«شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى پائالىيەت ئوتتۇرا ئاسىيادا باشلاندى

日期:2023年11月06日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئالمۇتا، 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ھەبىبە، ئارمان رازاق خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا، 2023 - يىللىق «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستانغا بېرىپ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ساياھەتنى كېڭەيتىش پائالىيىتى باشلاندى. شۇ كۈنى كەچتە، 100گە يېقىن ئۆمەك ئەزاسى ئالمۇتاغا يېتىپ باردى.

جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە قازاقىستان، ئۆزبېكىستاندا ناخشا - ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى چوڭ تىپلىق تىياتىر «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ ھەم يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ساياھەتنى كېڭەيتىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئىناق قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ.

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى «تىيانشاندىكى لەرزان ئۇسسۇل» «يېڭى يىپەك يولىدىكى ناخشا ساداسى» «كوئېنلۇندىكى مۇھەببەت سىمفونىيەسى»دىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن كىلاسسىك مۇزىكا ئەسىرى ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى، موڭغۇل مىللىتىنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى «جاڭغىر»، قىرغىز مىللىتىنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى «ماناس»، قازاق مىللىتىنىڭ قاراجورغىسى قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرى ئورۇنلىنىپ، ئاجايىپ گۈزەل، پارلاق تارىخىي مەدەنىيەت تولۇق نامايان قىلىنىدۇ، شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە، يېڭى ئەمەلىيەتنى كۈيلەش داۋامىدىكى يېڭى قىياپىتى، يېڭى نەتىجىسى، يېڭى كەيپىياتى نامايان قىلىنىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئىناق بولغان مەنزىرىسى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى كېڭەيتىش پائالىيىتىدە يەنە «كۇەيشەن» «فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى» قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك تارماق پائالىيەت يانداش ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەتنى تونۇشتۇرۇش، مەدەنىيەت - ساياھەت كارخانىلىرى يەرمەنكىسى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش بويىچە ئىلىم ئالماشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش قانات يايدۇرۇلۇپ، شۇ جايدىكى تاماشىبىنلارغا مول ۋە كۆپ خىل جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇپ، سىرتنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا بولغان تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» نام كارتىسىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرىدۇ.