​تىرىشىپ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن «يولنى راۋانلاشتۇردى»

日期:2023年11月06日
来源:天山网
【字体:

قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى:

​تىرىشىپ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن «يولنى راۋانلاشتۇردى»

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگېس، ئىختىيارىي مۇخبىر يۇڭ چېڭفەن

11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىكى شىنجاڭ جاۋفېڭخې بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، قازاقىستاندىن ئەمدىلا توشۇپ كېلىنگەن بىر تۈركۈم يەم - خەشەك دەرىجىلىك ئارپا ئىشلەپچىقىرىش خام ئەشياسى ئامبارغا كىرگۈزۈلۈۋاتاتتى، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى خالتا - خالتا خام ئەشيالار پىششىقلانغاندىن كېيىن تەييار مەھسۇلات دەستىلەپ تىزىش رايونىغا يەتكۈزۈلۈپ، ئاپتوماتىك ماشىنا بىلەك ئارقىلىق رەتلىك دۆۋىلەپ قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولغانىدى.

قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا ماكانلاشقان تۇنجى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ جاۋفېڭخې بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئاساسلىقى قازاقىستاندىن ئارپا قاتارلىق خام ماتېرىياللارنى ئىمپورت قىلىپ ئىشلەپچىقىرىدۇ - پىششىقلايدۇ، نۆۋەتتە، 1 - قاراردا يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 150 مىڭ توننا بولغان يەم - خەشەك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇرۇلدى، 2 - قارارلىق تۈردە يىلىغا 50 مىڭ توننا ياغلىق داندىن ياغ تارتىش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇرۇلدى، بۇ يىل تاماملىغىلى بولىدىغان مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 110 مىليون يۈەن بولۇشى مۆلچەرلەندى. بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: «شىركىتىمىز پەن - تېخنىكا ئارقىلىق مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بازارنى كېڭەيتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، مەھسۇلاتنىڭ رىقابەت ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، <قورغاستا ياسالغان> مەھسۇلاتلارنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازاردا تېز سېتىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ».

قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا، ماكانلاشقان كارخانىلار سۇ، توك، تەبىئىي گازدىن باج قايتۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماي، يەنە خام ماتېرىيال، ئۈسكۈنە قاتارلىق ماللارنى ئىمپورت قىلغاندا ئىمپورت تاموژنا بېجى ۋە ئىمپورت ھالقىسىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ، رايونغا كىرگۈزۈلگەن ماللار چېگرادىن چىقىرىلغان دەپ قارىلىپ، باج قايتۇرۇش سىياسىتى ھەم باجدىن خالىي مۇلازىمەت، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باغچە رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش... بۇ يىلدىن بۇيان، قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ تاشقى سودا نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئىشقا ئاشۇرغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 28 مىليارد 56 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %72.1 ئېشىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %93.5ى تاماملانغان. تاشقى سودا پائالىيىتىنى جانلىق قانات يايدۇرغان كارخانا 120دىن ئېشىپ، تاشقى سودا سوممىسى 7 مىليارد 388 مىليون دوللار بولغان.

نۆۋەتتە، قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا جەمئىي 571 كارخانا ماكانلاشقان، باجدىن خالىي پىششىقلاش، ئامباردا ساقلاش ئەشيا ئوبوروتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسى، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، رېمونت قىلىش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، 1000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەركىزى، ئايرىش - تارقىتىش مەركىزىنى پىلانلاپ قۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىنى ئېچىپ تورغا چىقىرىپ، باغچە رايونىنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن «يولنى راۋانلاشتۇردى».

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز <تەرەققىيات رايونى + ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون + يانداش رايون> سىياسەت گىرەلەشمە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ھەم يېمەكلىك پىششىقلاش، ماشىنىسازلىق - ئېلېكتىرون جابدۇقلىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاش، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، بىيوتېببىي دورا قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتى بىلەن <بىر بەلباغ، بىر يول>نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىچكى - تاشقى سودا بىر گەۋدىلەشكەن پىششىقلاش بازىسى بەرپا قىلىپ، بىرگەبىر ھۆددە ئېلىپ ئالاقە باغلاش، نۇقتىدا تۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، تىرىشىپ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنى 40 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرىمىز» دېدى قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى (سودا، ئىقتىساد - ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى)نىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈن يۇڭخۇڭ.