئۇ كېيىن مۇنداق دېگەن: «تىكتاك توپ ئوينىغاندا، مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئادەم ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن جەزمەن ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك ئىكەن. مېنىڭ دەسلەپكى ئەدەبىيات مەشىقىم ئاساسىي ماھارەت مەشىقى بولدى، ئاساسلىق يازغانلىرىم پېرسوناژلار توغرىسىدىكى ئوچېرىك، مۇلاھىزە، لىرىكا قاتارلىقلار بولۇپ، ھەممىسى نەسر ئىدى.» ئۇ بۇ ئادىتىنى داشۆدە ئوقۇغان ۋە خىزمەت قىلغان جەرياندا ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان.

20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە، جوۋ تاۋ شېئىر يېزىشقا باشلىغان، 1972 - يىلى «شىنجاڭ گېزىتى»دە تۇنجى ئەسىرى «ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى يېڭى ئەسكەرلەر» ئېلان قىلىنغان. جوۋ تاۋنىڭ 1978 - يىلى «شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى» ۋە «شېئىرىيەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا» ناملىق داستانى ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. دىراماتورگ ساۋ يۈ دەل مۇشۇ پەيتتە شىنجاڭغا كېلىپ، بۇ داستاننى كۆرۈپ ناھايىتى ماختىغان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مىڭ كىشىلىك يىغىندا بىر نەچچە ئابزاسنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، شىنجاڭدا ئىختىساسلىقلار بار، دېگەن. ئەينى چاغدا، شىنجاڭدا پۈتۈن مەملىكەتكە ئوخشاشلا شېئىرىيەت كەيپىياتى قويۇق ئىدى، ھەتتا قەشقەر يۇڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدىكىلەرمۇ «شېئىرىيەت» ژۇرنىلىغا مۇشتەرى بولاتتى، بۇ داستان خۇددى نامىغا ئوخشاش ناھايىتى تېزلا تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارالغان.

1979 - يىلى 33 ياشلىق جوۋ تاۋ سەككىز يىل خىزمەت قىلغان قەشقەردىن ئايرىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبىدىن تىيانشاننىڭ شىمالىغا قايتىپ كېلىپ، ئۈرۈمچى ھەربىي رايونى مەدەنىيەت بۆلۈمى ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىغا كېلىپ كەسپىي يازغۇچى بولغان. شۇ يىلى ئۇنىڭ خۇشاللىقى ئۈزۈلمىگەن: ئۇ شەرەپ بىلەن پارتىيەگە كىرگەن، ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن ھەربىي بولۇش ئارزۇسىغا يەتكەن، «ئاۋغۇستتىكى باغ» ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.

شۇنىڭدىن كېيىن، كىشىلەر شىنجاڭدا جوۋ تاۋ ئىسىملىك شېئىر يازىدىغان بىر ھەربىينىڭ بارلىقىنى بىلگەن.

ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئاق تۇلپار

«چۆللۈكتە تۇردۇم يېگانە قەد كۆتۈرۈپ/ قۇملۇق شامىلى يەلپۈپ تۇرار يايلىمنى/ قەددىمنى تىك تۇتۇپ نەزەر سالدىم يىراققا/ مەڭگۈ يەتكىلى بولمايدىغان ئاشۇ ئۇپۇققا... (<ياۋا ئات توپى>)»، «خاسىيەتلىك تاغ» ۋە «ياۋا ئات توپى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى جوۋ تاۋنى «يېڭى چېگرا رايون شېئىرىيىتى»دىكى ۋەكىللىك شائىرغا ئايلاندۇردى، سانسىزلىغان ئوقۇرمەن ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن شىنجاڭنىڭ بىپايانلىقىنى، چۆل - باياۋانلارنى ۋە ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى «مەردانە، جۇشقۇن، قەيسەر، چوڭقۇر ۋە تەسىرلىك سەنئەت ئۇسلۇبى ئارقىلىق ھازىرقى زامان جۇڭگولۇقلارنىڭ ئېستېتىك بوشلۇقىنى بېيىتىپ، بىر ئەۋلاد شېئىر ئۇسلۇبىغا يول ئاچتى» دەپ ھەممە ئېتىراپ قىلغان باھا بېرىلگەن. ئۇنىڭ شېئىرىيەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى 20 - ئەسىرنىڭ 80 -، 90 - يىللىرىدا غەربىي قىسىمدىكى شىنجاڭنىڭ بىپايان دالىلىرىدا بىر ئابىدە بولۇپ قالغان.

1987 - يىلى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى 1 - ئاۋغۇست تىياتىرخانىسىدا «جوۋ تاۋ شېئىرلىرى دېكلاماتسىيە يىغىنى» ئۆتكۈزگەن. دەل نام چىقىرىۋاتقان ئاشۇ مەزگىلدە، ئۇ شېئىر بىلەن خوشلىشىپ، ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق يۆنىلىشىنى نەسرگە ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان، چۈنكى ئۇ جۇڭگونىڭ رېئال ئەدەبىي ئۇسلۇبىغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغىنى نەسر دەپ قارىغان. تۇنجى نەسرى «كۈنەس ئېتى»دىن نەسرلەر توپلىمى «كەم ئۇچرايدىغان قۇش» «كۆچمەن چارۋىچىلار سېپىلى»غىچە، «شېئىرىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ يېزىلغان، ئەسلىي تومۇرى ئۈزۈلمىگەن» بۇ نەسرلەرنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ، يېزىلىشى ئەركىن بولۇپ، تەبىئىي مەنزىرە تەسۋىرىگە ئەقلىي تەپەككۇر سىڭدۈرۈلگەن، سالماق، كەسكىن ھاياتىي تۈسكە ئىگە بولۇپ، جۇڭگو ھازىرقى زامان نەسر ئىجادىيىتىدىكى قالتىس بىر پەللىنى شەكىللەندۈرگەن.

ياش ۋاقتىدا 20 نەچچە يىل شېئىر يازدى، 40 يېشىدا نەسر يېزىشنى باشلاپ يەنە 20 نەچچە يىل يازدى، 72 ياشقا كىرگەندە يەنە تۇنجى رومانى «غەربكە سەپەر»نى يازدى. ئەسەرلىرىدە ئاددىي بولۇپ قېلىشتىن، تەكرارلىقتىن ساقلىنىش، ئەدەبىياتنىڭ ئالىيجاناب ۋە ساپ پەزىلىتىنى قوغداش جوۋ تاۋنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىنتىلىشى بولدى، ئۇ ئىلگىرى تاراتقۇلارغا: «بىر ئادەم ئۆمرىدە پەقەت بىرلا ئىشنى قىلالايدۇ، مەن بۇ ئۆمرۈمدە ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بىرلا ئىش بىلەن شۇغۇللاندىم» دېگەن.

ئوبزورچى يىن شى ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «جوۋ تاۋنىڭ <ئۆزلۈك ئېڭى> جۇڭگو يازغۇچىلىرى ئىچىدە ئاز ئۇچرايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ يازغانلىرى ئادەمنى بەك جەلپ قىلىدۇ. ئۇ بىلىمى ياكى ئەدەبىي ماھارىتىگە تايىنىپ كىشىلەرنى جەلپ قىلغان ئەمەس، بەلكى سەمىمىي، سۆيۈملۈك خاسلىقى ئارقىلىقلا جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىدۇ.» نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە، ئۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەڭ خاسلىققا، جەلپ قىلىش كۈچىگە ۋە ئەدەبىي خاراكتېرگە ئىگە يازغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى.

شائىر شېن ۋېي بۇ يىل يازدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ جوۋ تاۋنى يوقلاپ بارغاندا، جوۋ تاۋ يەنە يېڭىدىن چوڭ ھەجىملىك ئەسەر يېزىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن سۆزلەپ بەرگەنىدى. «شۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن، مەن ئۇنىڭغا ئاتاپ يازغان شېئىرمۇ مەرسىيە بولۇپ قالدى. مەن شىنجاڭدا تۇرغان 30 يىلدا، ئۇ ماڭا ئاكا، مېھرىبان ئۇستاز، ئۈلپەت، قەدىناس دوست بولدى، ياش ئەۋلادلارنى كۆپ يېتەكلىدى ۋە رىغبەتلەندۈردى. ئۇ بىر ئەۋلاد ئەدەبىيات گۈلزارىدىكى <شىددەتلىك دولقۇن>، 3000 خەنزۇچە خەتنى سۇدەك بىلىدىغان تىل ئۇستىسى. ئەسەرلىرىلا بولىدىكەن، جوۋ تاۋ مەڭگۈ ھايات!»

1992 - يىلى قىشتا جوۋ تاۋ بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن چاغدىكى كۆرۈنۈش يازغۇچى لۇ يىپىڭنىڭ ھېلىھەم ئېسىدە: يىراقتىنلا ئېگىز بويلۇق بىر ھەربىينىڭ ئۇ يەردە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ قامەتلىك، سالاپەتلىك ئىدى. «ئۇنىڭ شائىرلارغا خاس سالاپىتى ئاق تېرەكتەك ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. مەن ھازىرغىچە تەسەۋۋۇرۇمدىكى جۇڭگو قەدىمكى شائىرلىرىنىڭ سالاپىتى بىر خىل سىرلىق شەكىلدە ئۇنىڭغا ئىرسىيەت قالغانمىكىن، دەپ قارايمەن».

جوۋ تاۋنىڭ ئاتنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، شېئىرلىرى ئىچىدىمۇ ئات تەسۋىرلەنگەن خېلى كۆپ داڭلىق ئەسەرلىرى بار. ئاتنىڭ چاپچىپ تۇرىدىغان، شاش ھەم ئېسىل خىسلىتىمۇ ئىزچىل ئۇنىڭ مەنىۋى ئىنتىلىشى بولۇپ كەلگەن. شائىر بېييې: «يايلاق كۆچۈش گويا سېپىلدۇر، مەيىن شامال ئەگىشەر ئاڭا، بىھۇدە ياش تۆكمەس ئەزىمەت، تۇلپار كەبى چاپار تىيانشاندا، بوغداغا ھەمراھتۇر روھىڭ تائەبەد.» دەپ شېئىر يېزىپ، غەربكە قىلغان سەپىرىدە ئۇنىڭغا ئارغىماقلارنىڭ ھەمراھ بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان.

شىنجاڭنىڭ سىردىشى

جوۋ تاۋ كۆپ قېتىم شىنجاڭدىن كېتىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ھەممىسىدىن ۋاز كەچتى. بىر قېتىم، بېيجىڭ داشۆ غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارقىتىش - ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىدىن كەلگەن 15 نەپەر داشۆ ئوقۇغۇچىسى ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇ ئۆز ئىجادىيىتىگە ئىلھام ۋە مەنبە بولغان شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەت مۇنبەت تۇپرىقىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. «مەن دائىم شۇنداق ئويلايمەن، ئەگەر باشقا يەرگە كەتسەم، ھەر قېتىم رادىيودىن شىنجاڭنىڭ خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلىغاندا، تېلېۋىزوردىن شىنجاڭنىڭ تاغ - دەريالىرىنى كۆرگەندە، قەلبىم ئىنتايىن ئازابلىنىدۇ، چوقۇم كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش ئالىمەن».

يازغۇچى فېڭشوۋ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ ئوڭۇشسىزلىققا تولغان ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز يىللاردا، جوۋ تاۋ ئەپەندى ماڭا ھېچقانداق نەرسە ئورنىنى ئالالمايدىغان كىشىلىك ھايات ئىشەنچى بېغىشلىدى. تولۇن ئاي چىققان ئاشۇ قىش كېچىسىدە، ئۇ ماڭا مۇنداق دېگەنىدى: «ئەدەبىيات بىر خىل ئېتىقاد، خۇددى شىنجاڭلىقلارنىڭ قەلبىدىكى تىيانشانغا ئوخشايدۇ!»

جوۋ تاۋ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ «ئالتە پارچە چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىدە تىيانشان دېگەن سۆزنىڭ شىنجاڭنى ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى چۈشىنىشتىكى ئاچقۇچلۇق سۆز ئىكەنلىكى»نى ئېيتقان. «قارا شەھەر خاتىرىسى» «جىمىسار توغرىسىدا خاتىرە» «ئىلىدىكى كۈز تەسىراتى» «لۆمۈلدەۋاتقان ئۆگزە» «بورتالانىڭ قىش پەسلىگە ھەيرانلىق» «خوتەنگە مەدھىيە»دىن ئىبارەت مول مەزمۇنلۇق ۋە چوڭ ھەجىملىك 20 مىڭ خەت ئەتراپىدىكى بۇ ئالتە پارچە نەسرنى ئۇ چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرەتتى ۋە ئەتىۋارلايتتى. «ئۇ بۇ دەۋردە ئەۋج ئالغان تۈرلۈك سەنئەت پىكىر ئېقىمى، مەدەنىيەت ئۆزگىرىشلىرى ئىچىدە ھودۇقۇپ تەمتىرەپ قالغان ئەمەس، ئۇ بىر جۈپ كۆزى بىلەن ئايىغى ئاستىدىكى تۇپراققا نەزەر سېلىشنى ئەزەلدىن ئۇنتۇپ قالمىدى.» نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، قەدىناس دوستىنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن يازغان مۇشۇنداق باھاسىنى كۆرگەندە جوۋ تاۋ ناھايىتى مەمنۇن بولۇپ، ئەجرىم بىكارغا كەتمەپتۇ دېگەنىدى.

جوۋ تاۋ نۇرغۇن كىشى ۋە ئىشلار توغرىسىدا ئۆزىنىڭ ئەڭ ھەقىقىي قارىشىنى ئېيتىشتىن قاچمايتتى، كەمچىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى ۋە قاتتىق تەلەپ قوياتتى، لېكىن پەقەت شىنجاڭنىلا ھەمىشە چىن قەلبىدىن قىزغىن سۆيەتتى. «جەنۇب شەخسلەر ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن مەڭگۈ شىنجاڭدىن ئايرىلمايمەن، ئۆلسەممۇ مۇشۇ يەردە ياتىمەن. ئەگەر سىز شىنجاڭنى قىزغىن سۆيسىڭىز، ئۇنى باشتىن - ئاخىر قىزغىن سۆيۈشىڭىز، ئۇنىڭدىن ئايرىلماسلىقىڭىز كېرەك. ئەگەر مېنى قانداق ئەھمىيەتلىك ئىش قىلدى، دېسىڭىز، مېنىڭچە ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشىم مۇشۇنداق بىر چەت، يىراق جايدا جۇڭخۇا مىللىتى مەدەنىيىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تارقىتىش بولدى».

شىئەنلىك شائىر خا يەنلىڭ ئۆزىنى جوۋ تاۋنىڭ «ساددا مەستانىسى» دەپ قارايدۇ، ئۇ تەزىيەنامىسىدە مۇنداق يازدى: جوۋ تاۋ ۋەكىللىك قىلغان شىنجاڭ ئەدەبىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باشقىلارنىڭ يېتەلىشى تەس. چۈنكى، ھېچقانداق بىر يازغۇچى ئۇنىڭدىنمۇ بەك ساداقەتمەنلىك بىلەن شىنجاڭدا ياشىغان، شىنجاڭنى سۆيگەن، شىنجاڭنى چۈشەنگەن، شىنجاڭنى يازغان ئەمەس...

جوۋ تاۋ 68 يىل جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يۇغۇرۇلۇش ئارقىلىق ئاللىقاچان شىنجاڭ بىلەن يېقىن سىرداشقا ئايلاندى. ئۇ دەل ئاغزاكى تەرجىمىھالى «بىر ئادەم ۋە شىنجاڭ»دا ئېيتقاندەك: «مەن توققۇز يېشىمدىلا شىنجاڭغا كەلگەن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تىيانشاندا ياشاش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ مەن بىر ئۆمۈر بۇ جايغا، ئالتىدىن بىر قىسىمنى ئىگىلەيدىغان جۇڭگونىڭ بۇ زېمىنىغا سادىق بولدۇم... قەدىمكىلەر: دانا كىشى سىردىشى ئۈچۈن جان پىدا قىلالايدۇ، دېگەن بولسا، مەن دانا كىشى ئۆزى سىرداش بولغان تۇپراق ئۈچۈن جان پىدا قىلالايدۇ، دەيمەن».