​ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، توك قاچىلاش قىيىن بولۇش مەسىلىسى كۈچەپ ھەل قىلىندى

日期:2023年11月06日
来源:天山网
【字体:

ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىدا:​

ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، توك قاچىلاش قىيىن بولۇش مەسىلىسى كۈچەپ ھەل قىلىندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجى

يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاۋ جۈنخۇي مىدۇڭ رايونى يىدا يەر ئاستى سودا كوچىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا ئاپتوموبىل توختىتىۋاتقاندا، بۇ جايدىكى ئىككى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىغا توكلىغۇچ ئورنىتىلغانلىقىنى بايقىدى. «قولايلىق بوپتۇ، بانكىغا كېلىپ كەسىپ بېجىرىپ بولغىچىلا ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاپ بولغىلى بولىدىكەن» دېدى ئۇ خۇشال ھالدا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ساقلانما مىقدارى سىجىل ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار تېخىمۇ تېز كۆپەيدى، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، توك قاچىلاش قىيىن بولۇش شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىنكاسى بىرقەدەر كۈچلۈك بولۇۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالدى. 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق بولۇش، ئۆلچەملىك توختىتىش، خەلققە قولايلىق يارىتىش» پىرىنسىپى بويىچە، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، توكلىغۇچ ئورنىتىپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بەردى.

مىدۇڭ رايونى داۋشياڭ جەنۇبىي يولى يىنخې ۋاڭچاۋ ئولتۇراق رايونى يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان ئولتۇراق رايون بولۇپ، ئولتۇراق رايوننىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى بىر پارچە بوش يەر بىرنەچچە كونا ئولتۇراق رايونغا قوشنا ئىدى، ئىلگىرى بۇ بوش يەرنى ئىدارە باشقۇرمايتتى، چاڭ - توزان كۆتۈرۈلۈپ، ئەخلەتلەر ھەممە يەردە چېچىلىپ تۇراتتى، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ پىكرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. بۇ ئىدارە نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشى بىرقەدەر كۆپ بولغان رايونلاردا ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇشنى پىلانلىدى ھەم 3 - تەرەپ شىركەتنى كىرگۈزۈپ بوش يەرنى ئېچىپ ئۆزگەرتىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى مۇۋاپىق پىلانلىدى.

ھازىر، بۇ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا 80 ئاپتوموبىل توختاتقىلى بولىدۇ، ھەر كۈنى مەخسۇس ئادەم ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ تازىلىقىغا مەسئۇل بولىدۇ. شۇ جايدىكى ئاھالە ما شياۋ مۇنداق دېدى: يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئاھالىلەرنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىشىغا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، ئەتراپنىڭ مۇھىت ئەھۋالىنىمۇ ياخشىلىدى.

مىدۇڭ رايونىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ئىدارە يەنە شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، لۇساۋگوۋ يېزىسى دۇڭشەن كوچىسىدا 250 ئاپتوموبىل توختاتقىلى بولىدىغان كېچىدە ھەقسىز ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تەسىس قىلدى. دۇڭشەن كوچىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2.5 كىلومېتىر بولۇپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە نۇرغۇن ئولتۇراق رايون جايلاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يولنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەتىگەنلىك بازار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئادەملەر بىرقەدەر كۆپ ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئولتۇراق رايونلارنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مىدۇڭ رايونى بۇ جايغا كېچىدە ھەقسىز ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تەسىس قىلدى ھەم يول كىرىش ئېغىزىغا كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ۋاقىتلىق توختىتىش كۆرسەتكۈچ تاختىسى ئورناتتى.

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلاش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مىدۇڭ رايونى توك قاچىلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سالغۇچى ۋە قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانىلار بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، مىدۇڭ رايونىدىكى شۇاڭيىڭ سارىيى، دۇڭخۇا مېھمانسارىيى قاتارلىق 32 ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا 150 توكلىغۇچ ئورناتتى.

مىدۇڭ رايونلۇق شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى لۇ ۋېي مۇنداق دېدى: «بىز ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرىكەت ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مىدۇڭ رايونىدا ئاپتوموبىلنىڭ سانى ئېشىش ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، شەھەر قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ۋە توكلىغۇچ قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىغا باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىمىز».