قەشقەر تاشقى سودىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «ئوڭۇشسىز شارائىتتا بۆسۈش ھاسىل قىلدى»

日期:2023年11月06日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، جۇڭشۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىدە ئىشچىلار يۈك ساندۇقلىرىغا مال قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ ماللار ئەركەشتام پورتى ئارقىلىق تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستىغا توشۇلىدۇ.

جۇڭشۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ چىنىڭ تېلېفونى توختىماي جىرىڭلايتتى. يېقىندا، ئۇ غەربىي ئاسىيا رايونىغا قاتنايدىغان خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى ئىلتىماس قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئىلتىماس تەستىقلانغاندىن كېيىن، شىركەت شىنجاڭنىڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ماللىرىنى پۈتۈن يەرشارىدىكى كەڭ بازارلارغا ساتالايدۇ.

«11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى، بىز بۇنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىگە تېخىمۇ پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز.» جاڭ چى «تۆت پەسىلدە شىنجاڭغا نەزەر» بويىچە «پورتلارغا كىرىپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش كوللېكتىپىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنىڭ كەسىپلىرى سىجىل كېڭەيدى، ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار ئەڭ دەسلەپكى ئالتە كىشىدىن ھازىرقى 100دىن ئارتۇق كىشىگە كۆپەيدى.

جۇڭشۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورتىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى بولدى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 61 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %89.7 ئاشتى، تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتى ۋە ئېشىش سۈرئىتى بىردەك شىنجاڭ بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى؛ قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن سودا ئالاقىسىنى قانات يايدۇرغان دۆلەت ۋە رايونلار 128گە يېتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %90تىن ئاشتى؛ قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال رەت تەرتىپى ئۇزاق مەزگىل شىنجاڭ بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرۇپ، 2020 - يىلى مەملىكەت بويىچە رەت تەرتىپى 125 - ئورۇندا تۇرۇشتىن تېزلىكتە 29 - ئورۇنغا ئۆتۈشتەك «ئوڭۇشسىز شارائىتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇردى...

كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بۇ نەتىجە قەغىزى شۇنى ئېنىق بىلدۈردىكى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش شەرق شامىلىنىڭ ياردىمىدە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقى سودىسى تېزلىكتە «يول ئىقتىسادى»دىن «پورت ئىقتىسادى»غا قاراپ تىپ ئۆزگەرتمەكتە.

قەشقەر تاموژنىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، تاموژنا باشلىقى ۋاڭ چۈەنجيې مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقى سودا كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 2013 - يىلىدىكى 11 مىليارد 710 مىليون يۈەندىن ئېشىپ 2022 - يىلىدىكى 46 مىليارد 320 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 57 مىليارد 890 مىليون يۈەنگە يېتىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %94.8ىنى ئىگىلىدى.

قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا، بارغانسېرى كۆپ كارخانا ۋە ئامما ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى. قەشقەر خۇڭيۈ خېڭتۇڭ خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتى جۇڭگودا ياسالغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا ساتتى، قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى لى رۈيجىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ قەشقەر چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كۆرگەزمە سودا مەركىزىدە پۈتۈن يەرشارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارنى تاللاپ سېتىۋالدى...

بۇ يىلدىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 70تىن ئارتۇق تاشقى سودا كارخانىسى پائال «سىرتقا چىقىپ»، خەلقئارا بازارنى ئېچىپ، 2 مىليارد 500 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى 100 پارچىدىن ئارتۇق تاشقى سودا زاكاز تالونىنى قولغا كەلتۈردى.

مەملىكەت سىرتىدىن بېرىلگەن بۇ زاكازلارنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇش ئۈچۈن، قەشقەر تاموژنىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسى قاتارلىقلار بەس - بەستە تەدبىر قوللىنىپ، ماللارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېز، قولايلىق ھالدا دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقاردى.

قەشقەر ۋىلايىتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 20 نەچچە ئىنچىكە لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «بىر توردا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش»نى يولغا قويۇپ، «ئىسپاتنى ئازايتىپ خەلققە قولايلىق يارىتىش» تەدبىرىنى سىجىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر ئىشنى بىرلا قېتىمدا بېجىرىش» باش تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتتىن جەمئىي 145نى بېجىردى، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

«غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇۋاتقان قەشقەر <قەدىمىي يىپەك يولى>نىڭ شان - شەرىپى ۋە <يېڭى يىپەك يولى>نىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى كىشىلەر ئالدىدا نامايان قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى مۆجىزىلەرنى داۋاملىق پۈتىدۇ» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئەنۋەر تۇرسۇن.