ئاپتونوم رايون بويىچە سىياسىي كېڭەش باش كاتىپلىرىنىڭ خىزمەت جەھەتتە ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

日期:2023年11月09日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئاپتونوم رايون بويىچە سىياسىي كېڭەش باش كاتىپلىرىنىڭ خىزمەت جەھەتتە ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، سىياسىي كېڭەش ئورگىنى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇپ ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى بەنگۇڭتىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، ئورنىنى چىڭ ئىگىلەپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى سىياسىي كېڭەشنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي جەھەتتىن مەسىلىلەرگە قاراش، ئىشلارنى ئويلاش، خىزمەت ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش ئىدىيە ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلقتىن مەسلىھەت ئېلىش، خەلق ئۈچۈن مەسلىھەت بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، «ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇجەسسەملەش»تىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىش كېرەك. دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى ۋە رەئىسلەر يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ پائال نەتىجە يارىتىش، رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ماسلىشىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ «ئىككى ئاجىز بولۇش» مەسىلىسىنى ئورتاق ھەل قىلىش كېرەك. قەيسەر ئىستىل، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى تاۋلاپ، سىياسىيدا كۈچلۈك، ساپاسى يۇقىرى، كەسىپتە پىشقان، ئىستىلى ياخشى سىياسىي كېڭەش ئورگان كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.