2023 - يىللىق شىنجاڭغا سۇچىلىق ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى غۇلجا شەھىرىدە ئېچىلدى

日期:2023年11月06日
来源:天山网
【字体:

​ما شىڭرۇي، لى گويىڭ سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز قاتناشتى

11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 2023 - يىللىق شىنجاڭغا سۇچىلىق ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى غۇلجا شەھىرىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر لى گويىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، غۇلجا، 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2023 - يىللىق شىنجاڭغا سۇچىلىق ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن غۇلجا شەھىرىدە ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭغا سۇچىلىق ئارقىلىق ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىندى، پىلانلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر لى گويىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە شىنجاڭغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مەبلەغ، تۈر، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى تولۇق بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭغا سۇچىلىق ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرى تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ سۇچىلىق خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش ۋە تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشنى يىرىك ئەندىزىدىن تۈجۈپىلىشىش، ئىلمىيلىشىشكە ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇشتا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۇنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سۇ بايلىقىنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا بولغان مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكى، ئۇللۇق خاراكتېرى، ئۇزاق مەزگىللىكلىكىنى يەنىمۇ چوڭقۇر تونۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولىمىز ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىمىز. سۇنى ئىدارە قىلىش، باشقۇرۇش تۈزۈم مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى مەركەزلىك بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەركەزلىك بىرتۇتاش، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇ بايلىقىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرىمىز. سۇ بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تۈجۈپىلىك - تېجەشلىك بولۇش، ياخشى ئىشلىتىش، تولۇق پايدىلىنىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، سانائەتتە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، سۇ كۆپەيتىش خىزمىتىنى ئىلمىي ياخشى ئىشلەپ، يەر ئۈستى سۇ بايلىقىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە تارتىشنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. چوڭ - چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ سۇ تورى ئاساسىي رامكىسى ۋە چوڭ تومۇرىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، پۈتكەن قۇرۇلۇشلارنى باشقۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ۋە سۇ تەڭشەش - ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. ماس تۈزەش سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈپ، دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر گەۋدە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقى، سۇ مۇھىتى، سۇ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى مۇستەھكەم كاپالەت بىلەن تەمىنلەيمىز.

لى گويىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «14 - بەش يىل»دىن بۇيان، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن بىلەن بىرلىكتە، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ دەل جايىدا كۈچەپ، شىنجاڭغا تۈرلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ شىنجاڭغا سۇچىلىق ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تىزگىنلەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇنى ئىدارە قىلىش پىكىر يولىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى باش ۋەزىپە قىلىپ، شىنجاڭغا سۇچىلىق ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ھەم ھازىرقى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، ھەم ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن سۇچىلىق تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك. سۇ تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سۇ تېجەش تۈزۈمى، سىياسىتىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، سۇ تېجەش بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىپ، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭ سۇ تورى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن سۇ بايلىقىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ماسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. رەقەملىك قوشماق سۇچىلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ۋادى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇ مەنبەسىدىن سۇ ئىشلەتكۈچىلەرگىچە بولغان پۈتۈن زەنجىرلىك، سۇ ساقلاش، سۇ يەتكۈزۈش، سۇ تەقسىملەشتىن ئىبارەت پۈتۈن جەريانلىق سۇ بايلىقىنى تەڭشەش سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. مىخ قېقىش روھى بىلەن نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، بىرىكمە كۈچنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا سۇچىلىق ئارقىلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

سۇچىلىق مىنىستىرلىقى يىرىك پىلان - پىلان مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى، بىڭتۇەن سۇچىلىق ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار شىنجاڭغا سۇچىلىق ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەننىڭ سۇچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى ئايرىم - ئايرىم دوكلات قىلدى. سۇچىلىق مىنىستىرلىقى يېزا سۇچىلىق - سۇ ئېلېكتىر مەھكىمىسى، چاڭجياڭ دەرياسى سۇچىلىق كومىتېتى، خۇاڭخې دەرياسى سۇچىلىق كومىتېتى، سۇچىلىق - سۇ ئېلېكتىر پىلانلاش - لايىھەلەش باش يۇرتى، جۇڭگو سۇچىلىق - سۇ ئېلېكتىر پەن تەتقىقات يۇرتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چېن مىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. سۇچىلىق مىنىستىرلىقى چاڭجياڭ دەرياسى سۇچىلىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر ليۇ دۇڭشۇن، خۇاڭخې دەرياسى سۇچىلىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر زۇ لېيمىڭ، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، مەردان مۇقىيىت، ليۇ شىنجيەن، ياڭ شيۇلى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ سۇچىلىق تارماقلىرى، ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە شى، شەھەرلەر، ئالاقىدار كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.