شىنجاڭنىڭ 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدىكى خەلق پۇلى ۋە چەت ئەل پۇلى قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 3 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى

日期:2023年11月06日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبە بانكىسى ئاچقان 2023 - يىللىق 3 - پەسىللىك شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدىكى تۈرلۈك خەلق پۇلى ۋە چەت ئەل پۇلى قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 3 تىرىليون 30 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.3 ئاشقان.

9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ساقلانما مىقدارى 4 تىرىليون 660 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.3 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئېشىش مىقدارى جەمئىي 379 مىليارد 850 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 12 مىليارد 290 مىليون يۈەن كۆپ بولدى.

«بۇ يىلدىن بۇيان، بانكىمىز كۆپ خىل پۇل سىياسىتى قوراللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ياسىمىچىلىق، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلار قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارغا بولغان قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ كۈچكە ئىگە كىرېدىت ئېھتىياجىنى بىرقەدەر ياخشى قاندۇردى» دېدى جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبە بانكىسى تەكشۈرۈش - ئىستاتىستىكا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى پاڭ شيۇپىڭ.

پۇل مۇئامىلىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقى داۋاملىق زورايدى. 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا تارقىتىلغان قەرز پۇلنىڭ قالدۇق سوممىسى 802 مىليارد 170 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.4 ئېشىپ، تۈرلۈك تارقىتىلغان قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 6.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، سۇچىلىق، مۇھىت ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى باشقۇرۇش كەسپىگە تارقىتىلغان قەرز پۇل بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.4 ئېشىپ، شىنجاڭ بويىچە تۈرلۈك تارقىتىلغان قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 13.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

«بىز بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ياسىمىچىلىق كەسپى كىرېدىت سېلىنمىسى سالمىقىنى سىجىل زورايتىشقا يېتەكلەپ، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشكە قايتا قەرز بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، شىنجاڭنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىگە تارقىتىلغان قەرز پۇل سىجىل، بىرقەدەر تېز ئاشتى» دېدى پاڭ شيۇپىڭ. 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىگە تارقىتىلغان قەرز پۇلنىڭ قالدۇق سوممىسى 298 مىليارد 120 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.9 ئېشىپ، شىنجاڭ بويىچە تۈرلۈك تارقىتىلغان قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 9.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ياسىمىچىلىق كەسپىگە تارقىتىلغان ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇل بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.5 ئاشتى.

ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قارىتىلغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى سىجىل ئۆستى. 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدىكى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا تارقىتىلغان قەرز پۇلنىڭ قالدۇق سوممىسى 206 مىليارد 180 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.9 ئېشىپ، شىنجاڭ بويىچە تۈرلۈك تارقىتىلغان قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 17.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 2.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

يېشىل قەرز پۇل يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلىدى. 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە، شىنجاڭ بويىچە كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى قوللاش قورالىغا جەمئىي تارقىتىلغان قەرز پۇل 48 مىليارد 930 مىليون يۈەن بولدى. 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭنىڭ يېشىل قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 435 مىليارد 620 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.3 ئېشىپ، شىنجاڭ بويىچە تۈرلۈك تارقىتىلغان قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 18 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا تارقىتىلغان قەرز پۇل تېز سۈرئەتتە ئاشتى. 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا تارقىتىلغان قەرز پۇلنىڭ قالدۇق سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.8 ئېشىپ، شىنجاڭ بويىچە تۈرلۈك تارقىتىلغان قەرز پۇللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 3.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا تارقىتىلغان قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %29.6 بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا تارقىتىلغان قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 8.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.