ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش پايدىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قويۇپ بېرىمىز

日期:2023年11月06日
来源:天山网
【字体:

​− ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەننى زىيارەت

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يوپۇقى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئېچىلدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا بويى رايونىدىكى تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. قانداق قىلغاندا شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش پايدىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ؟ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش جەھەتتە قانداق ئىزدىنىشلەرنى قانات يايدۇرىدۇ؟ 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەننى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.

ھازىر، شىنجاڭ نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش - پىششىقلاش، كۆمۈر - كۆمۈر ئېلېكتىر - كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېشىل كانچىلىق، ئاشلىق - ياغ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق - كىيىم - كېچەك، يېشىل ئورگانىك مېۋە - كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋا مەھسۇلاتلىرى، يېڭى ئېنېرگىيە - يېڭى ماتېرىيالدىن ئىبارەت «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى كۈچەپ بەرپا قىلىۋاتىدۇ. «ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تەسىس قىلىنىشى شىنجاڭنىڭ <سەككىز چوڭ كەسىپ توپى>نى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئالتۇن پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى» دېدى لى شۈەن.

دۆلىتىمىزنى ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ياۋروپا بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق تۈگۈن بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭدا تاشيول، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، تۇرۇبا تورى، خەۋەرلىشىش، ئېلېكتىر تورىدىن ئىبارەت «ئالتە بىر گەۋدىلەشكەن» ئۆزئارا تۇتاشقان، ئۆزئارا راۋانلاشقان تور سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرقتىن ئېلىپ كېلىش»تىكى تۈگۈن يول ئەۋزەللىكى روشەنلەشتى.

«جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»دە «ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى قۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دۆلەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىكى ئورنى تېخىمۇ دەل جايىدا بېكىتىلدى ھەم ئېنىق ۋەزىپە تاپشۇرۇلدى.

لى شۈەن مۇنداق بىلدۈردى: «ئۇل ئەسلىھەلەرنى <قاتتىق تۇتاشتۇرۇش>، قائىدە، ئۆلچەمنى <يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش>نى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىمىز».

يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈلىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم ئەركىن سودا سىناق رايونىنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتونوم رايون يۇقىرى ئۆلچەمدىكى ئەركىن سودا سىناق رايونى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇردى، رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدە تەسىس قىلىندى.

«شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ چېتىلىدىغان ساھەلىرى كەڭ، يېڭىلىق يارىتىش تەلىپى يۇقىرى، ئۇ بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېڭى سۇپا، يېڭى ئىزدىنىش، يېڭى پۇرسەت.» لى شۈەن مۇنداق دېدى: «لايىھە»دە بېكىتىلگەن ئاساسلىق ۋەزىپە ۋە تەدبىرلەرنى زىچ چۆرىدەپ، ئۇنىۋېرسال باھالاش چارىسىنى تۈزۈپ، نەتىجىنى باھالاشنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، «قوماندانلىق تايىقى»لىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

لى شۈەن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى تۈرمۇتۈر ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولى، ۋەزىپە - نىشان، فۇنكسىيەلىك تارماقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ھەرقايسى بۆلەك رايونلارنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى چۆرىدەپ، ئۈچ بۆلەك رايوننىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ پەرقلىق يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىلىرىنىڭ «ئەمەلىيلىشىپ مېۋە بېرىشى»گە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ جەمئىيەت خەۋەردار بولۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاممىنى ئەركىن سودا سىناق رايونىغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈش، تولۇق چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئىسلاھات پايدىسىدىن ھەقىقىي مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتىدە جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى مەخسۇس ئىستونى رەسمىي تورغا چىقىرىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرلۈك تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ ئىسلاھات تەدبىرى، قۇرۇلۇش ئەھۋالى، نەتىجە يارقىن نۇقتىلىرى تەشۋىق قىلىنىپ، نامايان قىلىنىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كۈچلەر شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا ئورتاق قاتنىشىشقا يېتەكلەندى.

لى شۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: يەنە سىياسەتنى چۈشەندۈرۈشكە تەشكىللەپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىسلاھات تەدبىرلىرى سىياسىتىدىن لېكسىيە سۆزلەشنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تور ۋە تور سىرتى قاتارلىق جانلىق، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا چوڭقۇر تەپسىلىي يېشىپ چۈشەندۈرىمىز. يەنە سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۈچ بۆلەك رايوننىڭ ئۆز ئىقتىدار ئەۋزەللىكى، خاس كەسىپلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىش، تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى قاراتمىلىق ھالدا قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈر، مۇھىم سۇپا، باشلامچى كارخانا، كەسپىي ئاپپاراتلارنى كىرگۈزىمىز.

«بىزنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانا ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش پايدىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قويۇپ بېرىشكە ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىز بار.» لى شۈەن مۇنداق بىلدۈردى: ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، قانۇنچىللىق كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرگە كۈچەپ، ھالقىلار تېخىمۇ ئاز، تەرتىپ تېخىمۇ تېز، تەننەرخ تېخىمۇ تۆۋەن، سىياسەت تېخىمۇ ئەۋزەل، مۇلازىمەت تېخىمۇ ياخشى بولغان بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە تۈرتكە بولىمىز.